مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 984|ئىنكاس: 19

ھاياتىڭىزدا ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6507
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 03:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  
   
[url=http://www.xjtsnews.com/][/url]

    سىز مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    ياش بولغىنىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، مۇھەببەت، دوستلۇق دېگەندەك. ھېچقانداق ئادەم ھەربىر كۈنىنى مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ئۆتكۈزۈپ بولالمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا بىمالال ھالدا يۈزلىنەلمەيدۇ. سىزنى تاۋلايدىغىنى كەچمىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت. سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.

    سىز ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    نېمە ئۈچۈنكىن، بەزى نەرسىلەرنى زادىلا ئۆزگەرىتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم، ھەقىقى غايىمىزنى تاپالمىغىنىمز ئۈچۈندۇر. بەلكىم، يىراقتىكى كەم-كۇتىسىز گۈزەللىكنى قوغلاشقىنىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ئىلگىرى ماختانغان ئىدۇق، خام-خىياللارنى قىلدۇق، تار دائىرىدىكى نىشانىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق. ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قىلىمىز.

    سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ھازىرنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    ئۆتۈپ كەتكىنى كېتىۋەرسۇن، كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر بولمىغان يۈكنى چۆرۈۋەتكەندە، تۇرمۇش ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا، بىزنىڭ ئۇنى ياخشى ئۆتكۈزمەسلىككە يەنە نېمە ئاساسىمىز بار؟ نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئادەملەر سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەينىڭىزگە قارىماڭ، ئالدىڭىزدىكى دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل.

    سىز ئۇلارنى كونتىرول قىلالمايسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى باشقۇرالايسىز.

    يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي ۋە تىك بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى مېڭىڭ. بىراق چۇقۇم ئالغا قاراپ مېڭىڭ.ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى يوق، قىيىنچىلىق ھەرقانچە ئېغىر، جاراھەت ھەددى-ھىساپسىز بولسىمۇ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ھەم پۇشايمان قىلماڭ. چۈنكى، ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭىزدە، سىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنىڭىز ئەنە شۇ ئازاپلىق ۋە كۆز يېشى تامچىلىغان يول، سىز ئاۋازىڭىزنى قۇيۇۋېتىپ مەغرۇرانە توۋلىيالايسىز. قاراڭلار، مانا بۇ مەن ئۆزەم ماڭغان يول.

    سىز ئەتىنى بىلەلمەيسىز، بىراق بۈگۈننى تۇتۇپ تۇرالايسىز.

    ‹‹ئورمانلىقتا بىر ئاچال يول بار، مەن قەدەم ئىزى ئازراق بولغان ئاشۇ يولدا مېڭىشنى خالايمەن، شۇندىلا مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ››. بىر يولدا ماڭىدىغان ئادەم كۆپ بولۇۋەرسە، ھامان پاتقاق بولۇپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن يەنە بىر يولنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىپ باقمايمىز؟ شۇندىلا بەلكىم باشقىچە بىر نەتىجە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرالىسىڭىزلا، ئەتىڭىز جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    سىز ھاۋارايىنى ئىدارە قىلالمايسىز، بىراق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلەيسىز.

    سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. بىز كۆڭلىمىزنى ئەمدى بوغۇۋالمايلى، ئەمدى ئۇ ئەركىنلىككە چىقسۇن. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قەلبلەر پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالسۇن. سىز چىراينى تاللىماڭ، بىراق سىز ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايسىز. ئۇلاردىن ھاياتىڭىزدا ھەقىقىي سىزنى بىلىدىغان ھەمراھىڭىزنى تاپالايسىز، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك دوستلىرىڭىزنى تاپالايسىز، مانا بۇ بەخت. مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەيلى سىز نىمىلا قىلماڭ، مەيلى قانداق مۇھىتقا دۇچ كەلمەڭ، سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى، شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە بەختلىك ئەمەسمۇ؟




مەنبە:تەڭىرتاغ ئۇيغۇرچە تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 05:33 PM  


گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 05:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن   رەھمەت  تېما ئىگىسىگە

قۇش ئاسماندا ئەركىن پەرۋازلايدۇ، بېلىق سۇدا خوشال يايرايدۇ.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16378
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7134 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى سەۋرە قىلىش ،

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23698
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6501
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم ئازمۇ ئەمەس ، لېكىن ئېغىزدىلا دەپ قويسا بىكار دە

نوپۇس كۆپەيگەنسېرى نومۇس كېمىيىۋاتىدۇ

ئۇلۇغ ئاللاھ مىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50602
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6369
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 2524 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 06:45:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمگە خىلى  تەسىر قىلىدىغان مەزمۇنلار باركەن

ھاياتلىق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت لىكىن كىچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت

پەلۋاندەك ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 07:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان خىيالغا چوكتۇرىدىغان تېمىكەنغۇ بۇ ...

http://turanim.com/?fromuid=1346

مەن ئۆزەمنىڭ مۇسۇلىمان بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مىنى مۇسۇلىمان قىلغان ئاللاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80226
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 07:35:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى - يامان ھەممىنى قىلىدىغىنى ئۆزىمىزلا .....................................

كىيىنكى پۇشمان ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 07:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شۇنداق.مەن ئەمىلىيەتتنى ئۆزگەرتەلمىدىم،لىكىن پۆزىستىيەرىمنى ئۆزگەرتتىم.
ئاللاھىم!ماڭا مەن ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلارنى قوبۇل قىلالىغۇدەك ئىشەنچ،مەن ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتكۈدەك جاسارەت،بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى بىلەلىگۇدەك ئەقىل بەر!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bzkm + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

دۇئا _ رەخمەت ئىشىكلىرىنىڭ ئاچقۇچى،مۆمىنىنىڭ قۇرالى،دىننىڭ تۆۋرۈكىدۇر.
دۇئا _ ئىبادەتتۇر،ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر.

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2069 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 09:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بەك ياخشىكەن

"/ئارتۇق گەپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11958
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3646 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 09:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتىن ياخشى ساۋاقلارنى بېرىدىغان ياخشى يازما ئىكەن، تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، ئادەمنىڭ قەلبى ئازاپقا تولغاندا، ئۈمىتسىزلەنگەندە، ئوقۇپ كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن يولباشچى بولالايدىكەن، رەھمەت!......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bzkm + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش