كېچىنىڭ يارىسى ئېغىز ئالماقتا
باغرىمدا ئۆركەشەر شىرىن بىر ئاغرىق،
بىر تەشۋىش قەلبىمدە گۈلەر ۋىلىقلاپ.
چىڭقىلىپ يىغلايدۇ تۈننىڭ سايىسى،
مۇڭۇمغا مۇڭ قاتار گۈللەر قىلىقلاپ.
قۇرام تاش ئاھىمدىن يېرىلىپ كەتتى،
جاراھەت قاپلىغان تۈننىڭ باغرىدا.
مۇڭلىنىپ ئولتۇردۇم جىگدە تۈۋىدە،
بىر قۇياش يىغلايدۇ كۆڭلۈم غارىدا.
قىزارغان سەھەرنىڭ مەڭزى ئوتقاشتەك،
ئاقىرىپ كەلمەكتە ئۇپۇقنىڭ لىۋى.
بۇقۇلداپ يىغلايدۇ يولۇمدا بىر تاش،
ئالدىمدا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا يېشى.
خىيالىم جىگدىگە ياماشقان يىلان،
تومۇرۇم سوقماقتا تۈگىمەس دەردتە.
يۈرىكىم ئالقاندا ، جېنىم دولۇمدا،
پىچاقنى سانجىدىم يەرگە غەزەپتە.
ئازاپلىق چىقىراش كېلەر بوراندەك،
سەھەرگە باغرىمنى ئېچىپ يۈگۈردىم.
كېچىنىڭ يارىسى ئالماقتا ئېغىز،
كۈندۈزنىڭ باغرىنى بەكمۇ سېغىندىم.
مەنزىلىم سوزۇلغان تۈنلەردىن تاڭغا،
ھىجران زىندانىدا قۇياش كۈلمەيدۇ.
سەكپارە دىلىمدا قاينايدۇ پىراق،
يۈگەنلەپ قويۇلغان تۇلپار كىشنەيدۇ.
سۈزۈپ-سۈزۈك ئايدىڭنى سېغىندىم ئەجەپ،
يۈرەكلەر گۈل پۇراپ قالغان بۇ كېچە.
چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر پارچە خىيال،
سىڭماقتا ئەركىلەپ تۈننىڭ تىنىگە.
شاماللار گۈللەرنىڭ ئويناتسا ئۇسۇل،
يۈرىكىم غەزەپتىن ئاغرىيدۇ چىم-چىم.
كېچىنىڭ يارىسى ئالماقتا ئېغىز،
يالقۇنغا ئايلىنىپ كەتمەكتە جىسمىم.