مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 15

ياڭاقنىڭ رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13792
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 05:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياڭاقنىڭ رولى



ياڭاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش، ئۆپكىنى ياخشلاپ ئۈچەينى سىلىقلاش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە. تۆۋەندە ياڭاق ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەرنىڭ ئاددىي رىتسىپلىرىنى چۈشەندۈرىمىز.

1. ياڭاق، ھەسەل، چاينى بىرلەشتۈرۈپ ئېستىمال قىلغاندا، ئاستا خارەكتىرلىك قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ: 5 گرام ياڭاق، 1 گرام ھەسەلنى قايناقسۇغا سېلىپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

 2.ياڭاق بىلەن كۈنجۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلغاندا چاچقا بالدۇر ئاق كىرىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: ياڭاق بىلەن كۈنجۇتتىن 5 گرامنى ئېزىپ، مەلھەم قىلىپ ئىستېمال قىلغاندا، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3. ياڭاق بىلەن زەنجىۋىلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ: بىر تالدىن ئىككى تالغىچە ياڭاق مېغىزى، بىر پارچىدىن ئىككى پارچىغىچە زەنجىۋىلنى ئۇششاق ئېزىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۆپكە ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ نەپەسنى ياخشىلايدۇ. بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆتەل، بەلغەم ۋە دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

4. ياڭاق بىلەن سۈتنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: 6 تال ياڭاقنى بىر ئىستاكان سۈتكە سېلىپ، قاينىتىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

5. ياڭاق سېلىپ تەييارلانغان گۈرۈچ ئۇمىچىنى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ: 50 گرام ياڭاق مېغىزى ۋە 50 گرام گۈرۈچنى 500 مىللىلىتېر سۇغا سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



مەنبە  :  جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى 



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 05:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،،   مۇشۇنداق  ياخشى تېمىلار تېخىمۇ كۆپ يوللانسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،،

قۇش ئاسماندا ئەركىن پەرۋازلايدۇ، بېلىق سۇدا خوشال يايرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13792
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 05:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[i [/img]




قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13792
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 05:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        ياڭاق

     
ياڭاق — شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن. ئەسلىدە پەقەت دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدا پارچە – پۇرات ئۆستۈرۈلەتتى. خوتەن، قاراقاش، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا نەچچە يۈز يىللىق ياڭاق دەرەخلىرى بار. دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 ~ 700 كوۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بىر تۈپتىن 200~300 كىلوگرام ياڭاق ئالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق رايونلار تۇتاش ياڭاق ئورمانلىقىنى بەرپا قىلدى. 2000 – يىلى ساقلاپ قېلىنغان دەرەخ كۆلىمىنىڭ كۆلىمى (يالغۇز تۈپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 868.5 گېكتار، بىرلىك مەھسۇلاتى 13 مىڭ 814 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىڭ 899 توننا بولغان. ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاساسلىقى خوتەن، قەشقەر ، ئاقسۇ بولۇپ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ئۇلاردىن كېيىن تۇرىدۇ، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قۇمۇلدا ئاز مىقداردا تارقالغان. شىنجاڭنىڭ ياڭىقىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا، ئادەتتە ھەر بىر كوۋادرات دەرەخ تاجىسى سايە چۈشۈرگەن كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ياڭاق مېغىزى 0.45 كىلوگرام، يەككە مېۋە ھەجىمى 35~40 كۇب سانتېمىتىر، مېغىز چىقىش نىسپىتى %50~ %65، ياغ تەركىبى نىسپىتى%65~%70، قاتتىق پوستلۇق مېۋىسىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەتنىڭ ئەلا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن. ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق دەرىخى سورتلىرىدىن ‹‹ۋۇ 417 ››، ‹‹شىنشىن–2›› ۋە يېڭىدىن تاللاپ يېتىشتۇرۇلگەن سورتتىن ‹‹شىنۋېن 185››، ‹‹شىنۋېن 81››، ‹‹شىنفىن 179››، ‹‹شىنۋېن 333››، شىنفېڭ ، شىنگۇاڭ، شىنلۇ قاتارلىقلار بار. شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ 100 خىل سورتى بار.

                       ياڭاق مېغىزى  


ياڭاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى تاغلىق، قۇملۇق، سازلىق، شورلۇق يەرلەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، فوسفور، كالىتسىي، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە كۆپ ئىشلىتىلدۇ. بولۇپمۇ، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە يود مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شېخى ۋە يوپۇرمىقى ھەرخىل ئۆسمە ۋە بەدەن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، شۇنداقلا ئائىلىلەردە يۇڭ كېيىم – كېچەك ۋە گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئىشلىتىلدۇ. ياغىچى بولسا ھاۋا قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت، تامغا ياساش قاتارلىق ئالاھىدە خام ماتېرىيال، مېۋە پوستى دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى.



http://www.osmurlar.com/bak/home ... 23/content_2558.htm

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13554
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:01:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقازان ئاغىرىقىغا ياڭاقنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى ياخشىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن!
رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5101 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ياڭاقنى نان بىلەن قۇشۇپ يىسە قوساق تويىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptuwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 06:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
larzan + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3019
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1040 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياڭاق دىگەن ئىسىل يىمەكلىك جۇمۇ.قۇۋەتلىك پايدىلىق يىمەكلىكلەرنىڭ بىر تۈرى .بىراق مەن يىسەم بېشىم ئاغرىپ كىتىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ .بىچارە دادام ئاتايەن خوتەندىن ياڭاق ئېلىپ چىقسا مەن بىر تالمۇ يىمەي تۈگەپ كىتىدۇ داۋاملىقيىسەملام بېشىم ئاغىرغاچقا قورقۇپ يىمەيمەن......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayhenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 06:16 PM  


بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13792
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچىسى سېيىپ قويۇش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ، بەزىلەردە ھەتتا بالاغەت يېشىدىن ئىشىپ توي قىلغۇچىمۇ ساقايمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن.
بۇنىڭغا قارىتا كۈندە كەچتە 4-5 تال ياڭاق ئىچىدىن چىقىدىغان نېپىز پاسىلىنى بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسە، ھەم كۈندە 2-3 تال ياڭاقنى قوقاسقا كۆمۈپ قىززىتىپ يىگۈزۈپ بەرسە ھەم تۇخۇم يېغى ، قەلەمپۇر، كۇچۇلا يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرىنى تاپالىسا شۇنىڭدا دوۋسۇن ساھەسىنى مايلاپ بەرسە بىرەر يىرىم ئايدا بۇ كېسەللىك ساقىيىپ كېتىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20451
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياڭاق بولسا نېرى تۇرۇڭ دىمەي سەت يېۋىتىمەن،بولمىسا قوغلاپ يۇرمەيمەن.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش