مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2397|ئىنكاس: 7

قازارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:21:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قازارلار


     قازارلار(Khazars) ئادەتتە غەربى تۈركلەر(ئون ئوق)نىڭ بىر قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە قازارلار  شىمالى ھۇنلار بىلەن قاڭقىللارنىڭ غەربكە كۆچۈپ ياۋروپا بارغان ساراغۇر(Saragur) قەبىلىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ يەنە يەرلىك مىللەت(چېچېن)لەرنىڭ بىر قىىسمىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلار مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە رۇسسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالىدا پەيدا بولغان.


未命名.jpg

   

قازارلار(可萨)نىڭ مىللەت تەركىبى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ،مىلادىيە 5-ئەسىرلەردىكى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىنىڭ تارىخى ئەسەرلىردە ھەمىشە بىر ئاكاسىر(Akatziroi) دەپ ئاتىلدىغان مىللەتنى تىلغا ئالىدۇ،484-يىلى ئاتىللانىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپتىدە تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنى كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالى ۋە ئازاق دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان قەبىلە دەپ قارىغان.بەزىلەر قازارلارنى ئاق ئالان دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ،بىراق قاڭقىللارنىڭ گاسار(葛萨) قەبىلىسى ئۇلارنىڭ بىۋاستە كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.


قازارلار يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن،ئۆزلىرنىڭ مىللەت مەنبەسىنى نوھ(ئەلەيھىسالام-ت)نىڭ ئوغلى گومېر(Gomer)،گومېرنىڭ ئوغلى يافەس(Japheth)كىچە باغلايدۇ.يەنە بەزىلەر قازارلارنى نۇشىبىلار(Nushibi)دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.قازارلار شەرقى ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىن شىمالى كاۋكازغىچە بولغان جايلاردا يېرىم ئولتۇراقلاشقان.



قازارلار دەسلەپتە غەربى تۈركلەر ئازراق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ،كېيىن تولۇق مۇستەقىل بولغان.ئۇلار مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالى كاۋكازدىن ئىدېل( ۋولگا) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەنكى بويلىردا قۇدرەتلىك  قازار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ھەم يىپەك يولىنىڭ شىمالى قاتنىشىدىكى بىر قەدەر مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلانغان.قازار خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە بۈگۈنكى خارەزىم ۋە غەربى قازاقىستان ئوبلاستىدىن غەربتە دوناي دەرياسى بىلەن بۈگۈنكى ئۇكرائىنا ۋە داغىستاننىڭ مەركىزىگىچە بولغان جايلارنى،جەنۇبتا گرۇزىيە،چېچىنىيە،قىرىم،كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقى-شىمالى قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.قازارلار شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە ئەرەب ئېمپىرىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان.


قازارلارنىڭ قاغانى تارقان(Tarkhan) دەپ چاقىرىلدىغان بولۇپ،«قازار››دېگەن سۆز گېرمانچىدا «كاپىر›› دېگەن مەنىنى،گرىكچىدا «ھۇن چەۋەنداز›› دېگەن مەنىنى،رۇسچە ۋە ئىبرايچىدا  «پادىچى›› دېگەن مەنىنى،ئەرەبچىدە «كىچىك كۆز›› دېگەن مەنىنى،ئەرمەنچە ۋە گرۇزىنچىدە«شىمال››دېگەن مەنىنى،تۈركچىدە بولسا «قېچىش،قاچاق›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ.قەدىمقى پېرسىيە تارىخى كىتابلىردا قازارلار بۇلاڭ-تالاڭغا،ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا ھېرىسمەن دەپ خاتىرلەنگەن،ئۇزۇن نەيزە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى بولغان.ئاسىيالىقلار كېيىنچە ياشاش ئۇسۇلى قازارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلارنىمۇ قازارلار دەپ ئاتىغان.1480-يىللاردا،گرۇزىيەدە ئۆزلىرنى قازارلار دەپ ئاتايدىغان تۈركى تىللىق چارۋىچى قەبىلە بار ئىكەن.كېيىنكى كازاك(казаки) ۋە قازاق(Каза́хи)لارنىڭ نامىمۇ مۇشۇ قازار دېگەن نامدىن كەلگەنىكەن.چېچىن تىلىدا «قازار›› دېگەن سۆز ‹‹گۈزەل جىلغا›› دېگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن.


قازار خانلىقىدا قازارلاردىن باشقا يەنە بەلەك تۈركى قەبىلىلەر،پارسىلار،ئوغۇرلار،سلاۋيانلار،گوتلار ۋە كاۋكازلار ياشىغان.پارسچە يېزىلغان «ھۇدۇد ئەل ئالەم››دېگەن كىتابتا قازار خانلىقىنىڭ قاغانىنىڭ تەگئاتى(فامىلە) ئاشىنا دېيىلگەن.


قازارلار شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى بىلەن پېرسىيە ئېمپىرىيەسى ئازەربەيجاننى تالاشقان ۋاقىتتا قازار قاغانى جابىر شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىگە بۆرە(سەركەردىنىڭ ئىسمى) باشچىلىقىدىكى 40 مىڭ ئەسكەر بېرىپ تۇرغان، قازارلار بۇندىن بۇرۇن كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا شەرقى رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشقانىدى.قازارلار يەنە ئەرەب ئۇمەييە سۇلالىسنىڭ شەرقى ياۋروپاغا بولغان تاجاۋۇزىنى زور كۈچ بىلەن توسقان.


8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا قازالارنىڭ قاغانى شامان دىنىدىن يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،تەخمىنەن 740-يىلى قازار قاغانى بىر يەھۇدى قانلىق سانغۇننىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا يەھۇدى دىنىغا كىرگەن ھەم يەھۇدى دىنىنى قازار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم پۇقرالار قاغانغا ئەگشىپ يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،لېكىن خانلىقنىڭ كۆپ قىسىم پۇقرالىرى ئىسلام ۋە خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.


10-ئەسىردە ئەرەبلەر قازارلارنى يەھۇدىلاردىن پەرقلەنمەيدۇ دەپ قارىغان.قازار خانلىقى 11-ئەسىردە كىيۋرۇس كىنەزلىكى،شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە پەچەنەكلەر(تۈركى قەبىلە)نىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن گۇمران بولغان.ھازىرقى قىرىمىيە(قىرىم) ئىلگىرى قازارىيە دەپ ئاتىلاتتى،نۇرغۇن مىللەتلەر ھازىرمۇ كاسپىي دېڭىزىنى قازار دېڭىزى دەپ ئاتايدۇ.قازارلار ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتتا تەسىر كۈچى ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلغىچە يېتىپ بارغان.

قازارلار ياۋروپادىكى تۈركى قەبىلىلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىكى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۈچ ئاستانىسى بولغان.

بىرىنجىسى: بارۇنغار،تېرەك دەرياسىنىڭ جەنۇبى تارماق ئېقىنى سۇلاق دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىگە جايلاشقان بولۇپ،722-يىلدىن 723-يىلغىچە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.


ئىككىجىسى:سەمەندەر،ھازىرقى ماخاچقالانىڭ ئەتراپىدا.


ئۈچىنجىسى:ئادىر،ئاستىراخاننىڭ شىمالىدا.


قازار خانلىقى 1030-يىلى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە كىيۋرۇس كىنەزلىكىنىڭ ھۇجۇم ئاستىدا گۇمران بولغان،ئۇلارنىڭ يەرلىرى قىپچاقلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن.قازار خانلىقىنىڭ زېمىنى كىيۋرۇس كىنەزلىكى ۋى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم قازارلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ئوتتۇرا-ئاسىيا ۋە ئېدىل(ۋولگا) دەريا ۋادىلىردىكى تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلارغا ئايلانغان.يەنە بىر قىسىم ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان قازار تۈركلىرى رۇسسىيەنىڭ نەچچە قېتىملىق يەھۇدىلارنى قوغلاش دولقۇنىدا توختاۋسىز ھالدا ئوتتۇرا شەرققە قاراپ كۆچكەن ھەم ئاخىرى ئاشكىنازى يەھۇدىلىرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.قازارلارنىڭ يەنە ئۈچ قەبىلىسى پاننونىيە(Pannonia)گە ئەۋەتىلگەن،ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قىرىم تاتارلىرى ۋە قالماقلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.


قازار خانلىقىنىڭ تەختى قاغان ۋە قاغانبەگ(Khagan Bek) ئىككىگە بۆلۈنگەن.ھازىرقى زامان ئەرەب تارىخىچىلىرنىڭ قارىشىچە قازار خانلىقنىڭ قاغانى(ئاشىنا ئۇرۇقىدىن)  مەنىۋى جەھەتتىكى ھۆكۈمران بولۇپ،ھوقۇقى چەكلىك ئىكەن،ئەمەلى ھوقۇق قاغانبەگنىڭ قولىدا بولۇپ ھەربى،مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەن،قاغان بىلەن قاغانبەگ ئېدىل دەرياسىدىكى بىر ئارالدا تۇردىكەن، قاغاننىڭ 25 خانىشى ۋە 60 توقىلى بولىدىكەن،ئوردىدا يەنە ئاغۋاتلار بولىدىكەن.بۇ ئۇسۇل كېيىنكى ھۇنگىرلار ۋە ئوغۇزلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.


     بىر مۇسۇلمان تارىخچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،قازارلار ئىككىگگە بۆلۈندىغان بولۇپ تېرىسى ئاق،سېرىق چاچ،كۆك كۆز كەلگەنلىرى ئاق قازار دېيىلدىكەن،تېرىسى قارا كەلگەنلىرى قارا قازار دېيىلدىكەن.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تۈركى تىللىق دۆلەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايرىش(سىياسى جەھەتتە،ئىرقى جەھەتتە ئەمەس) مەۋجۇد بولۇپ «تېرىسى ئاق›› لىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئاقسۆڭەكلەرنى كۆرسەتسە،«قارا››لىرى ئاددى پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.


قازارلارنىڭ قاغانى ئادەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ ،تۆت ئايدا بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرستىدىكەن،كۈندىلىك ئىشلارغا قاغانبەگ مەسئۇل بولىدىكەن،قاغانبەگ كۈندە بىر قېتىم قاغان بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىكەن.بىر ئەرەب يازغۇچىسى 10-ئەسىردىن كېيىنكى قازار ئاقسۆڭەكلىرى يەھۇدىلار دېگەن.قازار خانلىقى ئاھالىلىرى ئۆزلىرنىڭ ئىككى يەھۇدى،ئىككى مۇسۇلمان،ئىككى خىرىستىئان سوتچىلىرى بولىدىكەن،سىلاۋيانلارنىڭ بولسا باشقا سوتچىسى بولىدىكەن.بەزىلەر قازارلارنىڭ قاغانى بىلەن قاغانبەگنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى ياپونىيەنىڭ تېننوسى بىلەن باكافۇ سانغۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ.

قازارلار غەربى تۈركلەرگە ئوخشاش قىرىمدا تۇدۇن(ئەمەل نامى،Tudun) قويغان بولۇپ،ئۆزىگە تەۋە خانلىقلارنىڭ باشلىقىنى ئىلتەبىر(Elteber)لىككە تەيىنلەيدىكەن.ئۇلارغا ئولپان تاپشۇردىغان قەبىلىلەردىن پەنەچەكلەر،ئوغۇزلار،سابىرلار،قىرىم گوتلىرى،قىرىم ھۇنلىرى،ماجارلار،گىرۇزىنلار،ئەرمەنلەر،ئالانلار،شىمالى كاۋكاز ھۇنلىرى،لەزگىلەر،ئاۋارلار،چەركەزلەر،ئازەرىلەر،شەرقى سىلاۋيانلار،بۇرتاسلار،بۇلغارلار،مولداۋانلار ۋە قاڭقىللارنىڭ باسەي قەبىلىسى قاتارلىقلار بار.


مەنبە:ۋىكىپىدىيە               تەرجىمىدە:بىلگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 01:04 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:50:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن قېرىندىشىم .
بىر دەمدە قازارلار توغرالىقمۇ بىلىمگە ئىگە بولدۇم .
ئەمدى يەنە بىر قەۋىم ئاۋارىلار توغرالىق ماتىريال بولسا تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز .كۆپ رەھمەت .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85292
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 01:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ تەشەككۈر ، مۇشۇنداق تارىخلارغا بەكمۇ قېزىقاتتىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 01:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 12:50 PM
تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن قېرىندىشىم .
بىر دەمدە قا ...

خۇدايىم بۇيرىسا،پات يېقىندا.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 02:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،  بۇنداق مىللەتنىڭ بارلىقىنى   رەھمەت سىزگە

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8119
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 05:54:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقلارمىكىن دەپ قاپتىمەن

كامىل،يۇۋاش

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 12:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئۇقۇيدىغان بوپ قالدىم ، داۋاملىق ئالغا ، مۇشۇنداق تېمىلارغا سەت قىزىقىمەن جۇمۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88471
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 04:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
回帖是种美德,从我做起  回复时间:uc6












雅诗兰黛正品价格http://bux40.com/post/340.html天天网购http://muboj.com/post/541.html以纯女士羽绒服http://tldrn.com/post/336.html淘宝分销平台http://8tzhf.com/post/500.html服装店名http://889zf.com/post/561.html淘宝网购物女装http://buyiyan.com/post/424.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش