كۈندەشلەرنىڭ ھېلىسى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بىر ئادەمنىڭ ئىككى خۇتۇنى بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ
بىرى قېرى،بىرى ياش ئىكەن.ئۇ ئادەمنىڭ بولسا ساقىلى ماش گۈرۈچ
يەنى،چار ساقال ئىكەن.كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ چوڭ خوتۇنىنىڭ قېشىغا
كىرىپ بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن كۆزى ئۇيقۇغا كىتىپتۇ.بۇ چاغدا
خوتۇنى ئۇنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ يۈز ۋە ساقاللىرىغا نەزەر ساپتۇ.ئاندىن
ئۆزكۆڭلىدە:«بۇنىڭ قارا ساقاللىرىنى تاللاپ يۇلىۋەتسەم،پۈتۈنلەي ئاق
ساقاللىرى قالسا،ياش خوتۇنىنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ.ئېرىم
ئۇنىڭ مۇئامىلىسىگە قاراپ بېقىپ ياش خوتۇنغا بولغان مۇھەببىتى
سۇسلىشىدۇ-دە،پۈتۈنلەي مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ››دىگەن خىياللارنى
قىلىپ ئېرىنىڭ قارا ساقاللىرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي يۇلۇپ تاشلاپتۇ.
يەنە بىر كۈنى بۇ ئادەم ياش خوتۇنىنىڭ قېشىغا كىرىپ قونۇپتۇ.بۇ
خوتۇنمۇ كۆڭلىدە:‹‹بۇنىڭ ئاق ساقاللىرىنى يۇلىۋېتەي،ئۇ چاغدا بۇ
قارا ساقاللىرى بىلەن قېرى خوتۇنىنى خوتۇن قىلىشتىن نەپرەتلىنىدۇ-دە
ماڭا ئامراق بولىدۇ››دەپ ئويلاپ،ئېرىنىڭ ئاق ساقاللىرىنى پاك-پاكىز
يۇلىۋېتىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ كىشى ساقىلىنى سىلىغان
ئىكەن،قۇلىغا ھېچ نەرسە ئۇرۇنماپتۇ.بىر تالمۇ ساقىلى قالماپتۇ.ئۇ خېلى
پەريات قىلغان بولسىمۇ ھېچ پايدىسى بولماپتۇ.نەزمە:
قىسما-قىسما ئۆتكىسىدۇر كۈنىمىز،
باقمىغاي ھېچ بىرسىگە بۇ ئۆمرىمىز.
********
مەنبە:‹‹ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر››ناملىق كىتاپ
يوللۇغۇچى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي