مىھرىگۈل ئابلىمىت
ھىجران
يوللىرىمىز يىراق ئەزىزىم بىزگە، كۆزلىرىم ھىجراندا ياشلىق ھەر كۈنى. دېڭىزنى تولدۇردۇم تامچە ياش بىلەن، قاچانمۇ يېشىلەرھىجران تۈگۈنى.
يېشىمدا سۇغۇردۇم كۈن بويى ھىجران، ئەقىدەمنى قىلىپ ساڭا باياۋان. يوللىرىڭغا تىزدىم بىردىن تەشنالىق، مۇھەبەتتىن ئاۋات چۆللەردە داۋان.
ئاي قىيا مارايدۇ ئۆكسۈپ روجەكتىن، ئىچ ئاغرىتىپ تۈندە مەيىن شامالغا. ھاياتتا ھىجرانغا ھەرگىز چەك يوقكەن، تۈن چارىسىز ھەتتا ئاڭا ئامالغا.
قۇشلاردىن ئېۋەتتىم، مەن ساڭا سۆيگۈ؛ داۋانلاردىن ھازىر ئاشقاندۇر بەلكىم. دىلىمدىن مىھىرنى قويۇۋەتتىم ھەم، ۋۇجۇدۇڭنى ئېيتقىن، تىترەتكىنى كىم...؟
ئەسلىسەم مەن تاڭدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، مۇڭلىرىمغا دائىم ھەمراھتۇر بۇلبۇل. خۇش ھىدلىرى ئەشۇ گۈزەل باغلارنىڭ، ئەسلىتىدۇ ھەر كۈن مېھرىڭنى <دۇلدۇل>.
گۈرۈلدەپ كۆيسە ھەر تۈنلەردە پىغان ، باغرىنى قاماللار قۇياشتەك پىنھان. ئولتۇرسا خىيالدا مەسۇم جىمجىتلىق، ئۇھسىنار قەلبىدە سېغىنىش ھىجران.
دەرەخكە گۇۋاھدۇر يىلتىزى غېرىب، ئاشىققا گۇۋاھدۇر كۆيگەن يۈرەكلەر. بىر ئوتتا تەڭ كۈيەر ۋىسال ئارمىنى، قىياندۇر شۇ ھىجران بۈگۈن جىيەكلەر.
چىن مۇھەببەت ۋاپا قىلار ئاشىققا، مەشۇق يىغلاپ، كۈتەر ۋىسال سۈكۈتتە. سېنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە سۇلغۇنلۇق، باغاشلار ھىجراننى تەلمۈرۈپ كۆكتە.
ساقلىسام تۈن بويى ھىجرانلىرىڭدا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا شۇ ئەھدىڭ بارمۇ. چىقسام يۇلقۇنۇپمەن باياۋانلارغا، مىھرىڭدىن ۋىسالغا يۈرىكىڭ يارمۇ...؟
زېمىننىڭ باغرىغا قادالغان سۆيگۈ، ھىجرانلاردىن سۇسىز سارغايدى كۈزدە. ئاي مارايدۇ تۈننىڭ ئازاب قوينىدا، مۇڭلانغان شېئىرغا ھىجران كۆزىدە.
دەستىلەردىن تىزدىم مىھرىم باغلىرى، خۇددى جەننەت ساڭا ئۇنىڭ ھىدلىرى. تەبەسسۇمدىن يەنە ياسىدىم سۆيگۈ، ھىجران كۈلگەن كۈننىڭ ھەر-بىر تاڭلىرى.
باغرىمدىن سۇغۇرۇپ جۇدالىقتىن ياش، خوش دىگەن مەن سېنى خەيرلىك ئاخشام. تاپشۇردۇم مەن سېنى ئۇلۇغ ئاللاھقا، قايتىپ كەل ئېيتقاندا ھىجرانلىق ناخشام.
2012-يىلى9-ئاينىڭ25-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 01:25 PM
|