|
|
|
|
نوكىيا شىركىتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ5-كۈنى ئامرىكىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار تېلىفۇنى Lumia920 نى ئېلان قىلدى . نەچچە يىلدىن بېرى ئاندورىيد ۋە ئالمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نوكىيا شىركىتى پۈتۈن زىھنىنى مىكروسوفىت بىلەن ھەمكارلىشىشقا قارىتىپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېلىفۇن ساھەسىدىكى بىرىنجىلىك ئورنىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى .
بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىش يىغنىدا نوكىيا شىركىتى Lumia920 ۋە Lumia820 نى ئېلان قىلدى .
بۇ قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نوكىيا شىركىتى Lumia920 نى WP8 سېستىمىسى قاچىلانغان تېلىفۇنلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل تېلىفۇن دەپ تەرىپلىدى .
Lumia920 دە نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭىلىقلار بار، مەسىلەن سىمسىز زەرەتلەش(توك قاچىلاش) ، ئالاھىدا يۇقىرى سىزىمچان ئېكىران ، PureViweتېخنىكىسى (PureViwe دېگىنىمىز نوكىيا شىركىتى پاتنىت ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن كەشپىيات. بۇ خىل تېخنىكا قوللنىلغان Lumia920 ئادەتتىكى ۋاقىتتا باشقا تېلىفۇنلارغا قارىغاندا 5 ھەسسە يۇرۇقلۇقنى قۇبۇل قىلىپ ئالاھىدە يۇقىرى سۈپەتتىكى رەسىمگە تارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ) ، كامىرا سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ، شۇنداقلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان Nokia City Lens تېخنىكىسىنى قوللايدۇ ( يەنى : كامىرانى كۇچىغا توغرىلىغاندا كامىرا ،خەرىتە،ئۇرۇن بەلگلەش سېستىمىسى قاتارلىقلار ئىمارەتلارنىڭ ئۈستىگە ھەھۋەخانا، تاماقخانا، مىھمانساراي...... قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ بېرىدۇ )
نوكىيا شىركىتى Lumia920 نى سەنشىڭ 9300 باشچىلىقىدىكى ئاندورىيد ئائىلىسى شۇنداقلا ئالمىنىڭ ھەقىقىي رەقىبى دەپ تەرىپلىدى.
Lumia920نىڭ ئورگان تەرەپ تەشۋىق قىلىش فىلىمى
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 06:14 PM
|
|
|
|
|
|