كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
ئىنسانلار ئىچىدە ئۆز ئەيبىنى ئۇنتۇپ،قېرىندىشىدىكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەيىپلەرنى ئەسكە سالىدىغان قەبىھ،يامان ئادەت بار .بارلىق ئەخلاق تەبىئيىتىدىن رازى بولىدىغان كىم بار؟ھەكلىك ئەيىپنىڭ بولىشىنىڭ ئۆزى پەزىلەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابدۇقادىر ئەزىزى
ھالال ئەمگەك ،مۇھتاجلارغا ياردەم بەرمەك ،غەزەپ ۋاقتىدايامان سۆزلەردىن تىلىنى،بىراۋنى رەنجىتىشتىن قولىنى تىيىماق.كەمچىلىكىنى تۈگىتىپ،يامان خۇي_خۇلقىنى تۈزىتىپ،گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولماق _ئەڭ زور بايلىقتۇر.
سوقىرات ھەكىم
بىر كىشىگە ياخشىلىق يىكى يامانلىق قىلساڭ،ئۇنىڭ ئەجىرىنى مۇشۇ دۇنيدىلا كۆرىسەن،چۈنكى قىلغان ياخشىلىقىڭدىن ئۇ كىشى قانچە خوشال بولغان بولسا كۆڭلۈڭدىمۇ شۇنچە ىوشلۇق،راھەت سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ،ئەگەر يامانلىق قىلساڭ،يالغۇز ئۇ كىشىدىلا ئەمەس بەلكى سىنىڭ كۆڭلۈڭمۇ بىئاراملىق .غەشلىكپەيدا بولۇدۇ.ئۆزۈڭ خوشال بولماي تۇرۇپ كىشىنى خوشال قىلالمايسەن،ئۆزۈڭ رەنجىمەي تۇرۇپ كىشىنى رەنجىتەلمەيسەن،قولۇڭدىن كەلسىلا باغقىلارغا ياخشىلىق قىل،تىلى باشقا دىلى باشقا كىشلەردىن بولمىغىن.
مۇھاممەد سىدىق بەرشىدى
ئەقىل رۇخسەت قىلغان ھەر بىر ئىش خاتا بولمايدۇ،ئەقىللىق كىشى ھەر قانداق ئىشنى دىققەت بىلەن ئىشلەيدۇ،تەدبىرلىك بولۇدۇ،ئەقىلنىڭ مەسلىھەتىدىن چىقمايدۇ.
بەتلىمۇس ھەكىم
.
كىمكى نام شۆھرەتكە بىرىلسە،غەمدىن قۇتۇلالمايدۇ،ئۆزۇڭنى غەمدىن خالاس قىلاي دىسەڭ ،نام_شۆھرەتنى تەرىك ئەتكىن.
ئايازبىك قوشچى
بىرلىككە كەلگەن خەلىقتەك كۈچلۈك توغان بولماس.
تۈن تەشۋىشى
كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
http://file2.qlteacher.com/gz2011/medias/upload/2011/07/17/spring-water.mp3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuntaxvixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 07:57 PM