ئاجايىپ پاراسەت
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تېۋىپ بىر كېسەل ئادەمنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ
تۇرۇپ:
ـ بۈگۈن يېمىش يەپسىز،-دىدى.
ـ شۇنداق،-دىدى كېسەل كىشى.
- مېجەزىڭىز ئەسلىگە كەلگىچە يىمەڭ،-دىدى تېۋىپ.
يەنە بىر كۈنى ئۇ تېۋىپ بىر كېسەلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.تېۋىپ ئۇنىڭ
تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-بۈگۈن چۆجە يەپسىز،-دىدى.
-شۇنداق،-دىدى ئۇ كىشىمۇ.
-ھازىر چۆجە يەيدىغان ۋاقىت ئەمەس،كېسىلىڭىزگە زىيانلىق،-
دىدى تېۋىپ.
خالايىقلار تېۋىپنىڭ دانالىقىدىن ھەيران قېلىشتى.تېۋىپنىڭ بىر ئوغلى
بار بولۇپ،ھەر ۋاقىت تېۋىپنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ھۈنەر ئۈگۈنەتتى.ئۇ
دادىسىنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرۈپ سورىدى،
دادىسى:
-مەن ئۇنى ھەقىقى تىبابەت ئىلمى بىلەن ئەمەس،بەلكى پاراسەت
بىلەن بىلدىم.مەن بىرىنچى كېسەلنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم،ھويلىسىدا
ئاقلانغان مېۋە پوستىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.« مېۋە پىشسا يىيىشكە
ئالدىرار›› دىگەن گەپ بار،شوڭا ئۇنىڭ مېۋە يىگەنلىكىنى بىلدىم.
يەنە بىر كېسەلنىڭ سارىيىغا بارغانىدىم،قارىسام ئىشىك يېنىدا چۆجىنىڭ
يۇلۇنغان قاناتلىرى تۇرۇپتۇ.بىلدىمكى،چۆجىنى كېسەل ئادەمدىن باشقا
ئادەم يىمەيدۇ.شوڭا، بۇ ساراي بېگى چۇقۇم چۆجە يىگەن دەپ بىلدىم
، ـدىدى.
بالىسى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دادىسىنىڭ ھۈنىرىنى ئۈگەنگىسى كەلدى ۋە
ساراي بېگىنىڭ يېنىغا باردى.ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-سىز بۈگۈن ئېشەك گۆشى يەپسىز،-دىدى.
ساراي بېگى بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى-دە،قاتتىق رەنجىپ:
- توۋا قىلدىم،سىز ئالجىدىڭىزمۇ؟ئېشەك گۆشىنى كىم يەيدۇ!؟-
دىدى.
تېۋىپنىڭ بالىسى بۇ بىئەدەپ سۆزىدىن خىجىل بولدى.ساراي بېگى
تېۋىپقا بالىسىنىڭ قىلغان ھاقارىتىدىن ئەرز قىلدى.تېۋىپ بالىسىنى
چاقىرتىپ:
ـ ئەي ھاماقەت، ئۇنىڭ ئېشەك گۆشى يىگەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟-دەپ سورىدى.بالىسى مۇنداق دىدى:
-سارايغا بارغانىدىم،قارىسام ئۇ يەردە ئېشەكنىڭ توقۇملىرى تۇرۇپتۇ.
ئويلىدىمكى،ئەگەر ئېشەك تىرىك بولغان بولسا،توقۇم ئېشەكنىڭ
ئۇچىسىدا بولغان بولاتتى.شوڭا،ئېشەك ئۆلگەن. ئېشەك بىر بولسا ئۆزى
ئۆلدى،بىر بولسا ئۆلتۈرۈلدى.ئەگەر ئۆزى ئۆلگەن بولسا تاپى شۇ يەردە
بولغان بولاتتى.شوڭا ئۇنى باشقىلار ئۆلتۈرگەن.كېسەل كىشى ئېشەكنى
ئۆلتۈرگەنىكەن،ئۇنى يىمەي قالامدۇ؟مانا مۇشۇ پاراسەت بىلەن ئېشەك
گۆشى يەپسىز،دىدىم.
*******
مەنبە:‹‹ ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر›› ناملىق كىتاپ
يوللۇغۇچى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 08:52 AM