بىر چاغدا مۇشۇ توغرىسدا بىر شېئر يازغانتىم...ياندىىشپ قوياي
_____________________________________________________
تىمتاس گۇگۇم...
ھەممە سۈت ئۇيقىدا
..................................
دوختۇرخانا ئىشىكىدە بىر ئاتا
باش كۆزى لىققىدە قان
قورقۇپمۇ كەتتىم
ئۇف.......
شۇنداق بولسىمۇ ئالدىغا باردىم.
پۇت قولۇمدا جانمۇ قالمىدى
يۈرىگىم بەكمۇ ئيچىشىپ كەتتى،
ۋايجان ، قۇتۇلدۇرڭلار ....
ئاتا ئىڭرىماقتا
اللاھغا ئۇ دۇئا قىلماقتا
كۆزلىرىدىن ئۈمۈتسىز ياش
سىرغىپ چۈشمەكتە.
نىمە ئىش بولدى؟ ئېيتڭلارچۇ
سورىدىم مەن ياندىكلەردىن
ئو
ئو
ئوغلى ئۇردى ئۇنى؟
< نىمە؟ >
مەن ئەمەس قالدى ھەممىسى ھەيران.
......
سەۋەبىنى ئۇققۇم كەلدى
بىراق بۇ پەيتى ئەمەس.
باش كۆزىنى تاقدۇق پەم بىلەن
ئوكۇللارنى ئاستۇق غەم بىلەن.
خىلى ۋاقىت ئۆتتى
ئاتا ئىڭرىشى تۈگەپمۇ قالدى.
ئاتا ئەمەسمۇ بىزگە يار يۆلەك،
قەددىمىز تۈزدۇر ئاتىلار بىلەن.
جان ئاتا ھەرگىز ياشلار تۆكمىگىن،
سېنى سۆيىمەن چىن ئىشقىم بىلەن.
* * *
ئاخىرى بىلدىم سەۋەبىنىمۇ
تۇرۇپ قالدىم لىۋىمنى چىشلەپ
ئىېچىم ئاغرىدى ئاتىغا
يەنە ئاغرىيدى ئىچىم
ۋاپاسىز بالىغا.
قىپقىزىل يۈرەك
كۆيەر بالام دەپ
بالىمۇ دادا دەپ قىلاتتى ئىبادەت.
نىمىلەر بولدى
قارا باستىمۇ؟
ياكى شەيتان يىتىلەپ ماڭدىمۇ ؟
ئەي ئوغۇل <ئاق>سېنى گۇمراق قىلدىمۇ؟
ئاتاڭدىن تان دەپ ئەقلىڭنى ئالدىمۇ؟
پۇل بەر دېدىڭ داداڭ بەردى،
100 يۈئەن ئاز دەپ
200 نى بەردى
كۈندە شۇنداق بىرىۋەردى
ئاتا ئاناڭ ئەمدى مۈكچىيىپ كەتتى.
ئىچڭمۇ ئاغرىمىدى
يۈرىگىڭ دادا ئانا دېمىدى
ئاشۇ <شۇم بۇيا> سېنى يىقىتتى
ئاتا-ئاناڭنى پەرياتقا سالدى.
بۈگۈنمۇ يەنە خۇمارىڭ تۇتتى
<ئاق> سېنى قىينىدى
بەدەنلىرىڭ تىتىردى
كۆزلىرىك قانخور كەبى
ھەممە ياققا تەڭ تىكىلدى.
كۆزۈڭ بىردىنلا ئاناڭ قۇلقىدىكى
ئاشۇ ئۆينىڭ ،
بىردىن بىر گۆھىرىگە چۈشتى.
سەن ساتمىغان قويلار قالمىدى،
ھەتتا ئۇچاڭدىكى
چاپان قالمىدى.
ھەممىنى ساتتىڭ
يوقاتتىڭ
غورۇرمۇ قالمىدى
ئىككى بالاڭ تالادا
سەرساندا قالدى.
خۇتۇنىڭمۇ ھەم ئازاپتا قالدى
پۇتۇن جەمەت سېنى دەپ ئىزادا قالدى.
خۇمارىڭنى بىسىش ئۈچۈن سەن
ئانىدىن تاندىڭ،
زەھەر ئاچچىق تۇرسىمۇ گەرچە
دادىدىن كەچتىڭ.
خىيالىڭ
ئارزۇيۇڭ
ئۈمۈدىڭ
شۇ ئانا قۇلىقىدىكى بىر جۈپ <گۆھەر>
ئانا قۇلىقىغا ئىسىلدىڭ
قىلچە تارتىماي
بىچارە ئانا ،
قۇلقىنى تۇتتى ۋايجانلاپ
ئاقماقتا قىپقىزىل قان.
پەرۋا قىلمىدىڭ،چىرايدا كۈلكە،
ئانا ئىسىڭدە قىلچە يوق ،
ئويلىغىنىڭ پەقەتلا زەھەر.
دادا چىدىمىدى،
ھاسىغا چۈشكەن شۇ پۇتىنى سۆرەپ ،
ئىسىلدى ساڭا.
تەڭ بولالامدۇ سەندەك شاش تايغا،
ياق ،ياق ....
ئۇنى بىردەمدە يىقىتتىڭ يەرگە
داداڭ ۋايجانلاپ دومىلاپ كەتتى،
بالىدىن يانغان ۋاپاغا قاراپ
<كۈلۈپلا كەتتىغۇ جاھانغا قاراپ>...
سەن بولساڭ گۆھەرنى ئىلىپلا ماڭدىڭ،
بەلكىم يەتمىدى ئىككى كۈنلىككە.
ھازىرقى خۇشاللىق يەتتى پەلەككە.
ئەي ئوغۇل سەن خاتا قىلدىڭ،
داداڭغا سەن جاپا قىلدىڭ.
سېنى باققان ئاتاڭ بىلسەڭ،
ھەممە كۆڭۈلنى خەستە قىلدىڭ.
ئىھ،ئاتىلار
قەدىردانلار
سىلەرگە بولسۇن بىزدىن
چەكسىز ئېھتىراملار.
ياشناپ كېتىمىز دۇئالار بىلەن،
بىز ئۈچۈن ھەردەم
بەردەم بولۇڭلار!!!