دۇككىنىمىز توي فىلىم ئىشلەش ئورنى بولۇپ ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيان ، ئىزچىل توي فىلىمى ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدۇق . يېقىندىن بۇيان ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ساپاسىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، بىر قانچە قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەشلىنى پىلانلاپ << قىمار ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ >>
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-79179-1-1.html دىگەن قىسقا فىلىمنى ئىشلەپ نۇرغۇنلىغان دوسلىرىمىزنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشى بىلەن ، نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى ، ھەم بىز سەل قارىغان جايلارنى بايقاپ ، تەكلىپ پىكىر بەرگەن دوسلىرىمىزنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلدۇق . ئاللا خالىسا بۇ قېتىم ئالدىنقى قىسقا فىلىمدىكى سەۋەنلىكلەرنى تۈزۈتىشكە تىرىشىمىز .
بۇ قېتىم ئاللا خالىسا يەنە بىر قىسقا فىلىم ئىشلەشنى مەخسەت قىلغان ئىدۇق ، لىكىن سىنارىيە جەھەتتە سەل قىينىلىپ قالدۇق . شۇڭا ئۆتكۈر پىكىرلىك ، قەلەم قۇۋىتى يۇقىرى قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردەم قىلىپ ياخشىراق سىنارىيە بولسا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ( ئەلۋەتتە بىكارلىق ئەمەس جۇمۇ . سىنارىيەسىنى ئىشلەتكەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمايمەن ) .
سىنارىيەگە قويىلىدىغان تەلەپ : چوقۇم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولىشى ، رېئال تۇرمۇشقا يېقىن بولىشى ، سەلبىي ئوبراز تۈسىنى ئالغان بولىشى ( سەلبىي ئوبراز تۈسىنى ئالمىسىمۇ ، ئالاھىدە ماھارەتلىك ، جانبازلىق ..... دىگەندەك كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنسىمۇ بولىدۇ ) ، 7-10 غىچە ئېسىل ماشىنىلار بولىشى ، فىلىمنىڭ پۈتۈن ۋەقەلىكىدە ئايال پىرسۇناژلار بولماسلىقى ، 10دىن ئوشۇق پىرسۇناژ بولماسلىقى ، كىرەك . رولغا چىقىپ بېقىشقا قىزىقىدىغان ئاتۇش ، قەشقەر دىكى دوسلىرىمىزنىڭ سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز . ( بۇ بىكارلىق جۇمۇ خې خې...)
ۋاختى : 9- ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە . لىكىن ياخشى سىنارىيە بولسا كىيىنكى قىسقا فىلىمگە ئويلىشىمىز .
سىنارىيەنى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىساڭلار بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 04:44 AM