مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 2

بىلىم شەيداسىغا —— (غەزەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 297
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11164
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 07:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Xohtekin

جاھاننىڭ سىر ھىكمەت دەستۇرى ئاشنا دىلىڭغا ھەر زامان،

ئىختىرا ئەدىپ ھەم سەنئەتكە شەيدا سېنىڭدەك نە تامان

.

بىلىمنىڭ سۈيىدە ئاققانچە ئوتىدا كۆيۈش ھەۋىسىڭ،

پەن ھۈنەر ئۆمرۇڭگە يار بولسا گۈلگە ئايلىنار باياۋان.


لىللالىق تالىشىپ ئۆزگىدىن ھەقنى سۇنىسەن ئۆزگىگە،

ۋۇجۇدۇڭ بەرگىدە ئېچىلار شەپقەت گۈللىرى بار ھامان.


ئىنساپنىڭ قىممىتى ئۆتۈلسە ھىچكىم ئۇنىڭغا يول بەرمەس،

ۋە لېكىن ئىلىم تەشناسىغا خالىس يۈرىكىڭ مول خامان.


مۈشكىلات چۆلىدە تاۋلىنىپ مەغرۇر ياشايسەن شاتلىنىپ،

ئەجرىڭدىن پەرۋىشلەپ ئۆستۈرۈپ يارام ئەۋلادنى خىرامان.


تۇغۇلۇش ھەم ياشاش ئىنساننىڭ ئاددى ھوقۇقى ئەسلىدىن،

ئىلىمنىڭ سۈيىدە يۇيۇنۇش  بولماس ئىخلاسسىز نە ئاسان.


مېھرىڭدىن سۆيۈنۈپ ئوقۇساڭ  تالاي بىباھا ئەسەرنى،

ئاپتاپتەك يۇرۇتىپ  روھىڭنى بولۇر سۆزلىرىڭ جىق راۋان

.

ئاقىللىق شۆھرىتى ھىچكىمگە نېسىپ بولمىغان تۇغۇلۇپ،

ئىجتىھات ئەقىدە بېغىشلاپ  ئاشقىن تېنىمسىز  بەل داۋان.


مەرىپەت دەرياسى مىسلىسىز ھىچكىم يېتەلمەس تەكتىگە،

تەشنالىق زوقىدا ئوقۇغىن  بارچە ئۇچۇرنى دەل زامان.


قېرىلىق  تېنىڭنى ھارغۇزسا   ئەمما كۆڭۈلدە يول ئۇزاق،

چۈشەنسەڭ پاراغەت سۈرگەندىن روھىي مەجرۇھلۇق بەك يامان.


تىلەيمەن مەستانە ئۆمرۈڭگە ئىشقى ھەۋەستىن زور ئۈمۈد،

پەن-ئۇچۇر ھۇسۇلى يىغقانچە مەڭگۈ بەختىيار بول ئامان.


مەنبە :ئۆز قەلەم  (دىيارى كەلپىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 12:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 07:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام،
لېكىن ئالۋاڭ چۈشمىگەندىكىن تېخىمۇ پىششىقلاپ، بوغۇم ۋە تىل راۋانلىقىغا دىققەت قىلىپ ،مەزمۇت چىقىرىشقا تېخىمۇ ئۇرۇنۇپ كۆرسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 08:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بىر يەرلىرى ‹‹ھىدايەتنامىگە›› ئوخشايدىغاندەكلام بىلنىۋاتىدۇ.....
http://turanim.com/?fromuid=1346

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش