يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،
سىزگە ئاشىق يۈرىكىم قاناپ.
كۈتۈش ئەجەپ تۇيۇلدى ئۇزاق،
يارسىز ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ.
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،
گۈلدەك يۇمران لېۋىمنى چايناپ.
پەيدا قىلدى بېشىمدا سەۋدا،
شورلۇق تۇزدەك تۇمۇرۇم قايناپ.
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،
يېقىپ ئاتەش باغرىمنى يەرگە.
ئاقتى ئاچچىق قىسمىتىم بىللە،
زەرداب سۇدەك قوشۇلۇپ تەرگە.
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،
قۇچاق ئېچىپ جۇدالىق پەسلى.
شېرىن چۈشتەك يىراقتا قالدى،
جانغا ھۇزۇر مۇھەببەت ۋەسلى.
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،
سەرسان روھنى پاكىزە يۇيۇپ.
مەستلەپ كەتتى قاناتلىق خىيال،
جانغا ھىجران شارابى قۇيۇپ.
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 02:08 PM