مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4184|ئىنكاس: 45

بىزدە مۇنداق ئەرلەرمۇ باركەن !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 05:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەلۇم ناھىيگە تۇققان يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ قايتاشىمدا ناھىيگە كىرىپ مەلۇم ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكىندىكى تونۇشۇم بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىردىم .
بۇ تونۇشۇم بىلەن ھال-ئەھۋال سورۇشۇپ ئولتۇرساق يىشى 45 ياشتىن ھالقىغان بىر خىرىدار دۇكانغا سالامنىڭ چوڭىنى بىرىپ كىرىپ كەلدى .
بىز سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن ئۇ --ئۇستام ، ئايالىم دوختۇرخانىدا بولۇپ قىلىپ پۇل لازىم بولۇپ قىلىپ بۇ ئۈزۈكنى ساتقىلى كىردىم .ئۇرۇق تۇققانلاردىن بىر قاتار قەرىز سوراپمۇ بولدۇم .يەنە سوراۋىرىشتىن نۇمۇس قىلدىم . شۇڭا بۇ ئۈزۈكنى مۇۋاپىق باھادا ئىلىپ قالغان بولسىلىرى دىدى .
تونۇشۇم بۇ ئۈزۈكنى ئۆلچەپ كۆرىۋىدى 3.6 گىرام كەلدى . --ئاكا ئۈزۈكلىرى بىر مىسقالكەن . ئالتۇنىمۇ دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن . 1100 يۈەن بەرسەم بولارما دىدى .
خىرىدار ؛--سەل ئاز بولۇپ قالدى.  بىشمىزغا كۈن چۈشمىگەن بولسا ساتىدىغان نەرسە ئەمەستى بۇ .
تونۇشۇم ؛--ھازىر ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتتى ،سىلمۇ ئاڭلىغانلا ،ھازىر بىزگىمۇ تاغاردا بىر زىيان بار دىسلە دىدى.
مەن خىرىداردىن ؛--ئاكا  ئاياللىرى نىمە كىسەلكەن ؟دەپ سورىدۇم .
ئۇ چىرايىغا بىر خىل غەمكىن تۈس بىرىپ ؛--قان ئازلىق ، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىرى باركەن . شۇنچە داۋالاتتىم ھىچ پايدىسى بولمايدىغۇ ؟ دىدى ھەسرەتلەنگەن ھالدا .
مەن تۇنۇشۇمغا ؛--ئاداش  يەنە بىر ھىساپلاپ بىقىڭلار . بۇ ئاكىمىزغىمۇ تەس بوپتۇ دىدىم . دوستۇم يەنە بىر ھىساپلاپ كۆرۈپ ؛--بۇ ئاغىنىمىز دەپ قالدى .1200 يۈەن بىرەي . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ ياق دىسلىرى باشقا دۇكانغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقسىلا دىدى.
خىرىدار ؛--بولدى پۇل بەرسىلە ،سىلگە كۆپ رەخمەت . 10 يىلنىڭ ئالدىدا 290 يۇەنگە ئالغانتىم . دىدى خىرىدار پۇلنى ساناپ بولغاندىن كىيىن ؛--ئالتۇن دىگەننى ئىلىپ قويسا بولىدىغان نەرسىكەن جۇما دەپ چىقىپ كەتتى .
مەن دوستۇمغا ؛--سوداڭلىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىغاندىمەن دىدىم . ئۇ ؛-  سەل ئەرزانراق ئالغان بولسام بولاتتى ،ھازىر بۇ بازار نەرقى بولۇپ قالدى دىدى.
مەن ؛-- بىشىغا كۈن چۈشمەيدىغان كىم بار ؟ ساۋاپلىق ئىشلار ھەر دائىم ئەتراپىمىزدىلا بار .گەپ ئۇنى پەرق ئىتەلىشىمىزدە .
مەن بۇ دوستۇم بىلەن بىردەم ھال -مۇڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ بىكەتكە كەلدىم .
قەشقەرگە مىڭىشقا تەمشىلىۋاتقان تاكسىنىڭ ئالدى ئورنىغا چىقتىم . كەينى ئورۇندا باياتىن ئۈزۈك ساتقان خىرىدار بىلەن ئىككى ئادەم ئولتۇراتتى .
ئۇ ئازراق ئىچىۋالغانمۇ قانداق يۇزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ئازراق كەيىپتەك كۇرنەتتى . مەن ؛--ھوي ئاكا شەھەرگە ماڭغان ئوخشىمامسىز ؟ئايىلىڭىز كىرەمباغ دوختۇرخانسىدا ئوخشىمامدۇ ؟دەپ سورىدۇم . ئۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا ؛--ھەئە دەپ بىشىنى لىڭشىتتى .
ئاڭغىچە يىنىدا ئولتۇرغان چوقۇر يۈز بىرسى ؛--ئادوش سىنىڭ قانچە خوتۇنۇڭ بار ؟ئايىلىڭ بايا تىخى ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالغانتىغۇ دەپ سەت ھىجايدى .مەن بۇ گەپكە ھەيران بولۇپ تۇرسام ئۇ ماڭا قاراپ ؛--ئۇكام راستىنى ئيېتسام ئايىلىم ساق . ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالدى .ئەمدى شۇنداق دىمىسەك بىزدىن ئەرزان ئىلىۋالارسىلەر ھەقاچان دىمەسمۇ ؟
مەن ئاچچىقىمىدا بىر نەرسە دەي دەپ بولغۇچە شوپۇر ئۇستام ؛--ھە قاسىمجان بۇ ئۈچىڭلار نەگە ماڭدىڭلار كەچ بولغاندا ؟دەپ سوراپ قالدى .
--ئۆتكەندە دەپ گەپ باشلىدى .--قاسىمجان ئىسىملىك ھىلقى خىرىدار  --بۇ ئاغىنەم مىنى شەھەرگە ئاپرىپ رەڭلىك سورۇنلاردا بىر نەچچە كۈن ئويناتتى ،ئالى ياتاقلاردا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق دىگىنە ، شۇڭا بۈگۈن مەنمۇ پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ شەھەرگە بىرىپ تازا بىر ئويناپ كىلىلى دەپ ماڭدۇق دىدى. شوپۇر ؛--بۈگۈن كىچە ياشايدىكەنمىزدە دەپ سەت ھىجايدى .
مەن ھىلقى قاسىمغا قاراپ ئاچچىقىمدا ؛---ھەي ئاكا نۇمۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ياش بىر يەرگە بارغاندا يالغان سۆزلەشتىن ،باياتىنقى گەپلىرىڭىزگە ئىشىنىپلا كىتىپتىمەن .ئايىلىڭىز ئىتىزلاردا كىۋەز تىرىپ يۇرسە سىز نۇمۇس قىلماي خوتۇنىڭىزنىڭ نەرسىنى ئىچقىپ سىتىپ شەھەرگە كىرىپ ئەيىش -ئىشرەت قىلسىڭىز توغرا بولاما؟؟ دىيشىمگە ، ئۇ  تاماكىسىنى بىر شورۇۋىتىپ ؛--سىنڭ نىمە كارىڭ ؟ ساتسام ئۆزەمنىڭ خۇتۇننىڭ نەرسىنى ساتتىم . مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىمىزدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينايلى دىسەكمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنمۇ كونىراپ پەيزىمۇ قالمىدى دەپ سەت ھىجايماسمۇ؟؟
مەن ئاچچىقىمدا ؛ سەن ئەسلى ھايۋانكەنسەن . بايا دۇكانغا سالام قىلىپ كىرسەڭ ئادەم ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ..ھازىر ئوينىۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينىيالمايمىز دەيسىنا ! سەن ھازىر بەك ياش ئوخشىمامسەن ؟؟دىيشىمگە ئۇمۇ تىل سالدى .شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز توۋلىشىپ قالدۇق .شوپۇر مىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ ؛--بولدى قىلىڭ .ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي . ئۇلارغا قانچە دىسىڭىز بىكار ، نىمە قىلسىز كايىپ ؟ دىدى.
مەن بۇلارغا ئارتۇق گەپنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم .
شوپۇر ئۇلارغا قاراپ ؛--بولدى جۇما ئەمدى ، يەنە جىدەل قىلساڭلار ماشىنىدىن چۈشۈرۋېتىمەن دىدى.
ماشىنا بىر خىل تىزلىك بىلەن كىتىۋاتىدۇ .مەن بىرخىل كۆڭلۈم غەش بولغان ھالدا سىرىتلارغا قاراپ ئاچچىق خىياللارغا ئىلكىدە كىتىۋاتىمەن . توۋا!!! مۇنداقمۇ ئادەملەر باركىنا ، ئىسىت مىڭ ئىسىت!!! سەنلەرنىڭ ئەر بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىڭغا ،
كەينى تەرىپىمدىن بۇ مەخلۇقلارنىڭ پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرگىلى تۇردى .
---ھەي قاسىم ئاداش دىدى بىرسى  ؛--ئاران بىر تال ئۈزۈك ئىچقالىدىڭمۇ ئۆيۈڭدىن ؟ بۇنىڭ پۇلى بۇگۈن كىچە ئوينىشىمىزغا ئاران يىتەمىكى ؟  --بۇ ئۈزۈكنىمۇ خوتۇن ئۆيدە يوق ۋاقىتتا ساندۇقنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاران تاپتىم . يىتىشىچە خەجلەپ تۇرمامدۇق ئاغىنىلەر دىدى قاسىم .
خىقىراق ئاۋازلىق بىرسى ؛--ھەي ئاۋۇت ئۆتكەندە سەن خۇتۇنۇڭنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى سىتىپ بىزنى ئويناتقانتىڭ ،خوتۇنۇڭ جىدەل قىلمىدىمۇ ؟ دەپ سورىدى .
---مەن دىگەن كىما ؟دىدى ئاۋۇت ئىسىملىك ھىجىيىپ تۇرۇپ ؛--مەن ئۇنىڭغا ئامال ئىشلەتتىم .--قانداق ئامال ئاداش دىدى بىرسى .
---مەن خوتۇنۇمنىڭ زىبۇ -زىننەتلىرىنى ئىلىپ چىقىپ شەھەرگە بىرىپ يىڭبازارغا كىرىپ ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئوخشاش جا زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالدىم . ئاندىن ئايىلىمنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ساتتىم . شۇ پۇللارغا سىلەر بىلەن تاماششا قىلىپ بولغاندىن كىيىن كونا زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ قۇتىسىغا ھىلقى جا زىبۇ-زىننەتلەرنى سىلىپ خوتۇنغا چاندۇرماي ساندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدۇم . خوتۇن ئۇنىڭ جالىقىنى بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بىلسىمۇ مەندىن گۇمان قىلمايدۇ . شۇ زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالغان زەگارنى تىللاپ قاغايدۇ خالاس .
بۇنى ئاڭلاپ ئىككىسى ھىجىيىپ كىتىشتى .    شوپۇر  ؛--توۋا بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى  ھە ! دەپ بىشىنى چايقاپ قويدى .
توۋا!!! دىدىم ئىچىمدە ، ئەسلى بۇ نىملەر ئادەم ئەمەس ھايۋانكەن ئەمەسمۇ ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى ئەرلىك ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى غورۇر  ۋىجدان ؟؟؟
مۇشۇنداق ناجىنىسلارچە ، خۇمسىلارچە ياشاپ ئائىلسىنى ، خوتۇن ، باللىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان ، پەقەت ئۆزىنىڭ شاتلىقى ، ھايۋانى ھەۋىسى ئۈچۈن ناكەسلەرچە ياشاۋاتقان مۇنۇ ھايۋانلارغا نىمە دىگۈلۈك ؟؟؟
شۇئان ئىسىمگە نۇر مۇھەممەت ئۇچقۇنىنىڭ << كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر >> دىگەن كىتاپتىكى مۇنۇ قۇرلار كەلدى .
زىمىنغا تۇنجى ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان --ئادەم ئاتا يەنى ئەر بولدى . ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ يارتىشىدا ۋەھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرشىدا بەلكىم كارامەت ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ياراتقۇچىنىڭ زىمىنغا بولغان مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق،يەنى يۈكسەك ئەقىل -پاراسەت ،ئائىلە جەمىيەت تۈزۈشتىكى يادىرولۇق ئامىل بولمىش ئايال ۋە قەلبلەرنى بىر -بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشتا ئەرگە بولغان ئىشەنىچنىڭ قانچىلىك بۆيۈكلىگى چىقىپ تۇرىدۇ .
دىمىسىمۇ ئەر ، ئايالنىڭ باشپاناھى .ئائلنىڭ تۈۋرۈگى .جەمىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى .ئەرلەر جۇشقۇن جەمىيەتتىن شاتلىق سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ .
زەيپانە ، لايغەزەل ئەرلەر قاپلىغان جەمىيەت مەنىۋى ئەخلاقى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ پاتقىقىدا قالىدۇ .
ئەرلەر لايغەزەللەشكەن ،پەرۋاسىز .شەخسىيەتچى بولۇۋالغان جەمىيەتتىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .
قۇلاق تۇۋىمدە مۇنۇ دىئالۇگ ياڭرىماقتا .
دۇنيا بار ئاۋازى بىلەن <<ئەر >> دەپ ۋاقىرىماقتا . ئەقىدە ،ئەخلاق ئەرلەر ئۈچۈن ئاھسىنماقتا . قىز -ئاياللار جان -جەھلى بىلەن <<ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟>> دەپ ئاچچىق سۈرەن سالماقتا .
بالىلار << دادىلار سىلەر نەدە ؟؟>> دەپ تىنەپ -تەمتىرەپ يۈرمەكتە .
ئەرلەر ، زاتى ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟؟ جاھانغا ئەردەك ئەر كىرەك !!!!!!!!!!!!!!مۇشۇ دىئالوگلارغا ئەسىر بولۇپ قەشقەرگە كەلگىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن .
ئېسىمگە كەلسەم ھىلقى ئۇچ ھايۋان تاكسىدىن چۈشۈپ شوپۇرغا ھەق تۆلەپ ئىگىز-پەس دەسسىگىنىچە يەنە بىر تاكسى توساشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى .
مەن تاكسىدىن چۈشۈپ ئاچچىق بىر ھەسرەتتە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم . ۋە ---لەنەت سەنلەرگە !!!!!!!!دەپ ۋارقىرىدىم .

مەنبە ؛؛ئۆزەم .  ئىبراھىمجان ئىرپانى
بىر مىسقال ئىقتىسات تورىhttp://1miskal.com/?p=107

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 10:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Alain-Delon + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7219
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1461 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر كىتاپتا : «ئەرلىرى زەيپانىلاشقان مىللەتنىڭ خۇتۇنلىرى رەسۋالىشىدۇ»دېگەن جۈملىنى ئۇچراتقىنىم ئىسىمدە . راسىت دېگەندەك ئەتراپىمىزدە يازما ئىگىسى تىلغا ئالغاندىكىدەك مەسئۇلىيەتسىز، ئەرلىك غۇرۇر -ۋىجدانىنى يۇقاتقان ئەرلىرىمىز كۆپۈيۈپ قالغىلى تۇردى. بۇنداقلار گەرچە سان جەھەتتە ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگلىسىمۇ ، تۈز سىزىق ھالتىدە ئېشىپ بېرشى ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنى ئويلاندۇردىغان بىر ئىجىتمائىي   مەسلە بۇلۇپ قالدى. ئەر- ئۇ بىر ئائىلنىڭ تۈۋرۈكى،پەرزەنىتلەرنى توغرا يولغا يىتەكلىگۈچسى بۇلۇپلا قالماي مۇھىمى مىللەتنىڭ غۇرۇر -ۋىجداننى قوغدىغۇچسى بۇلۇشى لازىم ئىدى.......     

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2196 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ظائىلىلەردە ئەرلىرى كىرەكسىز , بەزى ئائىلىلەردە ئاياللىرى كىرەكسىز , قاقشاپ كىتىدۇ (ئايالىم , يولدىشىم) ئۆزگىرىپ كەتتىيەي , ئۇندىغەي , مۇندىغەي دەپ تىخى بەزىلەر
(قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە ) بىر ئۆيدە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ مىھىر-مۇھەببىتىنى ئائىلىسىگە بىغىشلاپ شۇنچە بەختىلك ئائىلە قۇرۇشقا تىرىشىۋاتسا قانداق كىشىنىڭ شۇنداق ئائىلىدىن يۈز ئۆرۈپ كەتكۈسى كىلىدۇ ,,,,,,,,,,,,,,,,,,

مۇشۇنداق ئەرلەرمۇ باكەن مانا , ئەر دىگەندە بىر ئائىلىگە نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىشى كىرەكتە ,

ئىسىمدە قىلىشچە بۇ تىما ئىلگىرىمۇ يوللانغانغۇ دەيمەن .

ما تىمىدا تەسۋىرلەنگەن ناچار كىشىلەر جەمىيتىمىزدىمۇ بارمىدۇ , ناۋادا بار بولسا بۇنداق لاتا گۇيلارنى گىلىنى بوغۇپ جازا مەيدانىغا تاپشۇرۇپ بىرىش كىرەك .

ئىدەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ خوتۇن كۆزۈمگە سەت كۆرۈندى دەپ , تولىمۇ ناچار ئادەمكەن , ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما , ئاياغ چورۇقۇڭنى ,,,,,,,,,دەيدىغان بىر ماقال تەمسىل بار ئىدى , يادىمغا كەپ قالدى


ھەممىمىزگە ئۇلۇغ ئاللادىن ئىنساپ ھىدايەت تىلەيمەن ,




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 06:52 PM  


ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5830
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە مەنمۇ بىر يەرگە بارغۇچە  مۇشۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم............
ئىشقىلىپ ھازىر ئادەم جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى ئويلىسا تىگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ قالغاندەك بوپ قالىدىكەن...........
جەمىيەتنىڭ مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قىلىشىدىكى باش جىنايەتچى..................لار ئۇلارنى مەڭگۈ كەچۈرۈشكا بولمايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 09:26 PM  


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37959
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7191
تۆھپە نۇمۇرى: 1423
توردا: 4837 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:46:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشى، جەمئىيەتتىكى ئەخلاق قارىشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىشى ۋە تور دۇنياسىدىكى بولمىغۇر مەدەنىيەتلەرنىڭ يامرىشى....بۇ بىر تالاي ئامىللار تىڭىرقاش ئىچىدە يۈرىۋاتقان خەلقىمنى تېخىمۇ ئېغىر كىرزىسلارغا دۇچار قىلماقتا....مۇشۇ كۈنلەردە دائىم ئوغۇزخان رىۋايىتىدىكى ‹كۆك بۆرە›نى خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.....ئۇلۇغ ئاللاھ ئېگەم،بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!!!

باھانىنىڭ كېرىكى يوق~!

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81189
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4446
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانىي ئىنسانلار ئەتراپىمىزدىلا چۆگىلەپ يۈرىدۇ.........ئۇلار يا بىراقلا ھايۋانلىشىپ كەتمىدى ...ئىنسانلارنىڭ ، يۇرتنىڭ، مىللەتنىڭ نامىنى بۇلغاپ.............

دەردكە مۇپتىلا بولساڭ،ئىي اللە دەردىم بار، دىمەي، ئىي دەرد! مېنىڭ ئاللاھىم بار ، دېگىن ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85042
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 07:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق بوپ كىتىدىغاندۇ بۇ جەمئىيتىمىز  !!!!!!!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 07:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقىسى ھازىر كۆپۇنچە ئادەملەرنىڭ كاللىسىدا مەسئوليەت دىگەن گەپ يۇقاپ كەتتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 07:33 PM  


كەمچىللىكى كۆپ ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ كۆپ بۇلدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85182
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 825
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 07:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن رەھمەت سىزگە.

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12295
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 07:27:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-23 07:18 PM
قىسقىسى ھازىر كۆپۇنچە ئەرلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا مەسئول ...

‹ئەرلىرىمىز › دىگەننىڭ ئورنىغا ‹كېشىلىرىمىز› دەپ ئالسىڭىز ئېنكاسىڭىز تىخىمۇ كۆركەم كۆرىنىدۇ !

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش