مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: سۈپۈرگە.

ئانا تىلغا «ئىسلاھات» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3658
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 12:57 PM
پىيالە  دىگەن   شۇنداق   چىرايلىق  ئىسىمغۇ  ھىچ  بىر   باش ...

پىيالە دەڭلار دەۋاتمامدۇ ،شئېىرنى ياخشى ئوقۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84523
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 796
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 01:27:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lawa0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 11:36 AM
سىز ئەشۇنداق كۈچەپ كۆپچىلىككە چۈشەنچە بېرىۋاتقان ۋاخت ...

ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتىسز بىرسى ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەن سىزنىڭ ئۆز گېپىڭىزنى يورغىلىتىشىڭىز بىلەنلا بولماي مېنىڭمۇ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەگەر بىر ياقلمىلىق پوزىتسىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چۈشكەن ئىنكاسلارغا قۇلاق سالسىڭىز، بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا، قارشى پىكىرنىڭ كۆپلىكىنى، مېنىڭ يولىدا يېزىلغان قارشى پىكىرگە يولىدا جاۋاپ بەرگەنلىكىمنى، «ئەخلەت تېما»، «تىلشۇناس»، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق» دېگەندەك، ھىچقانداق ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويمايلا، قارشى پىكىرنى خەقنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن يازغان، سىزنىڭ دەسلەپتە يازغان «چاقىرىق»ىڭىزغا سەمىمى يول بىلەن ئەمەس، مەنسىتمەسلىك يولى بىلەن ئاۋاز قوشقانلارغا رەدىيە بەرگەنلىكىمنى كۆرەلەيسىز. سىزنىلا مىسال قىلسام، سىز قارشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، ئەمما ھىچقانداق ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويمىدىڭىز، ھەتتا باشقىلارنى قارشى پىكىردە چىڭ تۇرۇش، توغرىسىدا كەڭ «ئۈگۈت» ئېلىپ باردىڭىز. سىزنىڭچە بىرسىگىگە ئېيتىلغان قارشى پىكىر خەقنىڭ زىتىغا تەگسە، خەق يەنە سىزگە «خوش، خوش» دەپ تۇرامدۇ.
يەنە بىر گەپ، سىز بىرىنچى بەتتىكى ئىنكاسىمنى كۆرۈڭ. دەسلەپ بىرسى چۈشەنمىگەنلىكىنى دېگەندىلا مەن چۈشەنچە بەردىم. نىمىشقا؟ چۈنكى بۇ شېئىرنىڭ كىنايە شېئىر ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان ئادەمنىڭ ئەدەبىياتتىن قانچلىكى خەۋىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمدى سىزنىڭ مۇنۇ ئىنكاسىڭىز توغرىلىق سۆزلىشەيلى:
1) «شېئىردا خاتالىق بارمىدۇ، دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپسىز.
شېئىردا خاتالىق يوق، مۇكەممەل شېئىردىن بىرنى يازدىم، دەپ يازغان ئىنكاسىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ سىز كۆرمىدىڭىز. مەن ئىنكاسىمدا «مەنغۇ كەسپ ئىگىسى ئەمەس، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى توغرا يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. غۇرۇرغا تېگىدىغان گەپ-سۆز بولمىسىلا توغرا پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن.» دەپ ئەسكەرتىش بەردىم. بۇنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ سەمىمى قارشى پىكىرگە تۇتقان پوزىتسيەم.
2) «ھەممە ئىنكاسقا ھارماي قارشى چۈشەنچە بىلدۈرىشىڭىز...» دەپسىز.
ھەممە ئىنكاسقا قارشى چۈشەنچە بېرىپتىمەنما؟ بۇ بۆھتان چاپلىغانلىق بولماي نىمە؟ ئەڭ ئەقەللى كىنايە مەنىنى چۈشىنەلمىگەن، زىتىمغا تەگكەنلەرگە چۈشەنچە بەردىم.
3) «سۆز ئوينىتىشىڭىزنى خاتالىق نېگىزى» دەپسىز.
ئىنكاسلار شۇ پېتى تۇرىدۇ. مەن سۆز ئويناتقان بولسام، ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ! قۇرۇق سەپسەتە سۆزلىمەڭ.
4) «مۇكەممەللىككە يۈزلىنىش ئانچە ئوڭاي بولمىسا كېرەك،
سىز بىر ئاپتۇر بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن بىر توپ ماختۇغۇچىلارغىلا ئەمەس بەلكى ئاز بولمىغان قارشى ئىنكاسچىلارغىمۇ مۇھتاج بولىشىڭىز كېرەك ئىدى.
مۇتلەق-كۈشەندىسى بولىمغان جانلىق تەرەققى قىلالمايدۇ.
» دەپسىز.
ناھايىتى توغرا.
ئەمما سىز نىمىشقا مېنىڭ ئىنكاسىمدىن «مۇكەممەل» دېگەن مەنانى بېرىدىغان سۆزنى تېپىپ كۆزۈمگە تىقىپ قويمايسىز؟ قارشى پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايمەن دەپتىمەنمۇ ياكى سەمىمى پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن دەپتىمەنمۇ؟ شۇنداق، سەمىمى پىكىر چۈشكەن. مېنىڭ شۇنىڭغا يازغان ئىنكاسىملا بۇنىڭغا دەلىل. ئېنىقكى، سىز گەپ ئوينىتىۋاتىسىز. قوپال قىلىپ ئېيتقاندا، بۆھتان چاپلاۋاتىسىز.
5) «سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن ماختاشقا تولىمۇ ھاجەتمەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ.» دەپسىز.
يۈرەكتىكى سۆزنى قىلغاندا، مېنىڭ مۇنبەرگە كىرىشىمنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئىسراپچىلىق ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يىراق تۇرىۋاتقان مەندەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇنبەر - مەن ئۈچۈن شىنجاڭدا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىردىن-بىر جاي.
مەنمۇ قابىلىيەتلىك يازغۇچى، شائىر ئەمەس. ھىچقانداق ماختاشقا مۇھتاجمۇ ئەمەس. سىزنىڭ ۋە سىزدەكلەرنىڭ قارشى پىكىرىنىڭ قارشى تۇرۇلىشى، ھەرگىزمۇ ماختاشقا مۇھتاجلىقتىن ئەمەس، بەلكى پىكىرىڭلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھىچقانداق ئاساسى يوق، پەقەت «قارشى تۇرۇش»لا ئىكەنلىكى، ھەتتا زىتىمغا تەگكەنلىكىدىن بولدى.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ بېقىڭ. قارشى تۇرۇپ، مېنىڭ قايسى خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەردىڭىز؟ ھىچقانداق خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرمىدىڭىز.
سىز بىرىنچى ئىنكاسىڭىزدا : مەن قارشى-!!!

تاققا-تۇققۇ ھىسيات بىلەن يەڭگىلتەگلىك قىلىپ ‹‹ئۇيغۇر››دىن ئىبارەت مىللەت نامىنى ‹‹ئۇيىغۇر›› دەپ ئېلىش زور خاتالىق
» دەپسىز. سىز راستىنلا مېنى «ئۇيىغۇر» دېيىشىمىز كېرەك، دېگەننى تەرغىپ قىلدى دەپ قارامسىز؟ كىنايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز. مانا بۇ سىزنىڭ  چۈشىنىشتىكى سەۋىيىڭىز.

6)«سىز تور مۇنبىرى دىمگۇراتىيىسىنى بىر ياقىلىق چۈشىنىپ قالغاندەك قىلىسىز...» دەپسىز.
دېموكراتىيە. قارشى پىكىرلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دېموكراتىيەنىڭ بىر ئىپادىسى.
مەن ئۆز پىكىرىمنى شۇ «قاملاشمىغان» كىنايە شېئىرى شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. مانا بۇ دېمۇكراتىيە.ا
سىز قارشى چىقتىڭىز. مانا بۇ دېموكراتىيە.
يولىدا ئېيتىلغان قارشى پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن، دېدىم. مانا بۇ دېموكراتىيە.
مەن قارشى پىكىرنىڭ ئاساسىنىڭ بولۇشىنى، قۇرۇقتىن-قۇرۇق «مەن قارشى!» دەپ توۋلىماسلىقىڭىزنى، ئەڭ مۇھىمى ئاھانەت شەكلىدە گەپ قىلماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلدىم. مانا بۇ دېموكراتىيە.
بىرسى مېنىڭ زىتىمغا تەگسە، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا رەدىيە بېرىمەن. مانا بۇ دېموكراتىيە.

7) «مۇنبەر بوسۇغىلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تور قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا...»
مەن ئېيتقىنىمدەك، مۇنبەر ھەرگىزمۇ يازغۇچى، شائىرلارلا ئەسەر يوللىيالايدىغان مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئەمەس. خىلمۇ-خىل سەۋىيىدىكى ئادەملەر بولىدۇ. ھەر-خىل سەۋىيىدىكى يازمىلار بولىدۇ. مېنىڭ ئېېېېېېېۋۇ «باش ئاغرىقى» يازماممۇ شۇنداق بىر تۆۋەن سەۋىيىدىكى يازما. ئەگەر مۇنبەر شۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەر(قايسى بىرسىنىڭ تىلى بويىچە «پىشقان ئەسەر») نىلا يوللايدىغان جاي بولسا، «دوستلارنى يۇمۇرغا قاتتىم»، «دۇكان ئىسمىدىن ياردەم سورايمەن.»، «ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە؟» «ئىشتىيىڭىزنى ئېچىپ قوياي.» «ئاھ...ۋاھ...» دېگەندەك يازمىلار قانداق يوللىنىپ قالغان؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئەسەرلەر يوللىنىدىغان جاي بولسا، مۇنبەرگە شائىر، يازغۇچىلارلا كىرىش كېرەكمۇ؟
ئەڭ ئاخىرىدا سىزدىن يەنە بىر سوراپ باقاي:
سىز «...‹ئۇيغۇر› دىن ئىبارەت مىللەت نامىنى ‹ئۇيىغۇر› دەپ ئېلىش زور خاتالىق...» دەپسىز. سىز مېنى مۇشۇ سەپسەتىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز راستىنلا مېنى «ئۇيىغۇر» دەپ ئاتاشنى تەشۋىق قىلدى، دەپ قارىغان بولسىڭىز، سەۋىيىڭىزنىڭ پىكىر بايان قىلىشقا ئانچە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ بېقىڭ. مەن سىزنىڭ چۈشىنىش سەۋىيىڭىزدىن گۇمان قىلىپ قالدىم.
ئەمدى بەس! مەن بۇ يەردە يەنە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايمەن.
قايتۇرۇپ ئىنكاس يازماڭ! ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشلا بولۇپ قالىدۇ. مۇنبەر كۆرۈشكە بۈگۈندىن تارتىپ خاتىمە!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈپۈرگە. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 01:33 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 02:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12374
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8098
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3995 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 03:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىداش سۆزلەرنى يوقاتسا قانداق بولىدۇ،ئاپا بىلەن ئانا دىگەننى ھەممە ئادەم چۈشىندۇ،ئاپا دىگەن سۆز يا باشقا تىلدىن كىرىپتىمىكە.ھەدە،ئاچا دىگەنلەرمۇ ئوخشاشلا مەنىداش سۆزلەرغۇ.سىركە،سىركاي دىگەنلەرگە كەلسەك بۇ پەقەت ئوخشىمىغان جۇغراپىيلىك ئورۇنلادىكى ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان سۆزلىرى خالاس،بۇنىمۇ ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇرلار چۈشىندۇ مېنىڭچە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9328
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 04:04:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ دۇنيادا ئاجايىپ ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش.
يۇلۇپ تاشلانسا ساق چىشلار،
ئازاپلانماس ئاغرىق چىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 05:06:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاۋا ئەپەندىمنىڭ پىكرىدە ئاساس بار .
سۈپۈرگە ئەپەندىم سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇرۇپ ئاخىردا مۇنبەرگە دەسسىمەيمەن دەپسىز ، بۇنىڭدىن سىزنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ بەكلا  ئەپسۇسلاندىم . مۇشۇ مۇنازىرى ئۈچۈنلا مۇنبەرگە دەسسىمەيمەن دېيىش يېڭىلگەنلىكىڭىز نى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . بىزنىڭ ئەركەكلىرىمىز تارىختىن مەرت مەردانە ، كىچىككىنە ئۇڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلسە شۇ ئۇلۇشسۇزلۇق ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپ ئىزدىنىپ تىرىشىدىغان ئوغلانلار ئىدى . ئەپسۇس ،ھازىرقى ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ ئېچىنىمەن ...

كامىل يۇۋاش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6491
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1527 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 05:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ مەنىلىككەن

كامىل،يۇۋاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش