مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2314|ئىنكاس: 2

نيۇيورك ۋاقتى:21-ئەسردىكى ئسلام  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84008
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 04:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نيۇيورك ۋاقتى:21-ئەسردىكى ئسلام

ئاپتورى:روگىر كوھىن

ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن

(ئاپتورنىڭ كۆز قارشى تەرجىمان بىلەن مۇناسۋەتسز،ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئاڭلاپ بېقىش يامان ئش ئەمەس)



مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئشنى قىلسا بولمايدۇ،ئسلامنى بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇنازىرە قىلىشقا  ،مەسخىرە قىلىشقا بولمايدىغان دىن دەپ ئىلان قىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە ئسلام دىنىنى سياسي ھاياتنىڭ مەركىزىگە –ئەڭ ئاشقۇن ھالەتتە سياسى زوراۋانلىقنىڭ مەركىزىگە قويسا بولمايدۇ.

ئسلام دىنى دۇنيادىكى بىر ئىلاھلىق ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى.ئسلام دىنى ئۇلار ئىچىدە باشقىلاردىن  نەچچە ئەسرلەپ ياش بولغان بىر دىن،بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كىرەك،ئسلام ئەڭ جىددى ۋە داۋالغۇۋاتقان ھالەتتە تۇرماقتا.ئسلام يەنە ئوخشىمىغان شەكىللەردە،بىر سياسى ھەرىكەت ،قوللانما ۋە ئىلھام مەنبەسى.

سياسى دىگەن بىر ئىگىز-پەس ۋە قالايمىقان ئويۇن.ئەگەر مسردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار ۋە تۇنىستىكى ئويغىنىش (ئەننەھدە)گە ئوخشاش ھاكىمىيەت ئۆزگىرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئسلامى پارتىيلەر دىموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قائىدىلىرىنى ھۆرمەت قىلسا،ئۇلار شۇنى ئېتىراپ قىلىشى كىرەككى،ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى مونوپۇل قىلىۋىلىش ھەققى يوق،ئسلام تەلىماتلىرىنى مۇنازىرە ئارقىلىق تاۋلىغىلى ،مۇھاكىمىگە قويغىلى بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەمئيتىدىكى مۇھىم  گۇرۇپپىلارنىڭ ئوخشمايدىغان ئەقىدىسى ۋە ھەتتا دىنى ئېتىقادى بار.

ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە بولغان ئشلار كىشنى ئۇمۇتسزلەندۇرىدۇ.ھىچكىم بۇ جەمىيەتلەردە ئامېرىكا ئۆلچىمىدىكى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنىڭ قوللىنىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقى –ياكى ھەتتا تولۇق چۇشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىدىن ئۇمىد كۇتمەيدۇ،ئۇلار مەيلى دىنسز ياكى دىندار بولسۇن ھەرقانداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوزغالغان كۇچلۇك قىزغىنلىق ئاساسدا ئۆزلىرىنىڭ ئېتقادنى مەركىزى ئورۇنغا قويغان سياسى ۋە مەدەنى رامكىسنى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.

بىراق تۇنىس،لىۋىيە ۋە مىسر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ  ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئسلام ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كەمستىش سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەن  زوراۋان سەلەپلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلالماسلىقى بىر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زىدىدىيەتلىك پسخك ھالەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

‹‹يەرشارىدا قانۇننىڭ رولى دىنى غەزەپ-نەپرەتتىن غالىپ كىلىشى كىرەك.››

دۇنيا ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقتى.ئەمەلىيەت شۇكى،ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئىچىدىنلا زىدىديەتلىك.خۇددى ئىراننىڭ رىئاللىقى بىزگە چۈشەندۇرگەندەك،ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تۇزۇملىرى كارغا كەلمىدى: ئەر-ئاياللارنىڭ ئازرۇ-ئارمانلىرىنى يۈكلىگەن جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ئاللاھ ياراتقان دەپ قارىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئسلامى ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

ئەرەب باھارىنىڭ بىر چوڭ خىرىسى شۇكى،خۇددى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش،ئسلامى ئىلھامغا تايانغان پارتىيلەر ئۆز جەميەتلىرىنى ئازاپلىنىش ۋە زىيانلانغۇچى تېپىدىكى مەدەنىيەتتىن ئىجادىيلىق ۋە رەسمى ئورگان تېىپىدىكى مەدەنىيەتكە يتەكلەش ۋە زامانىۋى كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەرەب دۇنياسىدا ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قىلىش،ئېقتسادى چىكىنىش،مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېسپ كىرىشى،غەرپ بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋە ئسرائىلىيە سەۋەبلىك يەنە قانچىلىك ئازاپنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئەڭ روشەن گەۋدىلەندى.ئۆزگىرىشلەر ئاستا بولىدۇ.

بىراق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ:بۇ جەمىيەتلەر مۇستەبىت تۇزۇمگە قايتمايدۇ.غەرپ دۇنياسىنىڭ ئەرەب دۇنياسى ياشلىرىغا پۇرسەت بېغىشلايدىغان ھاكىمىيەت ئالمىشىشلىرىنى قوللاشتا زور ستراتىگىيلىك مەنپەئىتى بار:مسر ئافغانستاننىڭ ئسلامى ئاشقۇنلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنىڭ ئۇنچە زور ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

بىراق غەرپ بۇلارنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كىچىپ تۇرۇپ ۋۇجۇتقا چىقارمايدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە غەۋغا قوزغىغان شەھۋانى دەرىجىدىكى ئامېرىكا فىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئش.قاھىرەدىن بەنغازىغىچە بولغان قانلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولسا جىنايەتتۇر.فىرانسيەنىڭ ھەجىۋى گېزىتى چارلى ھەبدونىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغان دىنى ئەسلىيەتچىلىكنى مەسخىرە قىلغان كۇچلۇك تەھرىرات ئىلاۋىسى بۇنى مۇھەممەد(ئەلەيھسالام-ت)نىڭ ھەجىۋى كارتونلىرى ئارقىلىق ئشقا ئاشۇرۇشنى تاللىغان.

چارلى ھەبدۇنىڭ باش مۇھەرىرى گيارد بيارد مۇنداق يازغان:‹‹بىز فىرانسيە قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر گېزىت.ئەگەر كابۇل ياكى رىيازدا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر قانۇن بولسا،بىز ئۇنى ھۆرمەت قىلىمىز دەپ ئۆزىمىزنى جاپاغا سىلىپ يۇرمەيمىز››

بارلىق زوراۋانلىقلارغا ئشارە قىلغان بيارد مۇنداق سورىغان:بىز شۇنداق خەۋەرلەرنى يازماسلىقىمىز كىرەكمۇ؟

ئۇنىڭ دىگەنلىرى توغرا.ئسلامدا نۇرغۇن ساختا ئالىيجاناپلىقلار بار،ئۆزىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى يەرگە ئۇرىدۇيۇ،يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغا تىل-ھاقارەت ياغدۇرىدۇ،زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ،ئۆزىنى تىچلىق قوغدىغۇچى دەپ داۋراڭ سالىدۇ.شۇڭا كارتونچىلارنىڭ مەسخىرە ئوقلىرىدىن ئامان قالالمايدۇ.

مۇھەممەد (ئەلەيھسالام-ت)نى ھاقارەت قىلغان كىنو ئۇنى يازغۇچىلارنىڭ  ئسلامغا نسبەتەن ئىچكى زەرداپلىرىنى نامايان قىلغان.چارلى ھەبدونى بولسا باشقا بىر مەقسەت قوزغاتقان:ھەددىدىن ئاشقان ئسلامى  دىنى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇش.

گەرچە مەن ئۇلار ئشلەپچىقارغان فىلىمدىن نەپرەتلەنسەممۇ ئەمما ئۇلارنىڭ  ئۆزى ئشلىگەن فىلىمىنى ئىلان قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايمەن.

1969-يىلى ئامېرىكا ئالى سوتى بىراندىنبۇرگ ۋە ئوخئو قارارىدا  سياسي ئەمەلدارلارغا زوراۋانلىق بىلەن تەھدىت سالغان  ‹كۇ كىلاكىس كىلان›نىڭ رەھبىرىنىڭ جىنايىتىنى‹‹ئاساسى قانۇننىڭ ئەركىن سۆزلەش ۋە ئەركىن ئاخبارات كاپالىتى بىر شتاتلىق ھۆكۈمەتكە پۇقرالارنىڭ  كۈچ ئشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىشگە يول قويمايدۇ.››دەپ بىكار قىلدى .

گىلىن گېرىنۋالد ‹‹مۇھاپىزەتچى››گېزىتىدە يازغاندەك،‹‹روشەنكى،ئەگەر بىر شتات ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلىيەلمىسە،ئۇنداقتا ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغان ئادەتتىكى بىر ۋىدىئو- كىنو نى تېخىمۇ چەكلىيەلمەيدۇ››

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ناھايتى مول ئىدىديە قايناملىرى مانا مۇشۇنداق تۇپ ماھىيەتلىك ئەركىنلىك پىرىنسىپىغا تايانغان.ئۇ پىرىنسىپنى بوشاتقىلى بولمايدۇ.

مىسر،لىۋىيە ۋە تۇنس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار جامائىتىگە كەلسەك،ئۇلار بۈيۈك ئاياتوللا ھۇسەيىن ئالى مونتەزىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئىراننىڭ ساختا پىرىزدىنتلىق سايلىمى (بۇ سايلام ئاللاھنىڭ نامى بىلەن خەلقنىڭ ئەركىن سايلاش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشقا ئەڭ تېپىك مسالدۇر) ھەققىدىكى مونۇ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كىرەك:

‹‹بىر كۈچلۈك ۋە قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ئۇ مەيلى ئسلامى بولسۇن ياكى ئسلامى بولمىسۇن،ئۇ ئۆزى قوللايدىغان ياكى قارشى تۇرىدىغان بارلىق كۆز-قاراشلارنى ھۆرمەت قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك، ھەرقانداق سياسى تۇزۇم جەمىيەتتىكى بارلىق قاتلاملارنى ئۆز قوينىغا ئىلىپ ،ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئشلىرىغا قاتننىششقا ئىلھاملاندۇرۇشى ئۈچۈن،ئۇلارنى سىقىپ چىقارماسلىقى ۋە يات كۆرمەسلىكى لازىم.››

ئايەتوللا مونتەزىرى ئايەتوللا ھومەينى بىلەن ھەمكارلىشالمىدى،چۈنكى ھومەينىنىڭ ئىراندا يولغا قويغان دىنى ھاكىمىيەتنىڭ‹‹بارلىق كۆز-قاراشلارنى ھۆرمەت قىلىش››قا قۇربى يەتمىدى.ئون نەچچە يىللاردىن بىرى ،شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئەرەب باھارىدا سياسى مەزمۇندىكى ئسلام ئۇچۇن بۇ خىل خىرىس داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ئەسلى مەنبەسى:

http://www.nytimes.com/2012/09/2 ... html?ref=rogercohen

ئاپتور روگىر كوھىن ،ئەنگىلىيەلىك ژۇرنالىست،مۇھەرىر،نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى يازغۇچىسى.ئاپتور ھەققىدە مەلۇماتلار ئۈچۈن:

http://topics.nytimes.com/top/ne ... gercohen/index.html


A 21st-Century Islam
By ROGER COHENPublished: September 21, 2012
Translated by Tahir Imin in to Uyghur language and published in www.iuyghur.com


ئۇيغۇر تورىدىن ئېلىندى

www.iuyghur.com


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Alain-Delon + 10 بۇ تېمىنىمۇ تاقىدىڭىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3989
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرىپلىكلەر ھەرقانداق ئىشقا دىمكۇراتىيە  نوقتىسىدا  تۇرۇپ  مۇئامىلە  قىلىدۇ. شۇنداق  بولغاچقا  ھاكىميەت بىشىدا تۇرۋاتقان  سىياسى كۈچكە قارشى  كۈچمۇ  ئۆتىچى  سۈپىتىدە  مۇئامىلە  قىلنىپ  ئۇلارنىڭ  يوللۇق  تەلەپلىرى  قاندۇرۇلىدۇ. بىراق  ئىسلام  دۆلەتلىردە  يۈزبەرگەن  ئامرىكا  دىپلۇماتلىرغا  قىلىنغان  ھۇجۇم  تىرورلۇقتىن  قىلىشمايدۇ ھەم  كەچۈرۈشكە  بولمايدۇ .جازالاشقا  توغرا  كەلسە  ئاشۇ  سىنارىسىيت  ۋە   رىجىسورلارنى  جازالاش  كىرەك .ئۇلارنىڭ  قىلمىشىغا  ئۆلۈممۇ  ئازلىق   قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3989
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 06:24:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرىپلىكلەر ھەرقانداق ئىشقا دىمكۇراتىيە  نوقتىسىدا  تۇرۇپ  مۇئامىلە  قىلىدۇ. شۇنداق  بولغاچقا  ھاكىميەت بىشىدا تۇرۋاتقان  سىياسى كۈچكە قارشى  كۈچمۇ  ئۆكتىچى  سۈپىتىدە  مۇئامىلە  قىلنىپ  ئۇلارنىڭ  يوللۇق  تەلەپلىرى  قاندۇرۇلىدۇ. بىراق  ئىسلام  دۆلەتلىردە  يۈزبەرگەن  ئامرىكا  دىپلۇماتلىرغا  قىلىنغان  ھۇجۇم  تىرورلۇقتىن  قىلىشمايدۇ ھەم  كەچۈرۈشكە  بولمايدۇ .جازالاشقا  توغرا  كەلسە  ئاشۇ  سىنارىسىيت  ۋە   رىجىسورلارنى  جازالاش  كىرەك .ئۇلارنىڭ  قىلمىشىغا  ئۆلۈممۇ  ئازلىق   قىلىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش