شەبنەم بۇلۇپ قۇناي مەڭزىڭگە
ئالتۇن رەڭنى چاقنىتىپ قۇياش،
ئاستا پاتتى كۆكنىڭ قەھرىگە.
تامچە- تامچە ئوتلۇق مېھرىمدە.
شەبنەم بۇلۇپ قۇناي مەڭزىڭگە.
سەپ تارتىشىپ ئۆتسۈپ ئىللىقلىق،
سۈزۈك -سۈزۈك پاك مېھرىم بىلەن.
دىلغا بەرگەن چەكسىز ھاياجان،
ئاھ، بۇ تۇيغۇ قەلىبتە ئىكەن.
سىر يۇشۇرماق بولغان قۇرلۇرۇم،
لىرىك كۈيدە ساڭا تۈزۈلگەن.
تەبەسسۇمى چىللاپ توختىماي،
ھەر قەترىدە پاكلىقنى سۆيگەن.
زۈمرەتسىمان يېشىل كۈيۈمدە،
بايان قىلاي يۈرەك سۆزۈمنى.
شەبنەم بۇلۇپ سۈزۈك مېھرىمدە،
ئاھ، تۇيدۇرماي سىلاي مەڭزىڭنى.
مەنبە قەلىمىم