"چىڭگىزخان" دېگەن كىنونى نۇرغۇن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرۇپ كۆرگەن،ئىچىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. بىلىشىمچەچىڭگىزخان دەۋردىكى موڭغۇل تارىخى خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس، لېكىن چىڭگىزخاندىن بۇرۇنقى موڭغۇل تارىخى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن ئانچە ئايدىڭ ئەمەس، مىسالەن ئۆزۈممۇ چىڭگىزخاندىن بۇرۇنقى تارىخقا ئانچە تونۇش ئەمەس ئىدىم، مەزكۇر تېمىنى بىر جەھەتتىن ئۆزۈم بۇ جەھەتتىكى بىلمىگەنلىرىمنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش، يەنە بىر جەھەتتىن مەزكۇر ماتېرىيالنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ تەنقىد-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
موڭغۇل خانلىقى
موڭغۇل خانلىقى 1127-يىلدىن 1170-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا مەۋجۇت بولغان خانلىق بولۇپ قابۇل(合不勒،يەسۇگەينىڭ بوۋىسى) تەرىپىدىن قۇرۇلغان.
بەش دەۋر-ئون بەگلىك ۋە شىمالى سوڭ دەۋردە شىمالى جوڭگو قىتان خانلىقى(辽朝) تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان،موڭغۇللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى(ئەسلى نامى:室韦)مۇ قىتانلارنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ.1125-يىلى ئالتۇن خانلىقى(金朝) قىتان خانلىقىنى يوقىتىدۇ،شۇ يىلى يەنە جەنۇبقا چۈشۈپ سوڭ سۇلالىسنىڭ ئاستانىسى بيەنجىڭ(汴京،بۈگۈنكى كەيفېڭ) ھۇجۇم قىلىپ ئالىدۇ ھەم سوڭ سۇلالىسنىڭ سوڭ خۈيزوڭ(宋徽宗) ۋە سوڭ چىنزوڭ(宋钦宗) دېگەن ئىككى خانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.ئۇندىن كېيىن توختاۋسىز جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ لىنئەن(临安،بۈگۈنكى خاڭجو)غا ھۇجۇم قىلىدۇ.جەنۇب تەرەپتىكى ئۇرۇش جىددى بولۇپ،ئالتۇن خانلىقىغا غەلبە خەۋەرلىرى توختىماي كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ،بىراق شىمالغا قاراشقا چولىسى تەگمەي قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل يايلىقىدىكى بورجىگىت(Borjigit،孛儿只斤) ئۇرۇقىنىڭ باشلىقى قابۇل پۇرسەتتىن پايدىلنىپ مۇستەقىل بولىدۇ،زېمىن ئىگەللەپ،ھەيۋىسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ،ئەتراپتىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر 1127-يىلى ئۇنى موڭغۇل قەبىلىلىرنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل خانلىقى قۇرۇلدۇ،ئۇمۇ خانلىققا مۇناسىپ قابۇلخان دېيىلدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئالتۇن خانلىقىنىڭ خانى ۋەنيەن شېڭ(完颜晟) قابۇلخاننى ئوردىغا چاقىرتىدۇ،زىياپەتتە قابۇلخان مەست بولۇپ قېلىپ ۋەنيەن شېڭنىڭ بۇرتىغا چېقىلىپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار ۋە ئالتۇن خانلىقى ئوتتۇرسىدا ئارازلىق پەيدا بولىدۇ(ئەمەلىيەتتە ئالتۇن خانلىقى موڭغۇللارنىڭ قەد كۆتۈرشىدىن ئارامسىزلىنىپ تۇراتتى).قابۇلخان خانلىقىغا قايتقاندىن كېيىن،ئالتۇن خانلىقى ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنى ئەل بولۇشقا ئۈندەيدۇ،ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئەلچىنى ئۆلتۈرۋاتىدۇ ھەم لەشكەر توپلاپ ئالتۇن خانلىقىغا قارشۇ چىقىدۇ.ئالتۇن خانلىقى ئاۋال خۇشاخۇ(胡沙虎)نى جازا يۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ،بىراق مەغلۇب بولىدۇ.دەل مۇشۇ چاغدا ۋەنيەن شېڭ ئۆلۈپ تەختكە ۋەنيەن خېلا(完顏合剌) ۋارسلىق قىلىدۇ.قابۇلخان لەشكەر چىقىرىپ ئالتۇن خانلىقىنىڭ چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەم ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن خانلىقىنىڭ شىپىڭ(西平)،خېبېي(河北)قاتارلىق 27 بارگاھىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالىدۇ.ئالتۇن خانلىقى يەنە داڭلىق سانغۇن ۋەنيەن ۋۇجۇ(完颜兀术)نى موڭغۇللارغا جازا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىدۇ،ئىككى يىل ئۇرۇشقان بولسىمۇ لېكىن يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمايدۇ،ئالتۇن خانلىقى شۇنىڭ بىلەن 1148-يىلى قابۇلخان بىلەن سۈلھىلىشىدۇ ھەم موڭغۇللارغا 27 بارگاھنى بۆلۈپ بېردۇ،ھەر يىلدا ئوزۇق-تۈلۈك،كىيىم-كېچەك بېرىدىغان بولىدۇ،ئۇندىن باشقا يەنە قابۇلخانغا " موڭغۇل خانى" دېگەن ئوتۇغان نامىنى بېرىدۇ.
قابۇلخان ئۆلگەندىن كېيىن خانلىق تەختىنى نەۋرە ئىنىسى ئامباغاي(俺巴孩،Ambaghai)غا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.ئالتۇن خانلىقى ئىچكى قىسىمى ئاجىزلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان موڭغۇللارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا تولىمۇ مۇھتاج بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار بىلەن تاتارلار(بۈگۈنكى تاتارلار ئەمەس بولىشى مۇمكىن) ئارىسىغا ئارازلىق سېلىشنى قارار قىلىدۇ،دەل شۇ چاغدا تاتارلارنىڭ بىر شامانى موڭغۇللارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىنىڭ بىر تۇققىنىنى داۋالايمەن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئامباغاي تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن تاتارلار قوشۇن يىغىپ قىساس ئالماقچى بولىدۇ،لېكىن مەغلۇب بولىدۇ،ئاندىن يالغاندىن سۈلھىلەشكەن بولۇپ ئامباغاي ئاتا-بالا قاتارلىق نەچچە ئادەمنى بۇلاپ كېتىدۇ.تاتارلار ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامباغاي قاتارلىقلارنى ئالتۇن خانلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ،ئالتۇن خانلىقى ئامباغاينى "ياغاچ ئىشەك"كە ئولتۇرغۇزۇپ مىخلاپ ئۆلتۈردۇ،موڭغۇللار بىلەن تاتارلار شۇنداق قىلىپ ئۆچەكىشىپ قالىدۇ.
ئۇندىن كېيىن خانلىق تەختىگە قابۇلخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى قۇتۇلا(忽图剌) ۋارسلىق قىلىدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن يەسۇگەي(也速该) موڭغۇل خانى بولىدۇ.يەسۇگەي 1170-يىلى ياكى 1171-يىلى تاتارلارنىڭ بىر قېتىملىق زىياپىتىدە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ،ئوغلى تۆمۈرچىن قېچىپ كېتىدۇ،موڭغۇل خانلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن بەربات بولىدۇ.
مەنبە:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 12:06 AM