ئۇچۇپ كەتتى سۆيگۈ قۇشلىرى،
قانات قېقىپ يىراق-يىراققا.
قۇچاق ئاچتى ھىجران پەسلىگە،
تاشلاپ دىلنى ئوتلۇق پىراققا.
ئۇچۇپ كەتتى سۆيگۈ قۇشلىرى،
سەپەر قىلىپ ئۇزاق-ئۇزاققا.
يارا قالدى مىسكىن كۆڭۈلدە،
بەندە بولۇپ ۋەيلۇن دۇزاققا.
ئۇچۇپ كەتتى سۆيگۈ قۇشلىرى،
زەڭگەر كۆكنى سېلىپ لەرزىگە.
قىرتاق ياشلار ئاقتى تامچىلاپ،
قايغۇ-ھەسرەت چۆمۈپ پەيزىگە.
ئۇچۇپ كەتتى سۆيگۈ قۇشلىرى،
ئاسمان سۆيگەن تاغنىڭ كەينىگە.
سوغۇق ھېسلار ياندى چاراسلاپ،
باقماي جاننىڭ رايى- مەيلىگە.
ئۇچۇپ كەتتى سۆيگۈ قۇشلىرى،
گۇنۇس ئۇپۇق كۆزدىن يۈتكىچە.
قايتىپ كېلەر دۇنيا ئايلىنىپ،
ئاشىق-مەشۇق داستان پۈتكىچە.
مەنبە: مەن شۇ...