شىخۇدا بار شۇنداق بىر قەبرە
( شىخۇ جېڭىدە قۇربان بولغان 711 جەڭچىنىڭ قەبرە خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن .)
شىخۇدا بار شۇنداق بىر قەبرە ،
قەبرىدە بار بىر توپ گۈلدەستە.
شىخۇدا بار شۇنداق بىر قەبرە ،
ئۇلار ھايات بىزنىڭ يۈرەكتە .
ئەنە مەغرۇر تۇرار بۇ قەبرە ،
قىسسەلەرنى سۆزلەيدۇ بىزگە .
بىز بولمىساق سىلەر قەيەردە ؟!
ئۇنتۇماڭلار بىزنى ئەبەدكە .
ئاتلانغاندا ھۆرلۈك ئىزلەپ بىز ،
ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانتۇق بىز.
ئىلى ، سايرام، چىگىشوردا بىز ،
شانلىق ئىزلار قالدۇرغانتۇق بىز .
كۆرۈنمەكتە ئالدىمىزدا قاراسۇ ،
ئاتايدىكەن ئۇنى خەنزۇچە ۋۇسۇ .
ئويغۇرچىدا دەيدىكەن شىخۇ ،
بۇ يەردە بار ئىدى ئەڭ چوڭ توسالغۇ .
چەيپەيزىدىن باشلاندى ئۇرۇش،
بۇتخانىدا بولدى بەك سوقۇش .
قارىدۆڭدە كۆپكەن بەك قۇمۇش،
ئالدىمىزدا دۈشمەن تۇشمۇ- تۇش.
ئاتلان ! دەپ بىزگە كەلگەنتى ۋەھىي ،
ئەنە شاۋكەت(1) بومبا تاشلىدى .
ئەنە ئىمىنجان(2) "ھۇررا" توۋلىدى،
مۇھەممەتمۇ (3) جىم تۇرالمىدى .
قىسسەنى سۆزلەيتتى ئىسمايىل(4) گۆركار ،
باشلىماي تۇرۇپلا كۆزىنى ياشلار .
پۇت - قوللىرىدا قالمايتتى مادار ،
ئۇلار گۇناھسىز شۇنچە بىغۇبار .
ئۆز قولۇم بىلەن قويدۇم ئۇلارنى ،
مەن ياشاۋاتىمەن ئەشۇلار قېنى ؟!
رىسقىمىز ئوخشىماس ئىكەن ئەي تەڭرى !
ئۇنتۇما ئۇلارنى ئەي! شىخۇ خەلقى .
ئۈلگۈرمەي يۇيۇشقا ، كېپەنلەشكە ھەم ،
قان يۇقى قويدۇم ، كۆزۈمدە يېشىم .
ئاققاندەك بولدى مېنىڭمۇ قېنىم ،
ئارتۇق سۆزلەشكە بارمايدۇ تىلىم .
ئۇلارمۇ سىلەردەك ياپياشلا ئىدى ،
دىلىدا ئارمانلىرى بەك كۆپتى تېخى .
قەبرىدە ياتىدۇ ، يوق تەلەپلىرى ،
شۇنچە قان تۆكتى ، ئارمانى نېسى .
قالدى مۇھەببەت ، قالدى ئارمانلار ،
قالدى قەبرىسى ، قالدى شۇئارلار .
ئۇلارنىڭ ھاياتى شۇنچە جەڭگىۋار ،
تارىخ بۇلارغا ئەسلى قەرزدار .
********************************
مەقبەرە ئىشىدا چەكتى كۆپ جاپا ،
ئىلى ئوغلانى ئۆمەرۇپ(5) ئاكا .
تۇرسۇن باقى(6) بېلىگە ،باغلىدى پوتا،
ئىككىسى بۇ ئىشنى كەلتۈردى بەجا .
ساقلىدۇق بۇ كۈننى ئۆتتى 60 يىل ،
ساقلىدۇق ئۈمىددە ئۆتتى كۆپ پەسىل .
ساقلىنار نامىمىز ، ئەۋلادىم كېپىل ،
ئاقىدۇ قېنىمىز ، ئەۋلادىم يەكدىل (7)
ئابىدە پۈتتى شۇنچە جاپادا ،
شېھىتلەر قىلماس ئەمدى كۆپ نېدا .
ئاڭلىنىپ تۇرار ئۇلاردىن سادا،
خاتىرجەم ياتتۇق ، خەلقىم ئەلۋېدا ...
ئىزاھات: 1) شاۋكەت ، 2)ئىمىنجان ، 3)مۇھەممەتلەر شىخۇ جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .
(4) ئىسمايىل گۆركار ، شىخۇ شېھىتگاھلىقىنىڭ شەيخى ، ھازىر 101 ياش . بۇ ۋەقەلەرنى ماڭا 2002- يىلى 7-18- كۈنى قەبرە بېشىدا سۆزلەپ بەرگەن . ( خاتىرەمدە بار ، تەپسىلاتى ) . (5) ئۆمەرۇپ ، غۇلجا شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ، ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەڭچىسى ، قەبرە قاتۇرۇشقا زور كۈچ چىقارغان . (6) تۇرسۇن باقى ، شىخۇلۇق مەرىپەتپەرۋەر يەككە تېجارەتچى ، شىخۇدىكى قەبرە ياساش ئىشىغا ئاساس سالغۇچى . (7) يەكدىل - نېيىتى بىر ، مەقسىتى بىر .
مەنبە : ئۆزۈم ، دوستۇم مەھمۇد شىخۇنىڭ ، تۇرسۇن باقىنىڭ پەرزەنتى مەردانلارنىڭ تەۋسىيىسى ، ئارزۇسى ، رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن يېزىلدى .
ئەبەي تارىم . 2012-9-23 .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 06:07 PM