ھەر كۈنى شۇنداق ، سەن خىيالىمدىن زادىلا چىقمايسەن ، سېنى ئويلۇماسلىققا تېرىشساممۇ ئەمما خىياللىرىم ماڭا ھېچ بويسۇنىدىغاندەك ئەمەس . گويا تاڭ ئاتمايدىغاندەك ئۇزاق تۈنلەردە كۆزلىرىم ئۇقۇدىن بىدار . بۈگۈنمۇ ياستۇققا بېشىمنى قۇيۇشۇم بىلەنلا خىيالىمغا يەنە كىرىۋالدىڭ .سىم -سىم يامغۇردا سەن بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ ماڭغان گۈزەل چاغلار ، زىمىستان قىشتىكى قار سەيلىسى ، توۋا شۇ چاغدا قۇلۇقۇمنىڭ توڭلاپ ئۇشۈپ قالغىنىنىمۇ سەزمىگەن ئىكەنمەن .ھەم ،سەن بىلەن تاڭ ئاتقۇچە گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن پىچىرلاشقان، سۆيگۈگە تولغان گۈزەل كېچىلەر خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر -بىرلەپ ئۆتۈپ ، قەلبىمدىكى ھېجران ئازابىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى .
ئۆزەمگە ھەيرانمەن ، كاج تەغدىرىم سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشكە نىسىپ قىلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەنە ئاشۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدىن يەنە سېنى ئىزدەيمەن . سېنى سېغىنىمەن ، سېنى كۈتۈمەن ،دېرىزەمدىن مارلاپ تۇرغان ئايغا قاراپ ئۆزەممۇ بىلمىگەن ھالدا ئىسمىڭنى توۋلاپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلايمەن !
قاياقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشا خۇددى قەلبىمدىكى ھەسرىتىمگە ئورتاقلاشقاندەك ،مېنى تېخىمۇ قىيناۋاتاتتى...
تىمتاسلىق قاپلىغان زۇلمەتلىك كېچە ،
ھەممە جان ئويقۇدا پەقەت مەن ئويغاق .
ئاڭلىنار يىراقتىن مۇڭلۇق بىر ناخشا ،
نەچۈندۇر بۇ ناخشا ماڭىلا ئورتاق .
بىر غېرىپ ھېس تۇيغۇ ئېزەر قەلبىمنى ،
بېرەلمەس ناخشىمۇ دىلىمغا شاتلىق .
بۇرۇلۇپ ئەينەككە كۆردۈم ئەكسىمنى ،
كۆزۈمدىن تۆكۈلەر ھەسرەت لىپمۇ -لىق .
تۇرۇپلا كۈلدۈممەن ئەكسىمگە قاراپ ،
ۋە يەنە ئارقىدىن يىغلىدىم يالغان .
چاچلىرىم چۇۋۇلغان چىرايىم خۇنۈك ،
مەڭزىمدە بىر تامچە ياش قېتىپ قالغان .
كىم ئۈچۈن تۆكۈلدى نەچۈن يىغلايمەن ،
بىلەلمەي ئۆزەممۇ بولدۇم دەرگۇمان .
تورلىشىپ يۇمۇلدى كۆزلىرىم شۇ دەم ،
كۆز ئالدىم قاراڭغۇ تۇماندۇر -تۇمان .
توختۇماي ئاڭلىنار يىراقتىن ناخشا ،
ئازاپلىق دىلىمغا بەرمەستىن ئارام .
يىگانە ئولتۇرۇپ سۈرىمەن خىيال ،
مۇڭدۇشۇم شۇ تاپتا ماڭا بۇ تۆت تام .
مېھرىيە يازمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 04:11 PM