مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 13

خەلقىمىزدە يۇڭدىن ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات.ئۇ،نېمە؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 561
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9244
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 2803 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 11:33:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلقىمىزدە يۇڭدىن ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى

تاشبوران

ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە يازما تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا‹‹ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن يۇڭ توقۇلمىلاردىن كىيىم- كېچەك قىلىشقا ئادەتلەنگەن.چۈنكى يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ خام ماتىريالى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ،يۇڭدىن ھەرخىل توقۇلمىلارنى ئىشلەش قول توقۇمچىلىقنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ.[1] بۇنۇڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ‹‹قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە كالاسۈتى، سۈتتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلكلەر ۋە گۆشتىن باشقا، يەنە كۆپ مىقدارداقوي، ئۆچكە ۋە باشقا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ يۇڭلىرىغا ئىگە بولغان ھەمدە بۇلاردىنپايدىلىنىپ ھەر خىل كىگىز ۋە گىلەملەرنى توقۇغان.››[2] بولۇپ،.1979-،1980-يىللاردا زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرى، لوپنۇررايۇنى كۆنچى دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى قەدىمى قەبرىلەر ۋە قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە قەدىمى قەبرىلىرىدىن،‹‹بۇنۇڭدىن3800-4000 يىللار ئىلگىركى يۇڭ پالاس،ئېگىز،ئۇچلۇق يۇڭ توقۇلما بۆك،گىلەم،كىگىز قالپاق ۋە باشقا كىيىم –كېچەكلەر،يوپكا  قاتارلىق يادىكارلىقلارقېزىۋېلىنغان.››[3] بولۇپ، ‹‹ھەرخىل رەڭدار يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ تۈرى كۆپ،توقۇلۇش ئۇسۇلى، قۇرۇلمىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ››[4]قېزىۋېلىنغان،بۇ يادىكارلىقلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنۇڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرلا يۇڭ توقۇمىچىلىقنىڭ خېللى يۇقۇرى سەۋىيىسىنى ياراتقانلىقىنى ھەم شۇئارقىلىق تۇرمۇشنى ياخشىلاپ چىرايلىق ئۈستى باش كىيىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.تۆۋەندە ئەجدادلىرىمىز يۇڭدىن توقىغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلىگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن بىرقىسىملىرىنى تۇنۇشتۇرىمەن.


كىگىز — كىگىزنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن نۇسخىسىغا قاراپ ئاق كىگىز، گۈللۈك كىگىز، تەڭلىماتكىگىز، بوياق كىگىز، شىرداق، سىدام كىگىز، يۇڭ پالاس قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . سىدام كىگىز يەنە ئىشلىتىلگەن يۇڭ رەڭگىگە قاراپ سىدام كىگىز، قارا سىدام كىگىز ۋە بوز سىدام كىگىز دەپبۆلىنىدۇ. ئاق سىدام كىگىزنى ئىتىشتە ئالدى بىلەن يۇڭى يۇمشىتىلغاندىن كېيىن توقۇلغان چىغ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىلىپ، ئۈستىگە ئازراق سۇ سېپىپ، چىغنى يۆگەپ، دۇمىلاتقاندىن كېيىن چىغدىن ئاجرىتىپ قول بىلەن دۇمىلىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. قانچە ئۇزاق دۇمىلاتسا كىگىز شۇنچە قاتتىق پىشىدۇ. ئاق سىدام كىگىزگە ھېچقانداق رەڭلىك يۇڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن ئاق سىدام كىگىزدەپ ئاتىلىدۇ. قارايۇڭدائەتكەنلەرنىڭ رەڭگى قارا، بوز يۇڭدا ئەتكەنلەرنىڭ رەڭگى بوز بولغاچقائۇلارقارا سىدام كىگىز ۋەبوزسىدام كىگىز دەپ ئاتىلىدۇ.


بوياق كىگىز— بۇ خىل كىگىز ئالدى بىلەن ئاق ھالەتتە ئىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى چوڭ قازانغاسېلىپ مۇۋاپىق مىقتاردا سۇ قويۇپ رەڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قايناق سۇدىن سۈزۈۋېلىپ نەم ھالەتكەكەلگەن ۋاقىتتا يەنە قول بىلەن دۈمىلىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. بوياق كىگىز كۆپ ھاللارداقىزىل رەڭدەبويىلىدۇ.

گۈللۈك كىگىز—  ( تەڭلىمات ) گۈللۈك كىگىزنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى ئاق سىدام كىگىزگە ئوخشايدۇ، بىراق كىگىز يۈزىگە گۈل نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈشتە ئالدى بىلەن نېپىز سېلىپ پىشۇرۇلغان ئاق كىگىزنى پارچە- پارچە قىلىپ ھەر خىل رەڭلەردە بوياپ، ئاندىن ئۇنى قايچابىلەن كېسىپ چىغ ئۈستىگە گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلىدۇ. ھەر خىل رەڭلىك يۇڭلار ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ ئوخشاش بولمىغان نۇسخاشەكىللەندۈرۈلىدۇ. گۈللۈك كىگىزنىڭمۇ گىلەم نۇسخىلىرىغا ئوخشاش ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئومۇمىي نامى تەڭلىمات  دەپ ئاتىلىدۇ.تەڭلىماتئىتىشتە گۈل ئۈستىگە يۇڭ سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.


شىرداق- شىرداق ئېتىش ئۇسۇلى كىگىزنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلىغا تامامەن ئوغشايدۇ ئەمما كىگىزنى پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،شىرداققا ئىشلەتمەكچى بولغان گۈل نۇسخىلىرىنى كىگىز ئۈستىگە تىزىپ، تەيياربولغاندىن كېيىن،گۈللەرنى كىگىزگە قول بىلەن تەكشى تىكىدۇ. شىرداق ئادەتتىكىكىگىزلەرگە قارىغاندا قېلىن،  چىداملىق ،كۆركەم بولىدۇ،

گىلەم __ ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ،يەرگە سېلىش ياكى تامغا ئېسىش ئۈچۈن، بويالغان يۇڭ يىپ ياكى يىپەكتىن ھەرخىل نۇسخىلاردا توقۇلىدىغان بىسات. « گىلەم پاختا يىپنى يۇڭ يىپ بىلەن مۇۋاپىقنىسبەتتە بىرلەشتۈرۈپ، پاختا يىپنى ئارقاق ۋە ئۈرۈش قىلغان ھالدا يۇڭ يىپنى پاختايىپقا تىۋىت سۈپىتىدە چىگىش ئارقىلىق توقۇلىدىغان نەپىس، پۇختا، نۇسخا نەقىشلىرىكۆپ ئۆزگىرىشچان، رەڭ قۇرۇلمىسى ماسلاشقان، ئىلاستىكىلىققا ئىگە سېلىنچا بولۇپ، ئۇيىراق قەدىمكى دەۋىردىن تارتىپ ئەجدادلىرىمىز بەرپا قىلغان ماددىي كەشپىيات ۋەسەنئەت نەمۇنىلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن .


جايناماز— جايناماز مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاغ ناماز ئوقۇش، دۇئا-تەكبىر ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە سېلىنچا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ، يۈڭنى خام ئەشيا قىلىپ ئىتىلىدىغان كىگىزنىڭ بىرتۈرى بولۇپ، جاينامازنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى كىگىزنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلىغا تامامەن ئوخشايدۇ. ئەمما جايناماز ئىتىشكەئىشلىتىدىغان يۇڭ پاكىز يۇيۇلۇپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ، جاينامازنىڭ ئوڭ يۈزىگە رەڭلىك يۇڭدا مېھرابنىڭ شەكلى چۈشۈرۈىدۇ.جاينامازنى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ بىر كىشلىك ياكى كۆپ كىشلىك قىلىپ ئىتىشكە بولىدۇ .


پالاس -بۇ، ئۆشكە چۇپۇرىنى خام ئەشيا قىلىپ توقۇلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، پالاسلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆسۈملۈك، گۈل نۇسخىلىرى ياكى رەڭلىك يوللۇق شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە، ئادەم شەكىللىرى چۈشۈرۈلمەيدۇ. پالاس توقۇش تېخنىكىسى مۇنداق:پالاس توقۇش دۇكىنىنىڭ ئىككى بېشى يەرگە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئارىسىغا ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتا 30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە شوينا(ئۆرۈش يىپى) تارتلىپ. ئاندىن ئۆرۈش يىپىنىڭ بىر بېشىدىن باشلاپ ئارقاق يىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، قىلىچ بىلەن چىڭدىلىپ پالاس توقۇلىدۇ.پالاسنى ھازىر مۇ يېزا – قىشلاق، چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.


پىيما — بىرتۈرلۈك يۈڭ پىشۈرما مەھسۇلات بولۇپ،مەخسۇس پىيمىچى ئۇستىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرلىدۇ.شەكىل پەرقى ۋە ئىستىمال پەرقىگە قاراپ ئەرەنچە،ئايالچە ۋە بالا پىيمىسى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ،ئۇزۇن قونچىلىق قۋە كالتە قونچىلىق پىيما دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.           پىيما كۈز پەسلىدە قىر قىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ.


ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا  ئىتىشكە  بولمايدۇ.

پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ.

ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت  سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغان كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ.



(پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق  بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەرئارىلاشتۇرىلىدۇ.

پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ! قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بو لۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغاق قاتتىق بولىدىغان رايونلادا پىيما  ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.


ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە  بولىدۇ.

پىيما ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى،ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا  كەلگەن بىر قىسىم چەت  ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات  ئويېكتى قىلماقتا.


كىگىز پايپاق— كىگىزپايپاق ئۇيغۇركىگىزچىلىكىنىڭ بىرتۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەيداغاكېلىش تارىخى پىيمىنىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخدىنمۇ ئۇزۇن. چۈنكى ئۇنى ئىتىش ئۇسۇلى ئاددى، كىيىش ئوبيېكتلىرى كۆپ. كىگىز پايپاقنى ئىتىشئۇسلىمۇ كىگىزئىتىشئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. كىگىز پايپاقنى ئىتىش ئۇسۇلى مۇنداق: يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، چىغ ئۈستىگە سېلىپ يۆگەپ، دەسسەپ دومىلىتىپ ئاخىرىدا قول ئارقىلىق قاتۇرۇلىدۇ. ئاندىن سۈزۈپ، تەڭشەپ پايپاق شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تاپىنى يىپ بىلەن چېتىلدۈرۈلۈپ تىكىلىدۇ. پايپاقنى كىيىش ئوبېيكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە، چوڭ- كىچىك قىلىپ ئىتىشكەبولىدۇ. رەڭگى جەھەتتىن ئاق پايپاق، گۈللۈك پايپاق دەپ بۆلىنىدۇ.

خاس ئاق يۇڭدائىشلەنگەنلىرى ئاق پايپاق بولىدۇ. گۈللۈك پايپاق سەل مۇرەككەپ بولۇپ، ئاۋۋال چىغ ئۈستىگە بويالغان ھەر خىل رەڭلىك يۇڭلاردىن گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۈستىگە يۇمشىتىلغان يۇڭ سېلىنىپ، رەڭلىك يۇڭ بىلەن ئاق يۇڭ مۇستەھكەم جىپسىلاشقانغا قەدەر دۇمىتىلىپ قول ئارقىلىق قاتۇرۇلىدۇ.

گۈللۈك پايپاقنىڭ گۈلى ئادەتتەئۆتۈكنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ ئىتىلگەچكە ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇ بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، سوغۇق قاتتىق بولغان ۋاقىتلاردىمۇ پۇتنى ئاسان توڭدۇرمايدۇ. پۇتنى تەرلەتمەيدۇ، يۇمشاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككەئىگە.

   كېپىنەك- كېپىنەك تەبىئىي يۇڭلاردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىرخىل يامغۇرلۇقتىن ئىبارەت. كىشىلەر كېپىنەكنى  يەنە كىگىز يامغۇرلۇق دەپمۇ ئاتايدۇ. كېپىنەك توغرۇلۇق ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى ‹‹تۇركىي تىللار دىۋانى›› دىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن بولۇپ،‹‹ يبتج (yaptaq) كېپىنەك تون،پادىچىلار قار-يامغۇردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېپىنىۋالىدىغان يەڭسىز تون ›› (3-توم 50-بەت)،‹‹جيدم ( qaydam ) كۆرپىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان ۋە يامغۇرلۇق تىكىدىغان يۇپقا كىگىز››(3-توم 243-بەت) دەپ ئىزاھلىغان. كېپىنەك شەكىل ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇزۇن كېپىنەك ۋە كالتە كېپىنەك دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. كېپىنەكنى، كىگىزچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن پەلتو شەكلىگە كەلتۈرۈپ،چىغ ئۈستىگە سالىدۇ.يەڭ ئىچى ھەم پەشلىرىگە يۇڭنى چاپلاشتۇرمايدىغان رەخىتنى سېلىپ چىغنى يۆگەپ دەسسەپ خامدىغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتتۇرىدۇ.ئاندىن پەش، ياقا قىسىملىرىنى سوزۇپ شەكىلگە كەلتۈرىدۇ.ئۇ ھەم ئىسسىق ھەم يامغۇر ئۆتكەزمەسلىكتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،تاغلىق رايۇنلاردىكى بىرقىسىم كىشىلەر ھازىر مۇ ڭشلىتىپ كەلمەكتە.

      كىگىز قالپاق-كىگىز قالپاق خەلقىمىزنىڭ ناھايىتى قەدىمى باش كىيىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇركىي تىللار دىۋانىدىمۇ كىگىز قالپاق ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.‹‹ قترمابرك- ئالدى – ئارقا تەرىپىدە قايرىمىسى بولغان قالپاق(1-توم638-بەت) ، ‹‹ينكلدرق – يامغۇرلۇق بۆك، يامغۇردىن ۋە شىۋىرغاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن يامغۇرلۇققا تىكىپ قويۇلغان كىگىز قالپاق››. ئۇندىن باشقا يەنە ئارخىئولوكلىرىمىز 1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن، چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقلىرىدىن‹‹ قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغا كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ۋە كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بېشىغا تاجىسىمان گۈللۈك قالپاقلارنى كىيىپ ، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقان سازەندىلەر تەسۋىرلەنگەن . ›› [5] كىگىز قالپاقنىڭ تۈرى ئىككىك خىل بولۇپ بىرخىلى كىگىزنى پىچىپ تىكىلىدۇ،ئۇنىڭ سىرتى تاشلىنىپ كەشتە تىكىلىدۇ.ئىچى ئەستەرلىنىدۇ.يەنە بىرخىلى، كىگىز پۇشۇرۇش ئۇسۇلىدا يۇڭدىن بىرپۈتۈن پوشكال قۇيۇپ پىشۇرلىدۇ. بۇ،ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹ كىگىز قالپاق ››،‹‹ كەشتە قالپاق ››دەپ ئاتىلىدۇ.كىگىز قالپاقنىڭ شەكلى قايرىما سايىۋەنلىك شىلەپىگە ئوخشايدۇ. چوققا ۋە سايىۋەن قىسمى تۇتاش بولۇپ، تىكىشى بولمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ سايىۋەنلىكىدە ئالدى – ئارقىسىدا چەك بولىدۇ. رەڭگى تەبىئىي يۇڭ رەڭگىدە بولىدۇ.گۈل نەقىش چىقىرىلمايدۇ.كىگىز قالپاق ئاپتاپتىن ۋە يامغۇردىن ساقلاش ئىقدىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھۆل – يېغىن كۆپ بولىدىغان، ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان رايۇنلاردا كىيىشكە ماس كېلىدۇ.كىگىز قالپاقنى ھازىرمۇ چەت – ياقا، تاغلىق رايۇنلاردا كىشىلەر ئەتۋارلىق باش كىيىم سۈپىتىدە كىيىشمەكتە.

تەرلىك كىگىز- تەرلىكك كىگىز مۇنىدىغان ئاتلارنىڭ ئۇچىسىغا ،ئئئېگەرنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان بۇيۇم بولۇپ، يۇڭنى خام ئەشيا قىلىپ كىگىز ئېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرلىدۇكىگىز تەرلىك ئاق،قارا،بوز رەڭلىك يۇڭلاردىن پىشۇرلىدۇ.سىدام ئىتىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ.لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا گۈللۈك ئېتىلىدۇ.تەرلىكنىڭ ئاساسى رولى بولسا ئېگەرنىڭ ئاتلارنىڭ دۈمبىسىنى غاجاپ ياكى سۈركىلىپ يېغىر قىلىپ قويۇشىدىن ساقلايدۇ ھەم  ئات بىلەن جىددى يول يۈرگەندە ياكى ئات ئۇزاق يول يۈرۈپ تەرلەپ كەتكەن ۋاقىتتا تەرنى سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا كىگىز تەرلىكنىڭ گۈل – نەقىشلىرى ۋە قىرغىقىدىكى رەڭدار چۇچىلىرى ئېگەر گىلىمى ۋە نەقىشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئاتقا سۈر ، ھەيۋە ئاتا قىلىدۇ.

خۇرجۇن - ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدىن بىرىدۇر.  خۇرجۇن ئۇيغۇر خالۋاپچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى، قىزىل، كۆك، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدۇ. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدۇ. ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە. خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ، نەرسە - كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئات، ئېشەكلەرگە ئارتىپ ماڭسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ نەرسە - كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك. ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە - كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ئۇنىڭدا نەرسە - كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ.خۇرجۇن ھازىرمۇ يېزا- قىشلاقلاردا كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە ھەم  يېقىنقى  يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا.

توۋرا-بۇ ئېگىرىلگەن يۈڭ يىپنى خام ئەشيا قىلىپ توقىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ ، ئات،ئېشەكلەرگە بۇغۇز بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.توۋرىنى توقۇش ئۇسۇلى خۇرجۇن توقۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خورجۇننىڭ بىر تەرىپى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.توۋرا تۈز توقۇلۇپ بىرتەرىپى كەينىگە ياندۇرلۇپ ئىككى تەرىپى تىكىلىپ ، ئېغىزىنىڭ ئىككى بېشىغا باغ بېكىتىلىپ،  ئات، ئېشەكلەرنىڭ تۇمۇشۇقىنى توۋرىنىڭ ئىچەگە كىرگۈزۈپ بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ. توۋرا  بىلەن ئات،ئېشەكلەرگە يەم – بۇغۇز بەرگەندە چېچىلىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ھەم باشقا جاندار-ئۇچار قۇشلارنىڭ بۇغۇزنى يىۋىلىشىنىڭ، بۇزۇپ چېچىۋېتىشىنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى ھەم بۇغۇزنى ئات-ئۇلاغلارنىڭ تۇلۇق يىيىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

پوتا – پوتا ئىككىك خىل بولۇپ، بىرخىلى يۈڭ پوتا يەنە بىرىىلى ئۆرمە پوتا.يۇڭ پوتا - بۇ ئېنىچكە ئېگىرىلگەن يۇڭ يىپنى خام ئەشيا قىلىپ توقۇلىدىغان بەلباغ بولۇپ كەڭلىكى 30سانتىمىتىر،ئۇزۇنلىقى1.8سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇخىل بەلباغنىڭ ‹‹تۈزپوتا››،‹‹خالتا پوتا›› قاتارلىق تۈرلىرى بار. توقۇش جەريانىدا پوتا يۈزىگە رەڭلىك يىپلاردىن پەتلە(بالداق گۈل)چىقىرلىدۇ،ئىككى ئۇچىدا چۇچا قالدۇرلىدۇ.   بەزىلىرىنىڭ  چۇچىلىرىغا  كىچىڭ رەڭدار مارجانلار ئۆتكۈزلىدۇ. بۇخىل پوتا ئىنتايىن كۆركەم ، چىرايلىق  ۋە چىداملىق بولىدۇ.   ئۆرمە پوتا—بۇ يۇڭ ياكى بۆزيىپنى خام ئەشياقىلىپ ئۆرۈپ توقۇلىدىغان بەلباغ بولۇپ، كەڭلىكى 6 سانتىمىتىر،ئۇزۇنلۇقى 1.8 مىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.ھەرخىل رەڭدىكى ئۆرۈش يىپلاردىن گۈل - نەقىشلەر چىقىرلىدۇ. ئادەتتە قىسقارتىلىپ،‹‹ئۆرمە››ياكى ‹‹قۇر›› دەپلا ئاتايدۇ.


ئىزاھلار  : ]1[ ،ئابدۇكېرىم راخمان ‹‹ ئۇيغۇر فولۇكلورى ھەققىدە بايان ››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1989-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 161-بەت

[2]ئابدۇقەييۇم مىجىت : ‹‹خوتەن ناھىيەسىنىڭ گىلەمچىلىك تارىخى ›› ‹‹خوتەن ناھىيە تارىخ ماتېرىياللىرى»، 2009-يىل 6-ئاي بىرىنچى نەشرى

[3]،[4] ئابدۇقەييۇم خوجا‹‹ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ئېسىل يادىكارلىقلار››.شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى1998-يىللىق 5-6-قوشما سانى،91-95-بەتلەر

[5] مۇختەر قادىر ھونزادە:قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى –قالپاق.شىنجاڭ گېزىتى1993- يىلى 10–ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانى

پايدىلانغان ماتىرياللار :

مەمتىمىن سابىر:‹‹كىگىزچىلىك››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2009-يىلى 6-ئاي 2-بېسىلىشى.

ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا:‹‹ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى›› شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى2000-يىلى 4- ئاي 2- بېسىلىشى.

ئابدۇكېرىم راخمان،رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا،شېرىپ خۇشتار:‹‹ئۇيغۇر ئۆرۈپ – ئادەتلىرى›› شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2008-يىل 4-ئاي 2-بېسىلىشى

ئابدۇكېرىم راخمان: ‹‹ ئۇيغۇر فولۇكلورى ھەققىدە بايان ››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1989-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى

مەمتىمىن سابىر: ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى 2007-يىللىق11-سان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 12:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4926
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان يىزىپسىز...ئاشۇ پىيما دىگەننى بىر كىيىپ باقسام دەيمەن ...پىيما كەيگەن ئادەمنى كۆرسەم بىر خىل ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىمەن دىسە

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقاتەن ئىسىل تېما بۇپتۇ، مەن ئۇزۇن بولدى چىرايلىق كىگىز ئىزدەۋاتقىلى..
http://turanim.com/?fromuid=1346

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىيمىنىڭ سۆرىتى بولسا بارلار يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن،  تېما ئىگىسىگە رەخمەت!

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدىنىيەت جەھەتتە بىز ماۋۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك . بۇنى ھازىر بىز ئوقۇۋاتقان تارىخىتا ھەرگىز دىمەيدۇ .  بۇلار پۇتىغا قىش ياز دىمەي  خەي كىيىپ يۈرۈيدۇ ، ئەمما شۇ ئىجادچانلىققا ئىگە كاللىمىز رۇدىمىتلىشىپ كەتتى .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
poyuz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 12:48 PM
پىيمىنىڭ سۆرىتى بولسا بارلار يوللاپ قويساڭلار بوپتىكە ...

ھەممىڭلارغا بىردىن سوۋغا قىلىمەن،



پۇلغا،

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tamkin147 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 01:09 PM
ھەممىڭلارغا بىردىن سوۋغا قىلىمەن،

پۇلغا بەرسىڭىزمۇ ئاۋال كۆرسەتمەمسىز؟ كۆرسەتمەي تۇرۇپ سودا قىلىۋالاي دىمىگەنسىز

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا  چىقماپتۇ دە،،،    ئىنكاسقا  ئىنكاس قىلىپ يوللىسا چىقمايدىغان ئوخشايدۇ،،  مانا ئەمىسە،:  

00153119.jpg
69a7e3b7-dc9f-4631-bdd1-cad1c0f0b67a.jpg
بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:14:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يۇڭدىن تۇقۇلغان بۇيۇملار  كىگىز، پىمە دىگەندەكلەرنىڭ داۋالاش جەھەتتە قىممىتى يۇقىرى، ھازىر مىللى تىبابەتتە بۇ يۇڭ دىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردا يېتىش، ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلنىۋاتىدۇ. بۇنى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز نۇرغۇن يىللار بۇرۇنلا بايقىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مۇشۇ بىر تال بىلەن تۈگىدى جۇما›،،

02227175516e813fece1ce9aec43c77e.gif
بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش