كىشىلەرنىڭ مىنى تاقا تۇقا سۆزلەيدىغان ساراڭ دىيىشلىردىن تولىمۇ زىرىكتىم.
بىراق بۇ خىزمەتتىن زىرىكتىم دەپلا قوپۇپ چىقىپ كەتسەم سورۇندىكىلەر بىزنى ياراتمايۋاتىدۇ دىيىشىدىن
ئەنسىرەپ ساخچىخانىغا بېرىپ ئۇكامنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدىم.
بىراق ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىپ ئازگالدىن تارتىپ چىقىرىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە مەسخىرە قىلىپ
كۈلىۋەردى، دىمىسىمۇ ئۇ ئېتوت بەكلا كۈلكىلىك ئىكەن مەنمۇ قوشۇلۇپ كۈلدىم.
ئەمدى ماڭاي دەپ تەمشىلىشىمگە دادام ئالدىمنى توسۇپ بالام بۈگۈن ئۆيدە ئۇن قالماپتۇ سەن بېرىپ سوراپ
باققىن ئەتە رىمىنۇتچىنىڭ ۋاقتى يەتسە كىلىپ تېلىۋۇزۇرنى ياساپ بېرىپ كەتسۇن دەيدۇ.
ماقۇل مەن بېرىپ باقاي ، لىكىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ۋەلىسپىتنى سورىسام بەرمەي
قۇرۇق يولغا سالامىكىن دىسەم، ھە بۇ ياخشى گەپكەن ئەمىسە سىنىمۇ ئەتىلا ئۇ مەكتەپكە يولغا سالاي،
ياخشى ئوقىساڭ بىزدەك دىھقان بولۇپ جاپا تاتمايسەن دىۋىدى ئىشىكتىن ئاغىنەم كىرىپ كەلدى:
مەنمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمەن بىز تەڭ ئىشلەپ جاپاغا چىداپ پۇل تېپىپ كىلەيلى دىدى ئاغىنەم.
مەيلى ماڭساق ماڭدۇق دەپ كوچىغا چىقساق مەھەللىمىزنىڭ لۈكچىكى بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇ يېنىمىزدىن ئۆتكەندە سەت بىر ئالايغان ئىدى قورۇققىنىمدىم چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.
شۇنداق كىتىپ بېرىپ قارىسام مەن گىپىنى قىلغان لەڭپۇڭچىىنىڭ ئوغلى ئەكىرەم مىنى كۆرۈپ ۋارقىراپلا
كەتتى: ھە ئالىيىپ قارىماي يولۇڭغا تۈز ماڭمامسەن بىر تېپىمە بىكا دىمەسمۇ ئاچچىقىم شۇنداق كەلسىمۇ
ئۆزىمنى تەستە بېسىۋالدىمدە ئۇنىڭغا: سەنمۇ قىززىق ئىكەنسە ئاداش سىنى بەك تىپىدۇ دەپ قويسا
تۇغالمىغان كالىنى تىپىپ تۇغدىرىمەن دىسەڭ پۇتتىن چاتاق چىقمامدۇ، ئويلاپ باقە بىر پۇتى يوق ئۈستەل
مىدىرلىمەي تۇرامتى ، بۇنداق بولغاندىكىن ئېغىر - بېسىق بولۇپ يامانلاپ كەتكەن خوتۇنىڭنى ئەكىىلىۋال
ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ ئۆسىۋاتىدۇ ، سەل تەخر قىلساڭ تېخىمۇ قىممەت ساتالايسەن، پىتنىڭ ئاچچىقىدا
چاپاننى ئوتقا سالساڭ ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن، ئوغۇل بالىغىغۇ زىيان چوڭ ئىش ئەمەس ، تىجارات دىگەن
بەزىدە پايدا قىلىدۇ بەزىدە زىيان دىدىم.
ئۇمۇ چۈشەندى بولغاي ئاستا يېنىمغا كىلىپ ساڭا پەقەت قىيالمايمان ئاداش بىز نەدە بولساق ئىزدىشىپ
تۇرايلى ، ياتلىشىش نومۇس ئىش دەيدۇ.
ئاياق مايلىغاننى نومۇس دىسەڭ ئوغۇرلۇق قىلغاننى نىمەدەيسەن ؟،ئەڭ مۇھىمى تاپقان پۇلنىڭ
كۆپ - ئازلىقىدا ئەمەس ئۇنىڭ ھالاللىقىدا . سەنمۇ بىلىسەن مەندە ئازراق كىيىم - كىچەك بار ئىدى ساتاي
دىسەم قوشنىمىز : بۇ پەسىلدە قىشلىق كىيىمنىڭ باھاسى چۈشىدۇ ئەڭ ياخشىسى قىشتا سېتىڭ دىگەنتى دىسەم،
ۋاي-ۋۇي ئاداش بىرەر قېتىم يۈزىڭ چۈشكەنگە ئۆلۈپ قالامتىڭ ، خاتىرجەم بول ،
ئۇنچە ئىشەنچىسىز ئەمەسقۇ بىز پۇلىڭنى بۇ ئايدا بېرەلمىسەم بۇغداي ساتقاندا بېرىۋىتىمەن دەيدۇ.
ئەمىسە -دىدىم مەن: سىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئوينىتىمەن ساياھەتتىن غەم يىمە .
ماقۇل ئاداش گىپىمىز گەپ سىنىمۇ توسماي، بىراق سەن ساراڭ ئەمەس ئىدىڭ
دوختۇرخانىدا داۋالىنىمەن دەيسەن ئۆزىڭنى ئاسىرا دەپ مەن بىلەن خوشلاشتى.
مەنمۇ كىشىلەرنىڭ يەنە گەپ تېپىپ ساراڭ دىيىشىدىن ئەنسىرەپ 4-دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم.
تامام:ئاپىرىن:سەرگەردان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 05:18 PM