ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، مىسرانىم مۇنبىرىدكى ئەزىز قېرىنداشلار !
كۈنلىرىڭلار خۇشال- خۇرام ئۆتىۋاتامدۇ ؟
پېقىر ئاخسا يىگىت << كۆرمىگەنلەر ئارماندا >> دېگەن تېمىدىكى شاتۇتى ۋە بوغالتىر دېگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن مۇنبەرگە قىسقا فېلىم يوللاش توغرىسىدا بۇ يازمىنى يوللىدىم ، سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگىشىنى ، سىلەر ياقتۇرىدىغان فېلىملەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن .
يازمىغا قىسقا فېلىم قىستۇرۇشقا كەلسەك بۇنىڭدا ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋال بار .
بىرسى توردا بار بولغان فېلىمنى قىستۇرۇش ، بۇ ناھايتى ئاسان .
سىز قىستۇرماقچى بولغان فېلىمنىڭ توردىكى قويۇش ئادىرسىنى تېما يوللاش بېتىدىكى سىن قىستۇرۇش سىتونىدىكى ماس يەرگە چاپلىغاندىن كېيىن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بولۇپ تېمىڭىزنى يوللىسىڭىزلا بولىدۇ .
قەدەم باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە :
1.تېما يوللاش
2.سىن قوشۇش بەلگىسىنى تاللاش
3.قىستۇرماقچى بولغان فېلىمنىڭ توردىكى قويۇش ئادىرسىنى تاللاش
4.ئادرىسنى ماس بوشلۇققا چاپلاش
ئىككىنچى خىل ئەھۋال ، كومپىيوتىردىكى فېلىمنى يازمىغا قىستۇرۇش .
بۇ ئەھۋالدا ئۇ فېلىمنى 56تورى، يوۋكۇ تورى ياكى ياڭيۇ(تۇدوۋ) تورى قاتارلىق توربېكەتلەرگە يوللاپ ، ئاندىن سىن ئادىرسىغا ئېرىشىپ بىرىنچى خىل ئەھۋالدىكى مۇناسىۋەتلىك قەدەم - باسقۇچلارنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .
تۆۋەندە مەن يوۋكۇ تورىغا چىقىرىشنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمەن .
سىز ئالدى بىلەن يوۋكۇ كېخۇدۈەن(优酷客户端)نى چۈشۈرۈپ كومپىيوتىرغا قاچىلايسىز .
چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://c.youku.com/pc-client
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمگە ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر يوۋكۇ تورىغا ئەزا بولۇپ بولغان بولسىڭىز ئىسىم ۋە پارولنى كىرگۈزۈڭ ، ئەكىسچە بولسا كېيىنكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىڭ.
ئىسىم ۋە پارولنى كىرگۈزۈپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تۆۋەندىكى ھالەتتىن 添加دېگەن خەتنى چېكىپ ، سىز قىستۇرماقچى بولغان فېلىمنى تاللايسىز
ئاندىن يوۋكۇ تورىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ .
قىسقا فېلىم قىستۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى :
يوللانغاندىن كېيىن ، سىز قويۇش ئادىرسىنى يازمىدىكى سىن قىستۇرۇش كۆزنىكىدىكى ماس ئورۇنغا چاپلاپ قويسىڭىز تېمىڭىزىدا ئەسلى ئادىرسىدىكى مەزمۇن نۇرمال قويۇلىدۇ
.
رەسىملىك تېما يوللاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىىشپ كېتىدۇ .
توردىكى رەسىمنى چىقىرىشتا ، رەسىمنى قوش چېكىپ چوڭايتقاندىن كېيىن ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپنى چېكىپ ، تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 属性نى تاللاپ ، چىققان كۆزنەكتىن رەسىم ئادىرسىنى كۆچۈرىۋالىسىز .
ئاندىن يازما يوللاش بېتىدىكى رەسىم قىستۇرۇش سىتونىدىكى رەسىم ئادىرسى دېگەن يەرگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر كومپىيوتىردىكى رەسىمنى چىقارماقچى بولسىڭز ، رەسىمنى بوشلۇقىڭىزدىكى ئالبومىڭىزغا چىقىرىۋېلىپ ، ئاندىن ئالبوم رەسىمىنى چىقىرىش دېگەننى تاللاپ رەسىم قىستۇرسىڭىز بولىدۇ .
بۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى رەسىملەر :
1.رەسىم قىستۇرۇش بەلگىسىنى تاللاش
2.ئالبومدىكى رەسىمنى قىستۇرۇش
توردىكى رەسىمنى قىستۇرۇشتا ئالدى بىلەن رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ، ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ ، تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 属性دېگەن خەتنى تاللىساق ، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرىمىز .
ئاندىن قىزىل دۆگىلەك رايۇنىدىكى رەسىم ئادىرسىنى كۆچۈرىۋالىمىز .
ئاندىن توردىكى رەسىم دېگەن خەتنى تاللاپ ، رەسىم ئادىرسىىغا كۆچۈرىۋالغان ئادىرىسنى چاپلاپ قويساقلا كۇپايە.
مەنبە : ئاخسا يىگىت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 08:28 PM
|