uyguroglane يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 08:01 PM 
بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەخسەت ؟؟؟ مەن تازا چۈشەنمىدىم ما ...
تېمىنى ئوقۇماپسىز،ھە؟ باشلىنىش قىسمىدا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغانغۇ:
-------------------------------------
بۇ يازمىنىڭ ئەھمىيتى بار دېيىلسە،ئۇلار:
بىرىنچى:كومپيۇتېر ئىلمىدىكى ئاساسلىق ساھەلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇنۇشتۇرۇش؛
ئىككىنچى، ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تاللاش باسقۇچىدىكى ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسپىگە ئۆتۈپ ئۆزكەسپى ئۈستىدە دېلىغۇل بولۇۋاتقانلارغا كەسپ ئۈستىدە يىغىنچاق ئۇمۇمىي چۈشەنچە بېرىش.
ئۈچىنچىدىن،...؟
----------------------------------
ھە راست،ئىملاغا دېققەت قىلىڭ.
"تىما"ئەمەس، توغرىسى "تېما". "مەخسەت" ئەمەس، توغرىسى"مەقسەت". "ماۋۇزۇ"ئەمەس،توغرىسى "ماۋزۇ".
"دىققەت"ئەمەس،توغرىسى "دېققەت".
ھە راست،بىر ئىشقا ياردەم قىلسىڭىز بولارمۇ؟ھېچقانداق مەقسەتسىز ئويلانمايلا يېزىپ قويغان بىرقانچە تېما بار ئىدى دەڭە ، ماۋزۇ قويالماي بېشىم قېتىۋاتىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-29 09:33 PM