|
|
|
|
ئادانا كاۋىپى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بازار ئادانانىڭ ئۆزگىچە كاۋىپى بولۇپ، ئاساسلىقى قوي گۆشى ئىشلىتىلىدۇ. ئالدى بىلەن سىمىز گۆش ۋە ئورۇق گۆشنى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئاندىن ئالاھىدە ياسالغان يايلىق پىچاق بىلەن تەكرار توغرىۋېلىنىدۇ، گۆش ئۇششاق پارچىلانغاندىن كېيىن، سىمىز، ئورۇق گۆش بىر كاللەك قىلىنىپ، ئالدىن تەييارلىنىۋېلىنغان 50 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ، كاۋاپدانغا قويۇپ قاقلىنىدۇ.
ئادانا كاۋىپى مايلىق بولۇپ، تەمى ئاچچىق-چۈچۈك، بۇ كاۋابنى يېگەندە چوقۇم قاقلىغان لازا، پەمىدۇر ۋە قېتىق ئىچىش كېرەك، بولمىسا ياخشى ھەزىم بولماي قالىدۇ. مەنبەسىhttp://uyghur.people.com.cn/
|
|
|
|
|
|