ھىجران تىنىقلىرى
ياقتۇرساڭ بىراۋنى چىن دىلدىن سۆيگىن ،
شۇندىلا ھاياتتىن تاپىسەن مەنا .
بەرسەڭ گەر ۋەدە بەر ۋىجدانغا چۇشلۇق ،
مەڭگۈنىڭ مەڭگۈلۈك بولغىنى ئەلا .
خىيال سۈرۈپ بەزىدە يىغلاپ كېتىمەن ،
ئۆزۈمچە ساراڭدەك كۈلۈپ كېتىمەن .
بۇ ھايات كەلسە گەر ئارمان بىلەن ،
ئاللىقانداق خىياللارغا چۈمۈپ كېتىمەن .
كۆنگەن يامانمۇ ۋە ياكى كۆيگەن ،
دېگەنكەن كونىلار ئەجەپمۇ توغرا .
كۆنگەن ئىكەنمەن بىلسەم ئەسلىدە ،
بولدى قىل يۈرىكىم سوقۇشتىن توختا .
چاقتى چاقماق ، ياغدى يامغۇر شارقىراپ ،
كەتتىڭ سەن كەينىڭگە قارىماي بىر رەت .
تولدى ئازاپ شوخ يۈرەككە شۇ ھامان ،
توختا جانىم يۈرىكىمنى بىرگە ئېلىپ كەت .
سۆيگەن ئىدىم مەن سېنى شۇنچە قەدىرلەپ ،
مەن ئۈچۈن سەن گويا ساماۋى ئۇقۇم .
كەتتىڭ سەن غايىپ بوپ تۇمانلار ئارا ،
بىلەلمەي قالدىم مەن چۈشمۇ يا ئوڭۇم .
يۈرگەن ئىدىم ئاشۇ چاغلاردا ،
مۇھەببەت دەپ كۆزۈم كور بولۇپ .
مانا ئەمدى قالدىم يىگانە ،
يۈرەك زەرداپ كۆزگە ياش تولۇپ .
پەقەت سەن ئۆتسەڭلا خۇشال مەڭگۈگە ،
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا جانانىم .
چىن سۆيگۈ باغىدا قىلايلى سەيلە ،
چەمبەرچاس باغلانغان ساڭا ھاياتىم .
ئاخسا يىگىت
2012-يىل 23-سىنتەبىر ، شىيامىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 08:45 PM