|
|
|
|
پارچىلار بىر تەستەك بىلەنلا قىزاردى بۇ يۈز،
چانىقى لىغىرلاپ ياشقا تولدى كۆز.
شۇندىمۇ ھىچقاچان ياندۇرماسمەن تىل،
چۈنكى سەن بىر ئانا بۇ بىر ئۇلۇغ سۆز.
كەيىپتە ئۆتمەكتە كۈنلىرىم خوشال ،
شۇنچىلىك شادىمان يوق مەندە خىيال.
ئاسمانغا ئاتقاندا ئۇقمايلا پىچاق ، سانجىلدى بېشىمغا ئەمدى بۇ نە ھال . بىر تازىم ئەتكەنگە قىلىمەن ئوننى ،
گۈل بەرسە ئۇچىغا ياپىمەن توننى .
تازىم قىل بېشىڭنى كۆتۈرمە دېسە ،
بىلمەيمەن خوشامەت دېگەن ئۇيۇننى.
كۈلۈشنى بىلمىگەن بەئەينى مۇردا،
روھىيەت ياشايدۇ ھەمىشە گوردا.
ھاياتقا تەبەسسۇم قىلغانلارغا باق،
كەپىمۇ ئۇلارچۈن شاھانە ئوردا.
ھايات بىر ئوكيان يوقتۇر قىرغىقى،
ئۆزەڭ بىر غەۋغاس بولماس قولۋىقى.
كەتكەن ئۆمۈردىن ئىزدىمە نىشان،
قالغان شۇ ۋاقىت ھايات چىرىقى .
مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 03:47 AM
|
|
|
|
|
|