|
|
|
|
QQ نىڭ ئاپتۇماتىك قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى ئېچىش ئۇسۇلى
چۈشەنچە
بىز ئىشخانىدا، تورخانىدا ۋە باشقا ئامىۋى سورۇنلاردا كۆپۈنچە QQ رىمىزنىڭ دەرىجىسى تىزراق ئۆسسۇن دەپ ئېچىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپ قالىمىز، لىكىن دەل شۇ پەيىتتىن پايدىلىنىپ باقىلار سىزنىڭ QQ رىڭىزغا يوقۇلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز QQ نىڭ ئاپتۇماتىك قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويساق، سىز QQ بىلەن ئۇزاقراق(ۋاقتىنى تەڭشەشكە بولىدۇ) مەشخۇلات قىلمىسڭىز ئاپتۇماتىك قۇلۇپلىنىدۇ. خۇددى تېلفوننى بىرەر مىنۇت قويۇپ قويساق ئېكران قۇلۇپلانغاندەكلا.
دەرسلىك
. QQ رىڭىزنىڭ ئاستى قىسمىدىكى تەڭشەش كونۇپكىسىنى چىكىپ تەڭشەش بىتىگە كىرىڭ.
. بىخەتەرلىك تەڭشەشتىن QQ قولپىسى تەڭشىكىگە كىرىڭ.
. ئەمدى ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ، رەسىمدىكى (1) بولسا قۇلپىلىغاندا ھازىرقى QQ رىڭىزنىڭ پارولىنى ئىشلىتىش (2) بولسا يېڭىدىن قۇلپىلاش پارولى ئورنىتىش (3) بولسا تىزلەتمە كۇنۇپكىلارنى ئالماشتۇرۇش (4) بولسا ۋاقىت بەلگىلەپ قۇلپىلاش.
. ئەمدى ۋاقىت بەلگىلەپ قۇلپىلاشتا (5) بولسا ئاپتۇماتىك قۇلۇپلىنىش ۋاقتى (6) بولسا ۋاقىت توشقاندىن كىيىنكى ھالىتى، شۇڭا بۇنى تاللىشىڭىز كىرەك.
شۇنداق بولغاندا ئىش تامام بولۇپ كەتتى، ئەمدى خالىغانچە QQ رىڭىزنى ئېچىپ قويۇپ دەرىجە ئاشۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
مەنبە، بىلىملەر تورى: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6115
|
|
|
|
|
|