ئۇتتۇردۇم
(بىر قىمارۋازنىڭ بايانى)
خۇمار بولۇپ قىمارغا بىساتىمنى ئۇتتۇردۇم،
ئۇتارمەن دەپ تەلمۈردۈم،تامايىمنى ئۇتتۇردۇم،
ئۆز يۇرتۇمدىن كېتەي مەن ماكانىمنى ئۇتتۇردۇم،
چوڭ سۆزلەشكە نە ھەددىم،زۇۋانىمنى ئۇتتۇردۇم.
ئۇتقان چاغدا پاتمايتتىم بۇ جاھانغا تاراقلاپ،
تۈنتەڭلەردە سانايتتىم ئۇتقان پۇلنى شاراقلاپ،
بۈگۈن كەتتىم قىماردا قىممىتىمدىن يىراقلاپ،
قەسەم قىلدىم نەچچە رەت تەكرارىمنى ئۇتتۇردۇم.
تاراملىدى كۆز يېشىم بۈگۈن بولدۇم قاق سەنەم،
رەنجىپ كەتتى مىنىڭدىن ئۇرۇق-تۇققان،مەھەللەم،
قاپساپ مېنى تەنھالىق بىھۇش قىلدى دەرت-ئەلەم،
ئەسلى دۇرۇس ئادەملىك ئىسپاتىمنى ئۇتتۇردۇم.
قىلسا دوستلار نەسىھەت كەلمىدىم ھېچ ئەيۋەشكە،
ئەمدى مانا ئولتۇردۇم ئىككى پۇل يوق خەشلەشكە،
قىلمىشىمدىن ئاچچىقلاپ دادام كەتتى كەلمەسكە،
دىمەك تاغدەك يۆلەنچۈك قاناتىمنى ئۇتتۇردۇم.
ئانام ئاندىن رەنجىدى ئەيىب ئەتتى تۇققانلار،
تەنبىھ قىلدى يالۋۇردى بۇ ئىشىمنى ئۇققانلار،
چىرلاپ تېنىچ قويمايدۇ ئۇتتۇرغانلار-ئۇتقانلار،
خاتىرجەملىك يوق ئەمدى ئارامىمنى ئۇتتۇردۇم.
قاغىش تەككۈر قىمارغا نىچۈن مۇنچە چاپلاشتىم؟
تۇرمۇشتىكى ھالاكەت سۈڭگۈچىگە قاپلاشتىم،
ئۆز يۇرتۇمدىن-قەۋمىمدىن يېتىرقىدىم-ياتلاشتىم،
چۇڭقۇر پاتتىم گۇناھقا ساۋابىمنى ئۇتتۇردۇم.
توختاتمىدى قىمارۋاز كۈندە كىلىپ ئۆيۈمگە،
قەرزىدارلىق يامانكەن باراۋەركەن ئۆلۈمگە،
ئىنسان زاتى نىچۈنكى سەت كۆرۈندى كۆزۈمگە،
يولدا ماڭدىم موزايدەك سالامىمنى ئۇتتۇردۇم.
ھەممە ئىللەت بىر كەلدى قەرزى مىندى پاتاڭغا،
خوتۇن كىلىپ ئېسىلدى بىر نەچچە رەت ياقامغا،
‹‹پۇلنى بەر››دەپ بىر لۈكچەك پىچاق تىقتى يوتامغا،
ئارزۇ-ئۈمۈد،ئىشەنچىم،ھاياتىمنى ئۇتتۇردۇم.
*******
مەنبە: ئۆز قەلىمىم( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 12:31 AM