يۈرەك نىداسى
بىلىقىز ئەمەتپاك
ياد ئېتىشتىن سېغىنىپ يوقلاپ كەلدىم دوسلارنى، يادىڭلاردا بارمۇ ؟ مەن كىم ئەسلىدى كىم چېنىپ. ئۇچقۇنۇمدا كۆزلەردىن كېپىنەككە ئۆخشۇتۇپ، كىم توقىدى رىۋايەت يوقلىغىمدىن مۇڭلىنىپ.
نەزىر قىپتۇ ئۆلدى دەپ باغاق بېرىپ ھەققىمدە، مېھمان كەپتۇ ئۆزۈلمەي ئۆيلىرىمگە پەتىلەپ. ئىشىنىپتۇ بەزىلەر يوقالغاچقا ئىزلىرىم ، ياش ئىدىغۇ دىيىشىپ ئىسىت دەپتۇ ھەپتىلەپ.
شۇنداق ئىكەن بۇ ھايات تىرىكلىكنىڭ ئۆلمىكى، رەنجىمەيمەن ھىچكىمدىن نەزىر قىپتۇ ماڭا دەپ. ئۇنۇتماپتۇ مېنى دەپ ھىسلىرىمدا تولغۇنۇپ، يۈرىكىمدە قىزىل گۈل ئېچىلغۇسى كۈندە كەپ.
ئىلھام ئېلىپ ئۆز ئارا بىلىم كۆچ دەپ ئىتىلسەك، بەرەر مىۋە چىچەكلەپ كېلەچەكتە ھەسسىلەپ . زوقلۇق يەتسە يۈرەككە تىزغان قىزىل گۈللەردىن، زوقللانمامدۇق بىر كۈنى ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ..
ئىناقلىقتىن ياشارساق بەركەت يېغىپ يۈرەككە كۈچ قوشاتتى ھاياتقا يىغلىمايتۇق ئۆزلۈشىۈپ، روناق تېپىپ ئۆز ئارا چىچەكلىسەك يوقالماي، ياخشىلىققۇ ئەسلىدە يۈرسەك بىزلەر ئۆملۈشۈپ. . قىلىشمىساق غەيۋەتلەر بۇ ئۈگىنىش سەيناسى ، پورەكلىسۇن خىلمۇ خىلمۇ قىزىل گۈللەر رەناسى. مۇنبەر دىگەن بىر ئۆتەڭ بارلىغىمىز كارۋانلار، كەلگەنلەر گە مەرھابا! تاپسۇن ھايات مەناسى.
مەنبە قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AynaK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 05:18 PM
|