مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 2

سۆيىمەن ھەم سۆيىنمەن (سۆيگۇم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9847
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 11:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتورى: پەرھات ئەمەت (سۆيگۇم)


سۆيۇش ۋە سۆيۇلۇش بىر بىردىن ئايرلىمايدۇ.لىكىن كىشلەرنىڭ سۆيۇشكە بولغان چۈشەنچلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ،يار ئىشقىدا كۆيگەن كىشى ئەيىپلىك ئەمەس ئەلۋەتتە .لىكىن ئەل ئىشقىدا كۆيمەسلىك ۋىجداننىڭ سورىقىغا دۇچ كېلىدىغان مەسئۇلىيەتتۇر. ئەل خەلقىنى سۆيمىگەن ئادەمنى ئەلشىر ناۋائى:چاھارپايلارغا ئوخشتىپ:

ئۆز خەلقنى سۆيمىگەن ئۇ ئادەم بولۇرمۇ؟دېگەن  ئىكەن.خەلقسىز ئادەم بولمايدۇ. خەلقىنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتلگەن ئىكەنمىز ئۇنى چۈشنىشمىز ،ئاندىن قەدىرلەپ سۆيۈشمىز كېرەك.

شۇ قەدەر سەمىمىي ئەمگەكچان خەلقىمنى سۆيىمەن. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە جاسارەت پارلاپ تۇرۇپتۇ. قېينچلققا باش ئەگمەيدىغان ،ھەرقاچان خوشاللىق ۋە ئۈمىد ئىزدەيدىغان تەۋرەنمەس ئېتىقاد جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. بەخىت تۇيغۇسى ھەر ئادەمدە ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن.  پەخىرلىنىش تۇيغۇسىمۇ ئادەمگە بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.مەن قەدىرلىك ئۇيغۇر مىللتىمدىن پەخىرلىنىمەن.  ھەر قېتىم تونۇرلاردىن ئۇيغۇرنىڭ قولىدا كۈلۈپ چىققان ئىسسق ناننى يېگەن چېغىمدا،گاھى مۇڭلۇق گاھى شادىيانە خەلق مۇزىكلىرنى ئاڭلىغان چېغىمدا،باشلىرىغا بادام دوپپلارنى كېيشىپ مەردانە قەدەملەر بىلەن  كوچىلاردا ئۇچراپ قالسا "ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دەپ سالام قىلىدىغان،كۆرۇشكەندە بىر- بىرىگە مېھىر بىلەن كۈلۈمسىرەيدىغان ئاشۇ ئەزىز خەلقىمنى ئويلىغان چېغىمدا ئىختىيارسىز سۆيۈنۈپ كېتىمەن  .  مىللىتىم شان- شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە ئۆزلۇكىنى ھەرقاچاندا ئۇنتۇپ قالمايدىغان مىللەت. بىر ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇرنى كۆرگەندىكى خوشاللىقىنى باشقىلار بىلەلمەيدۇ.  . ناتونۇش ۋەتەندە ئۇچراشقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھاياجىنى دەل مىللەتىمىزنىڭ ئۇيۇشقاق پەزىلىتنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ.  تىرشچانلىقى بىلەن  ھەممە ساھەدە ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتەلەيدىغان خەلقىمىزدە مەيلى پەن تېخنكا بولسۇن قول ھۆنەرۋەنچلىك بولسۇن،مەدەنىيەت سەنئەت بولسۇن سودا تېجارەت بولسۇن ھەممىسى تېپىلىدۇ. تېپلىپلا قالماي  بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ قالتىس نەمۇنە نەتىجلىرىنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز. بىكىنمچىلىكنى خالىمايدىغان، ھەر قاچان تەۋەككۇلچلىك قىلالايدىغان ئۇيغۇرلار جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ سودا قىلىشنى بىلىدۇ. خەلقئارالاشقان چېگرالاشقان زىمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خەلقئارالىق سودىغا نەچچە يۈز يىل  بەلكى مىڭلاپ يىللار ئاۋاللا كىرىشىپ بولغان ئىدى. تۈرلۈك تارىخى، ئىجتىمائىى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىساد،مەدەنىيەت جەھەتلەردە  دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ماڭىدىغان پۇرسەتلىرى ئارقىغا كەتكەن ياكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئىسلاھات دەۋرنىڭ قايتا باش كۆتۇرۇشى بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جۇشقۇنلۇقنى تېزلا تېپىۋالدى. زامانغا ماسلىشىپ بارلىق كۈچى بىلەن ئېنتلىۋاتقان خەلقىم چوقۇمكى پارلاق بىر كەلگۇسىنى كۈتىۋالىدۇ. مىللتىمىز تارىخنى تەتقىق قىلغان ئالىملار،ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇرلارنىڭ قايسى بىرى ئاخىرى مىللتىمىزگە قايىللىق بىلەن مەدھىيە ئوقۇماي تۇرالىغان .

  ئۇيغۇرلار بىر يېڭلىق پەيدا بولسا ئۇنى تېزلا ئۆزلەشتۇرۋالالايدۇ. ئەڭ ئاددىسى بىر يېڭى پەن تېخنكا مەھسۇلاتى پەيدا بولغان بولسا  ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىمۇ چىقىپ بولىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار تەرىپدىن ئۆزلەشتۇرۇلگەن تېخنكا مەھسۇلاتلىرى كۆپلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يېڭلىققا ،ئىلغارلىققا ئېنتلدىغان خەلقىمىز يەنە ھەرخىل پەن تەتقىقاتچىلار ،كارخانچىلار  بارلىققا كېلىپ  يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۆز خەلقىگە سوۋغا قىلماقتا.مانا بۇلار بىر مىللەتنىڭ ئەقىل بايلىقى .

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يېراق ئەجدادلارنىڭ روھى،مىللتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىجاتكار قەلىبى ۋە ئاقىلانە ئەقىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادلار ئۈچۈن غەم يەپ، ئۇلارنى ھەر قاچان ياشاشنىڭ ئەھمىيتىنى ۋە ھاياتلىقنىڭ قىممىتنى تونۇشقا چاقىرىپ ھەر قاچان كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى ئاكىتپ ياشاشقا،ھالال ياشاشقا ئۇندىگەن. بىز تالاي تارىخى قوشاقلار ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق، قانچلىغان يازغۇچى ئاتا بۇۋىلىرىمىزنىڭ شانلىق ئەسەرلىرىگە كۆز يۈگۇرتسەك ھەرقاچان كەلگۇسىگە ئۈمىد ئىشەنچ باغلىغان،ئەۋلاتلارغا كۆيۈنگەن  ئىچكى روھنى ھېس قىلالايمىز. دەل شۇنداق بولغاچقا ئەزىزانە خەلقىمگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ.    ئەجدادلىرىمىز بەخىت بەرگۇچى كىتابلارنى، قامۇس كەبىي ۋەسقىلەرنى نېمە ئۈچۈن كىم ئۈچۈن يازغان؟ چوقۇمكى ئۇلار بىز ئەۋلاتلار ئۈچۈن يازغان.  كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا تەۋەرۇك بولسۇن دەپ بىزلەر ئۈچۈن ئىلىم ئىزدىگەن ۋە ھىكمەتلەرنى قالدۇرغان. ھەرگىزمۇ كىتابخانىلار توپ بېسپ ياتسۇن دەپ يازمىغان ئىدى. ئاۋام ئۆزىنى ئۇنتۇغاندا ھەقىقى مەغلۇپ بولىدۇ. قايتا قايتا نەشىر قىلىنۋاتقان تەۋەرۇك كىتابلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگۇم كېلىدۇ:_ئاتا بۇۋىلار سىلەر نېمە دېگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملەر ئىدىڭلار ھە! سىلەر نەقەدەر دانا ئىدىڭلار!

  بەختىيار بىر دەۋرىدە  بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى  تونۇپ يېتشىمىز، پۇرسەتلەرنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغانلىقى دەل ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ۋە بىزدىن كۈتكەن شانلىق ۋە شەرەپلىك  مېنۇتلار ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان ئويلاپ تۇرۇشمىز كېرەك . شۇنداقلار ھەر بىرىمىز  ئۆز ئەمەلىيتىمىز بىلەن ھەقىقى ئۇيغۇرغا ۋەكلىلىك قىلدىغان بارلىق شانلىق نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرشىمىز كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا بىز ئۇيغۇر مىللتىمىزنى ھەقىقى سۆيەلىگەن بولىمىز. ئەنە شۇ چاغدا بىزدىن ئۇزاپ كەتكەن  ئاتا بۇۋلىرىمىز يىراق ،تولىمۇ ئۇزاق بىر ماكانلاردا تۇرۇپ بىزگە دۇئا قىلغۇسى بىزدىن پەخرلەنگۇسى!

2012.9-24 كەچ يېزلدى

مەنبە: سۆيگۇم سوۋغىسى دىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 12:35 AM  


پەلۋاندەك ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەجدادلارنى سۈيۈش مىللەتنى سۈيۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى..

http://turanim.com/?fromuid=1346

مەن ئۆزەمنىڭ مۇسۇلىمان بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مىنى مۇسۇلىمان قىلغان ئاللاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84918
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش