(ئاكام مۇھەممەت ئەلى توختىنىڭ مەن ياختۇرىدىغان شېئىرلىرى)
ئامرىقىم
ئەنسىرەيمەن سېنى سۆيۈشتىن يېتەرمۇ دەپ خەتەر ئامرىقىم،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىگەن بىر كۈن ھالىم ئەجەپ بەتەر ئامرىقىم.
كۈلۈپ تۇرغان چىھرىڭگە باقسام مىسكىن دىلىم تاپار تەسەللى،
كۆرۈپ قالسام كۆزلىرىڭدە ياش يېگەن ئېشىم زەھەر ئامرىقىم.
قارا باسار ناۋادا سېنى تاپالمىسام چۈشۈمدىن ئىزدەپ،
سېغىنىمەن سېنى ھەر مىنۇت، ھەر بىر ئاخشام، سەھەر ئامرىقىم.
كەلدى باھار لىكىن ئېچىلماس، سەن كەلمىگەچ بەختىمنىڭ گۈلى،
دەشىت-چۆللەر سەن بىلەن بولغاي گويا ئاۋات شەھەر ئامرىقىم.
باغلىنىپتۇ بىر ساڭا مەيلىم، ئىزلىمەسمەن ئۆزگىنى ئەسلا،
تېپىلمايدۇ يەتتە ئالەمدىن سەندەك ساھىپ قەمەر ئامرىقىم.
يۈرۈكۈمدە تەشنالىق پەۋەس، ئاشىق ساڭا ھەر تىنىق، نەپەس،
ھىچ بىلمەيمەن قانداق ياشاشنى سەن بولمىساڭ ئەگەر ئامرىقم.
ئۇنتۇلۇشنى كۈتمىگىن ھەرگىز، ياتتۇر ماڭا ئۇنتۇش دېگەن سۆز،
ياتلىنىسەن رۇھ بىلەن تېنىم ئايرىلغانغا قەدەر ئامرىقىم.
ئاخشىمى
ئىھتىتىيات قىل دىلبىرىم چىقما تالاغا ئاخشىمى،
پۇشايمانغا كۆزا يوق قالساڭ بالاغا ئاخشىمى.
قورۇقما چىقساڭ مەن بىلەن، ياندا رۇستەم باتۇرۇڭ،
مەن بولمىسام بارمىغىن نەغمەـ ناۋاغا ئاخشىمى.
قۇتقۇزارمەن جان تىكىپ كەلسە دۈشمەن ھۈركىرەپ،
ناھەقچىلىك بولسىمۇ بارما داۋاغا ئاخشىمى.
دۈشمەن نىيتى ياماندۇر، كەلگەي قولىدىن ھەر بالا،
ئەڭ ئېسىل نىقاپ بولۇر كۆڭلى ئالاغا ئاخشىمى.
بىر گۈزەل چىققانئىكەن يانىدا يارى يوق تۇرۇپ،
ئايلىنىپتۇ ناتىۋان، بەختى قاراغا ئاخشىمى.
تۈننىڭ كۆڭلى بەك قارا، كۈتمە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق،
يەنە ئارتۇق دەرت قوشۇر كۆكسى ياراغا ئاخشىمى .
ئەمەسمۇ
(خەلىق ناخشىللىرىغا تەقلىد)
« سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ،
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ.»
سېنىڭ ئوتلۇق بېقىشىڭدا قەلبىم كۈيەدۇ،
قاراقلىرىڭ يۈرەكىمدە گۈلخان ئەمەسمۇ.
مەغرۇر قەددىم كۆردى ساڭا قۇللۇقنى راۋا،
سەن سۆيگۈمنىڭ ئالىمىگە سۇلتان ئەمەسمۇ.
مەدەتكارىم بولغىن جانان ھايات كۆرەشتۇر،
شېرىن سۆزۈڭ ھارغىن جانغا دەرمان ئەمەسمۇ.
بەختىڭ ئۈچۈن بۇرۇچ ماڭا ئول جان پىدالىق،
مەجنۇن ئۈچۈن لەيلى چۈشى پەرمان ئەمەسمۇ.
باھارىمنى كۈيلۈگۈم بار شېخىڭغا قونۇپ،
سەن بولغاچقا ئۆمرۈم باغۇ ـ بوستان ئەمەسمۇ.
قىزىل گۈللەر ئېچىلغايمۇ ساداقىتىمدىن،
ۋاپا ئەھلى ئەل تىلىدا داستان ئەمەسمۇ.
ئاي يۈزۈڭگە بېقىپ ئازدىم ئەقلى ـ ھۇشۇمدىن،
شوخلۇقۇڭغا جانىم مەسۇ ـ مەستان ئەمەسمۇ.
قۇتۇلماقنى ئىزدىمەيمەن كېشەنلىرىڭدىن،
ئاشىق ئۈچۈن قەپەس كەڭرى ئاسمان ئەمەسمۇ.
ئانا تىلىم ساڭا دىلدىن كۈيۈپ قالدىم
جامالىڭنى بەت يۈزىدە كۆرۈپ قالدىم،
گۈزەللىكنىڭ ھوزۇرۇنى سۈرۈپ قالدىم.
ۋاپادارىڭ بولماققا ھەم ئانا تىلىم،
بەلنى باغلاپ، يەڭلىرىمنى تۈرۈپ قالدىم.
يۈرۈكۈمگە يېقىپ ياتتىم كىتابىمنى،
تاتلىق، چۈچۈك سۆزلىرىڭگە كۆنۈپ قالدىم.
سەندە بەردى مەھمۇت، يۆسۈپ تونۇشلۇقنى،
نەۋائىينىڭ غەزىلىدە كۈلۈپ قالدىم.
تېپىۋالدىم سەندە بۈيۈك يىلتىزىمنى،
تۇنيۇقۇقلار يىقىلغاندا ئۆلۈپ قالدىم.
لوتپۇللا ھەم ئابدۇخالىق مەشۇقىنى،
بىر ئىلاھى سۆيۈنۈشتە سۆيۈپ قالدىم.
كىم بويتاق دەر سەندەك يارىم تۇرسا مېنىڭ،
ئانا تىلىم ساڭا دىلدىن كۈيۈپ قالدىم.
ئانا تىلدا
مەرىپەت گۈلىنى خۇشبۇي ئۈزەي دەيمەن ئانا تىلدا،
گويا دىڭىز ئارا گەۋھەر سۈزەي دەيمەن ئانا تىلدا.
بۇ تىل بەردى مۇقامغا جان، ئاڭا ئاشىق دىھقان، سۇلتان،
سەنئەتلىك بىر ئېسىل سورۇن تۈزەي دەيمەن ئانا تىلدا.
يۈرەكنى قىينىغاچ ھىجران، غەزەل يازدىم سەھەر ئاخشام،
نىگارنىڭ يۈزىنى خۇشخۇي كۆرەي دەيمەن ئانا تىلدا.
كۆرەشلەردە قۇرال قىلسام، رەقىپلەر باغرىنى تىلسام،
باھار پەيزىنى بۇلبۇلدەك سۈرەي دەيمەن ئانا تىلدا.
كىرەكمەس ئۇ دېدى بىرلەر، كۆڭلىنى قاپلىغاچ كىرلەر،
قارغاشلارغا نۇمۇسسىزنى كۆمەي دەيمەن ئانا تىلدا.
قاراڭغۇغا چىراغ ياققان، بۇ تىل تارىمنى يۇرۇتقان،
سىرلارنىڭ تەكتىگە چوڭقۇر چۈمەي دەيمەن ئانا تىلدا.
بۇ تىلدا سۈت ھىدى باردۇر، ئەجداتلار مىھنىتى باردۇر،
بوۋام بەرگەن شۇ تاتلىقنى شۈمەي دەيمەن ئانا تىلدا.
ئانام بار
بەخىتلىكمەن كۆزۈمگە قارايدىغان ئانام بار،
مەن يىغلىسام يۈرىكى قانايدىغان ئانام بار.
رەنجىمەيمەن بىلمىسە قەدرىمنى گەر ئۆزگىلەر،
مېنى جاندىنمۇ ئەزىز سانايدىغان ئانام بار.
مۇزلاپ كەتسەم ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا رەھىمسىز،
ئوتۇن ئۈچۈن پۇتىنى چانايدىغان ئانام بار.
كىيىملىرىم پارقىراق يۇيۇپ بەرگەچ مىھرىبان،
يىرتىقىمنى ئۇخلىماي يامايدىغان ئانام بار.
رەقىپلەرنىڭ توزىقى، قەستى بىلەن يىقىلسام،
مەدەت بېرىپ،بېشىمنى سىلايدىغان ئانام بار.
قالسام يارسىز يىگانە، بولۇپ تەتۈر پىشانە،
يىغلاپ تۇرۇپ ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار.
نەپرىتى ئوق كۆڭلۈمگە ئازار قىلغان كىشىگە،
دۈشمەنلىرىم يولىنى تورايدىغان ئانام بار.
ئامرىقىمنى بەك بىلەر، كۈندە بەختىمنى تىلەر،
ھەممە ئىشى كۆڭلۈمگە يارايدىغان ئانام بار.
خۇدايىمدىن تىلەيمەن دېيىشىمنى بىر كۈنى،
ئەۋرىسىنىڭ چېچىنى تارايدىغان ئانام بار.
ئانام ياققان نان
مىھىر بىلەن يۇغۇرۇلغان ئانام ياققان نان،
سۆيگۈ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئانام ياققان نان.
قۇۋەت تېپىپ يىگىت بولدۇم ئەشۇ سۆيگۈدىن،
ۋۇجۇدۇمغا بەرمەكتە جان ئانام ياققان نان.
تاۋلانغان ئۇ تونۇرلاردا مۇھەببەت بىلەن،
مەڭزى قىزىل، يۈزى جانان ئانام ياققان.
شۇ نان بىلەن سېڭدى رۇھقا ئەقىل ۋە ئىمان،
يۈركۈمگە بولدى دەرمان ئانام ياققان نان.
ماختىنىمەن كۆرگەنلەرگە ئەشۇ نان بىلەن،
تىكلەر ماڭا ھەم شەرەپ-شان ئانام ياققان نان.
سېغىنمەن قەيەرلەردە يۈرسەم مەن ئۇنى،
بولدى ماڭا گۈزەل ئارمان ئانام ياققان نان.
كور بولىدۇ دەيدۇ ئانام ناننى خارلىغان،
قەدىرلەيمەن سېنى ھامان ئانام ياققان نان.
ئانامنىڭ قولى
ئەجەپ شىرىن، سۆيۈملۈكتۇر ئانامنىڭ قولى،
ھەممىدىنمۇ كۈيۈملۈكتۇر ئانامنىڭ قولى.
كۆرەلمىدىم ھىچ چاغ بىكار شۇ بىر جۈپ قولنى،
ئىشتا ھارماس، ئۆنۈملۈكتۇر ئانامنىڭ قولى.
ئولتۇرغۇزۇپ تۆردە ئېسىل تائاملار تىزدى،
كۈندە تاتلىق تۈرۈملۈكتۇر ئانامنىڭ قولى.
كىرلار يۇيغان ئالقىنىغا قاداق چۈشۈپتۇ،
مەن ئۈچۈن ئەڭ كۆرۈملۈكتۇر ئانامنىڭ قولى.
سۈرمە قىلاي سېنى كۆزگە، قانماستىن سۆيەي،
بىر ئۆمۈرلۈك مىھنىتىڭ بار ئانامنىڭ قولى.
2011/9/
ئانامسىز
بۇ دۇنياغا تۆرەلمەستىم ئانامسىز،
ئادەملەرنى كۆرەلمەستىم ئانامسىز.
چوقۇم گۈزەل ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى،
ھازىرقىدەك سۈرەلمەستىم ئانامسىز.
دۈشمىنىمگە بەلكىم ساختا ھىجايماي،
قوشۇمامنى تۈرەلمەستىم ئانامسىز.
ھىچ غېمى يوق بوۋاقلاردەك ۋىلىقلاپ،
قېنىپ بىر رەت كۈلەلمەستىم ئانامسىز.
مىڭ تەشككۈر بولسۇن قادىر خۇداغا،
ھىكمەتلەرنى بىلەلمەستىم ئانامسىز.
رىئاللىققا ئايلىنىپتۇ كۆپ چۈشۈم،
ئارزۇيۇمغا يېتەلمەستىم ئانامسىز.
ساڭا بولسۇن ياخشىلىقىم ساۋابى،
ئەلنى رازى ئېتەلمەستىم ئانامسىز.
كۆزۈڭ
تۈنلىرىمنى يۇرىتار چىراقچى كۆزۈڭ،
سۇئاللارنى تاشلايدۇ سوراقچى كۆزۈڭ.
يۈرۈكۈمنى ئوغرىلار تەبەسسۇم بىلەن،
بۇلاپ ئالار مەيلىمنى قاراقچى كۆزۈڭ.
كۈلەر كۆرۈپ ئازاپتىن تولغانغىنىمنى،
ئويۇنخۇمار،رەھىمسىز،چاۋاكچى كۆزۈڭ.
نىمە بولدى ساتقىنىڭ، دەسمايەم تامام؟
ئەگەر بولسا سودىگەر پىراقچى كۆزۈڭ.
سەھەر،ئاخشام جېنىمغا يوقتۇر ئاراملىق،
ئاھ! ئەجەپمۇ قىينىدى چاتاقچى كۆزۈڭ.
كۆرۈپ ئاپتۇ مىسقالچە ئەيىپلىرىمنى،
ھالى يامان،تەكەببۇر،پۇتاقچى كۆزۈڭ.
ئېتىزىغا كۆڭلۈمنىڭ ھىجران تېرىپتۇ،
بەك ئاينىدى ئىشچانكەن ئوتاقچى كۆزۈڭ.
باغلىۋالدىڭ بىلمىدىم نە ئايەت بىلەن،
ياكى مۆمىن دۇئاگۇي،تاۋاپچى كۆزۈڭ.
مېنى ئۆزى خالىغان ئۇسسۇلغا سالار،
بەلكى ئۇستا مۇقامچى، راۋاپچى كۆزۈڭ.
كۆيگەن قاقشال تېنىمدىن ئۆرلەيدۇ تۈتۈن،
كىرپىكىڭ زىخ ئېھتىمال كاۋاپچى كۆزۈڭ.
ئېيتقىن كىمدىن ئۈگەندىڭ باغرى تاشلىقنى،
بولالمامدۇ بىر ئۆمۈر ساۋاپچى كۆزۈڭ؟
ئانىجان
گۈل بېغىمسىز چىرايلىق، پاراغىتىم ئانىجان،
ئاي يۈزۈمنىڭ نۇرى سىز، سائادىتىم ئانىجان.
قىينىسىمۇ دەرت-ئەلەم، ئالدىسىمۇ شوخ سەنەم،
بىلىنمىدى سىز بولغاچ قانائىتىم ئانىجان.
ماختايدۇ ئەل ھۇشۇمنى، ئۆتكۈر ئەقىل نۇرۇمنى،
سۈتتىن سىڭگەن رۇھىمغا پاراسىتىم ئانىجان.
رەقىپلىرىم يىڭەلمەس، تىزىمنى ھىچ ئىگەلمەس،
مەدەتچىمسىز يېنىمدا، جاسارىتىم ئانىجان.
ئۆزۈمنى ئەر چاغلىدىم، ئەلگە مىھىر باغلىدىم،
ئەلگە سىزدىن مىراستۇر ساداقىتىم ئانىجان.
ھەر كۈن ھارماي ئىشلىدىم، چىشنى چىشقا چىشلىدىم،
سىز بولسىڭىز تۈگىمەس كارامىتىم ئانىجان.
سىزنى قوغداش پەرىزدۇر، ھەم مۇقەددەس قەرىزدۇر،
خۇدا بەرگەن ئەڭ ئېسىل ئامانىتىم ئانىجان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 05:07 PM