ئىسىمى : ئېمىنېم
ئىنگلىزچە ئىسمى: Eminem
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 埃米纳姆
تۇغۇلغان ۋاقتى:1972 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى: 1.77
بەدەن ئېغىرلىقى: 68 كىلوگرام
كەسپى: ناخشىچى . مۇزىكا ئىشلىگۈچى . رىجىسور ، كارخانىچى . ساخاۋەتچى
قان تىپى : B
ئائىلە ئەھۋالى : توي قىلغان ، بىر قىزى بار
ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى : RAP,HIP-HOP
ۋە كىللىك ناخشىللىرىدىن : ئەمدى قورۇقمايمەن . ماڭا دوختۇر كىرەك . مىنىڭ كەلگۈسۈم ، چەكلەش . قارلىقلار
ئېمىنېمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى :
Eminem نامرات ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇ ئالتە يېشىدا ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ. ئانىسى باشقىلارنىڭ ئۆي ئىشىنى قىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئائىلىسىنى باققان ، ئېمىنېم بالىلىق دەۋرىدە ئائىلىسى ناھايىتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە شۇ سەۋەپلىك ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلۇپ قالغىلى تاسلا قالغان ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىم بوزەك قىلىشى ۋە خورلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتى ئۇ 8 ياش ۋاختىدىن باشلاپ بايقالغان ، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى قاباھەتلىك ئىشلار ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر جاراھەت ئىزىنى قالدۇرۇپ قويغان . شۇ سەۋەپلىك ئۇ جەمىيەتكە بىر خىل ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ چوڭ بولغان ، گەرچە ئۇ ئۈزى بىر رەپچى بولسىمۇ ئادەتتە ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدىغان. كۈلمەيدىغان . ئامىيۋىي سورۇنلارغا كۆپ بارمايدىغان، يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدىغان . باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان . سىياسى ئەمەلدارلارنى ئۆچ كۈرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالغان ۋە ئۇقىغان ناخشىللىرىغىمۇ بۇ خىل ھىسيات كەڭ سىڭىپ كەتكەن شۇ سەۋەپلىك كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بۇلۇپ قالغان. بىراق ئۇ قىلچە بۇشاشماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان . ئاخېرىدا پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئاق تەنلىك رەپ ناخشا شاھىغا ئايلانغان، 1991 - يىلى ئېمىنېم نۇر جەمىيىتىنىڭ تەكلىبى بىلەن بۇ جەمىيەتكە ئەزا بۇلۇپ بېدئەت دىنىنىڭ مۇرتىغا ئايلانغان ، كىيىن ئېمىنېمنىڭ يېقىن بۇرادىرىنىڭ نۇر جەمىيىتىدىكىلەرنىڭ قەسلەپ ئۆلتۈرلۈشى ئېمىنېمگە بەك ئېغىر كەلگەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇر جەمىيىتىىدىن ۋە بېدئەت دىنىدىن چىكىنىپ چىقىشنى تاللىغان، بۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇ ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىغان نۇر جەمىيىتىدىكىلەر ھەر ۋاقىت ئاسسېرتتىن ئېمنېمگە ئۈلۈم تەھدېتى سېلىش . ئاخپارات ۋاستىللىرىدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنى ئۇسال قىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاۋارچىلىقلارنى پەيدا قىلغان. بىراق ئېمنېم قەتتىي نىيەتكە كىلىپ نۇر جەمىيىتىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئايرىلغان ۋە 2010 - يىلى { ئەمدى قورقمايمەن } ناملىق ناخشا mvسىنى ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىغان .{ قارىماققا بۇ ناخشا بىر ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا قىلچە قۇرۇقماستىن ئالغا ئىلگىرلىشىنى تەكىتلىگەندەك بىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشا نۇر جەمىيىتىنىڭ نامى چىققان سەنئەتكارلارنى كونتىرول قىلىۋېلىشى شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى شەيتان دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىغا قارشى تۇرۇپ، نۇر جەمىيىتىگە جەڭ ئېلانغانلىقىدەك مەنانى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەيدۇ ، } مەزكۇر ناخشا شۇ يىلى بىرقانچىلىغان چوڭ مۇكاپاتلارغا ئىرىشىپ نۇرغۇن قىممەت ياراتتى شۇنداقلا ئېمنېمگە بىر قىسىم ئاۋارچىلىقلارلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى ...
ئېمىنېمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئۇنىڭدا چوڭ تەسېر قالدۇرغاچقا ئۇ ئىزچىل تۈردە خەيرى -ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلۈپ كەلگەن . 1998 - يىلى ئۇ ئۆز نامىدا خەيرى- ساخاۋەت ئورگىنى تەسىس قىلىپ مەخسۇس يىتىم . بالىلار ۋە ئافېرقا دۈلەتلىرىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان بالىلار ۋە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېسەل بۇلۇپ قالغان بالىلارغا ھەر يىلى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ تۇرغان ...
ئېمنېم ھازېرقى دەۋىر دۇنيا مودا ناخشا ساھەسىدە مادوننا ۋە پېتېر.جابۇلېردىن قالسىلا ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ناخشىچى بۇلۇپ دۇنيا تاماششا ساھەسىدە ئەڭ كۆپ كىرىم يارىتىدىغان ناخشىچىلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ،
تۈۋەندە بىز { eminem . dr.dre . Liz Rodrigues } قاتارلىق ئۈچ ناخشىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۇقىغان { ماڭا دوختۇر كىرەك } ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقايلى ، مەزكۇر ناخشا 2011 - يىلى 53 - نۆۋەتلىك گىراممىي مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ نادېر ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، ۋە شۇ يىلى ئامېركىدا 9 ھەپتە چىمپىيۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ ئامېركىدىكى ئەڭ مودا بولغان ناخشا بۇلۇپ قالغان ...
ئەسكەرتىش : شە خسەن ئۈزۈم ئامېركا تۈرمىدىن قېچىش فېلىمىدكى { مايكول سېكولفىيورد } قا ئوخشىشىپ كىتىدىغان. قارىماققا چىرايىدىن ناھايىتى كەسكىن ۋە غەيرەتلەكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ رەپ ناخچىسىنىڭ مەستانىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم ، ياختۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار. ياختۇرمادىغانلار بولسا ئىنكاسنى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا يېزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ، رەخمەت ....
مەنبە : بەيدۇ ۋە مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 09:31 AM