ئۈزۈلمەس رېشتە
ھېكايە
ھېلىم بوۋاينىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كۆتەكتە ئولتۇرۇپ قەدىناسىنى ساقلاۋاتقىنىغا بۈگۈن ساق بىر ئاي بولدى. ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇ كۆتەكتە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تېرەكلىك يولغا تەلمۈرۈپ قارايدۇ، خۇددى بىرسى كېلىدىغاندەك، بىرسىنىڭ يولىغا قاراۋاتقاندەك، سىنجىلاپ قارايدۇ، تاكى كۆزلىرى تالغۇچە. باللىرىنىڭ:«دادا، بىلىڭ ئاغرىپ قالىدۇ، ئولتۇرىۋەرمە، كىرىپ بىردەم سوزىلىۋال» دېگەن سۆزلىرى قۇلىقىغا كىرمەيدۇ. بەزى چاغدا ئامالسىز بالىلار ئىككى تەرىپىدىن كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيگە ئەككىرىپ كېتىشىدۇ. ئۆيگە كىرسىمۇ جىم ئولتۇرالمايدۇ. خۇددى بىرنەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغاندەك بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغاقارايدۇ، ھەممە ئۆيگە بىرمۇ بىر كىرىپ چىقىدۇ. ئاشخانا ئۆيگە كىرىۋالسا سائەتلەپ چىقمايدۇ، ئوچاق باشلىرىغاقاراپ تويمايدۇ. قازان-قۇمۇچ، قاچا-قۇچىلارنى سىلاپ ھارمايدۇ...
ئۇ يەنە يولغا قارىدى. ئەنە يولدا چاڭ-توزاڭ توزىتىپ ئالتە بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر ئەر-ئايال كەلمەكتە. ئەر شۇنداق بەستلىك، كۈچتۈڭگۈر. ئايال بولسا گۈلدەك چىرايلىق، سۆلكەتلىك. ئەرنىڭ قولىدا كەتمەن، ئايالنىڭ قولىدا يۇلغۇن چىۋىقىدا توقۇلغان كىچىككىنە سۆۋەت. ئۇنىڭدا لىققىدا ئوت. ئۇلار ناھايىتى خوشال، شۇنداق بەختىيار. ئەر ئايالغا بىر ئېغىز گەپ قىلىۋىدى، ئايال قوڭغۇراقتەك ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ قاقاقلاپ كۈلدى. ئۇ نېمىگە بۇنچە كۈلدىكىنە؟ ئۇ ئەر ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولغىيتى؟ ئۇ يەرگە قارىغىنىچە ئويلىنىشقا باشلىدى:«مەن نېمە دېگەن بولغىيدىم؟ ھە، ئايخان، مەن شۇ چاغدا ساڭا نېمە دېگەن؟ تىزراق قايتىپ كەل! سەندىن سورايدىغان گەپلىرىم بەكمۇ يىغىلىپ كەتتى. بۇ مىھماندارچىلىقىڭ يا تۈگەي دېمەيدۇ، توي بولغان يەر شۇنچە يىراقمىكەن-يا! يا مېنى باشلىۋالمىدىڭ، يالغۇز تاشلاپ كەتتىڭ، مېنى سىناۋاتامسەن-يا! مېنىڭ ھەرقانداق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمنى بىلمىسەڭ كاشكى. بولدى قىل، ھېلىمۇ شۇنچە ئۇزاق ساقلاتتىڭ مېنى. مەن ئالدىڭغا بارايمۇ-يا؟ نېمە، مېنى ئۇ يەرگە بارالمايدۇ دەۋاتامسەن؟ توختاپ تۇر...»
كەچلىك تاماقتىن كېيىن بوۋاي ئۆز خىياللىرىنى باللىرىغا ئېيتتى. بالىلار تەئەججۈپ ئىلكىدە بىر-بىرىگەقاراشتى.چوڭ ئوغلى دادىسىغا تەسەللىي بېرىپ:
-دادا، نېمە داۋاتىسەن؟ ئانام ئۇ... ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدۇ، مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم:«بەك ئويلاپ كەتمە، غەم-قايغۇ دېگەن سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ» سالامەتلىكىڭنى ئاسرىمىساڭ بولمايدۇ،-دېدى.
-ياق...ئۇ كېلىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدا ماڭا:«ئۈرۈمچىگە نەۋرەڭنىڭ تويىغا بارىمەن. ئۆز قولۇم بىلەن توينى تۈگىتىپ كېلىمەن» دېگەن. توي تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ. مەن بېرىپ نەۋرەمنى كۆرگەچ ئاناڭنى ئېلىپ كېلىمەن،- دېدى بوۋاي ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
-يوقىلاڭ گەپنى قىلمىيە دادا، ئادەمنى قورقۇتۇپ... ئاكام توينى كېلەر يىلى قىلىدىغان بولدى، شۇ چاغدا مەن سېنى نەۋرەڭنىڭ تويىغا ئۆزەم ئاپپىرىمەن.
- يالغان سۆزلىمە! ئاناڭ تويغا كەتتى. ئۇ مېنى ساقلاۋاتىدۇ، مېنى توسماڭلار! مەن... مەن ئەتە چوقۇم ماڭىمەن،-بوۋاي خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى.
بالىلار نېمىمۇ دېيەلىسۇن، ئۇلار ئۈنتىنسىز ھالدا دادىسىنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشتى. ئىككى قىز دادىسىنىڭ پىشىگەئېسلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ياش، باغرى خۇن بولدى.
-كېلىن بالام،-بوۋاي بىردىنلا سەگەكلەشتى،-مېنىڭ توي-تۆكۈندە كېيىدىغان كېيىملىرىمنى ئەپچىقىپ بېرىڭ، ئەتە شۇ كىيىملەرنى كېيىپ ماڭاي.
كېلىن يولدىشىنىڭ كۆزىگە قارىۋىدى، ئۇ ئەپچىقىپ بەر دېگەن مەنىدە ئىشارە قىلدى.
ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. قىزلارنىڭ يىغىسىمۇ توختاپ قالدى. بالىلار دادىسىنىڭ كۆزىگە تەلمۈرگىنىچە جىمجىت ئولتۇرىشاتتى.
كېلىن كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدى. كىيىملەرنى كۆرۈپ بوۋاينىڭ چىرايىدا خوشاللىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. ئۇ كىيىملەرنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن قوزغىلىۋىدى كىچىك قىزى ئۇنى يۆلەپ ھوجرىسىغا ئەككىرىپ قويدى.
چوڭ قىز ئۆز ئەندىشىسىنى ئاكىللىرىغا ئېيتتى:
-دادامنىڭ گەپلىرى تاققۇ-تۇققۇ تۇرىدۇ، قېرىغاندا ئېلىشىپ قالمىغاندۇ؟
ئاھ خۇدا، نېمە كۆرگىلىك بۇ! ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز، نەگىمۇ ئاپپىرارمىز؟ كۆزىمىزدىن تېخى ياش قۇرىمىغانىدىغۇ!-چوڭ قىز نالە قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئەگەر شۇنداق بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپپىرامدۇق قانداق، يېقىندا بىر خىزمەتدېشىمىزنىڭ دادىسى مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قېلىپ 4-دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ كەلدى،-دېدى كىچىك ئوغۇل جىددىلىشىپ.
-ئۇ خىزمەتدېشىڭنىڭ دادىسى قانچە ياشتا ئىكەن؟
-50ياشلاردا بارغۇ دەيمەن.
-لىكىن دادام ياشىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازىنىمۇ ياخشى ئەمەس، دورىنى كۆتۈرەلمەسمىكىن.
-كونىلىق قىلىپ باقامدۇق-يا؟ ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي بىرەر موللامنى تېپىپ ئوقۇتۇپ باقساقمۇ بولىدۇ،-دېدى چوڭ قىز يىغىدىن توختاپ.
-بولدى قىلىڭلار،-دېدى باياتىن بېرى چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرغان چوڭ ئاكىسى،-غېرىپسىنىپ شۇنداق بولۇپ قالغان گەپ. ياخشىراق ئارام ئالسا ئەتىگىچە ئوڭشىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ دادامنى يالغۇز قويماي، پات-پات پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىپ تۇرايلى، يالغۇزسىراپ قالمىسۇن.
كىچىك ئوغۇل بېشىنى چايقاپ:
-ئەتە يەنە ئۈرۈمچىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلارمىز،-دېدى.
-يامان تۇرىۋالسا، ئاكامنى يوقلىغاچ ئۈرۈمچىگە ئاپپىرىپ كېلەرمەن. ئۇنى بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالامدۇ-تېخى.
بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ھويلا-ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ ناشتىلىققا تۇتۇش قىلغان كېلىن قازانغا سۇ قۇيۇۋېتىپ:«بىرەر ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان ئادەم ھەجەپ بۈگۈن...» دەپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى-دە، ئالدىراپ بوۋاينىڭ ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ چىقىرىغان، ئاللا-توۋا قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بالىلار ئۆيگە كىرىپ كۆردىكى، دادىسى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قەدىناسىنىڭ قېشىغا كېتىپ قالغانىدى. ئۇ خۇددى تويى بولىدىغان يىگىتتەك چىرايلىق ياسىنىۋالغان بولۇپ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى.
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 11:53 PM