|
|
|
|
غۇلجا شەھرىدە 2000 كىشىلىك ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
2012- يىلى 9 ئاينىڭ 23- كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 7 لەر بىلەنلا غۇلجا شەھرىنىڭ كونا كۆۋرۇك بىلەن يېڭى كۆۋرۇكنى تۇتاشتۇرىدىغان شەھەر ئايلانما يولى ،كىشىلەر بىلەن لىق تولۇپ قىزىپ كەتتى. بۇ يەرگە 3000 چە كىشى يىغىلىپ << ئانا دەريانى قوغداپ، موھىتنى ئاسراپ،گۈزەل ، پاكىز غۇلجا قۇرۇپ چىقايلى >> چاقىرىق بىلەن 2000 كىشىلىك موھىت ئاسراش تېمىسىدىكى ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىزغىن تەييارلىق قىلىنىۋاتاتتى . بۇ قېتىمقى ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيتىگە غۇلجا شەھرىنىڭ ھەر قايسى يېزا - كەنت، ئىش باشقارما، ۋە ئىدار ئورگان خىزمەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ ۋېلسىپىت مىنىش پائالىيتىگە قاتناشقان ماھىرلار 2000 دىن ئاشىدۇ. بۇ قېتمقى پائالىيەتكە شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىسى لىنىڭپىڭ قاتارلىق شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىمۇ قاتناشتى. ۋېلسىپىت ئەترىتى . ئەتىگەن سائەت 8 دە غۇلجا شەھەرلىك پارتىكوم قوراسى ئارقىسىدىكى شەھەر ئايلانما يولىدىن يولغا چىقىپ، يېڭى ئېلى دەريا چوڭ كۆۋرۈگى ئارقىلىق مېڭىپ، كونا ئېلى دەرياسى كۆۋرۈگى يۆلىنىشىدىن قايتىپ كەلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كەڭ ئامما ۋە دۆلەت كادىرلىرىغا موھىت ئاسراش ، ئېلى دەرياسى ۋە ئېلى دەريا ساھىلىنى قوغداش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلدى. شەھەرلىك پاتىكومدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە غۇلجا شەھرى يېقىنى بىر قانچە يىلدا موھىت ئاسراش ۋە شەھەر قۇرۇلۇش سالمىقنىنى كۈچەيتىپ، موھىت ئاسراشنى شەھەر قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، ئېلى دەرياسى ئىككى قىرغىغىنى مەركەز قىلغان گۈزەل، موھىتى ساپ غۇلجا بەرپا قىلىپ چىقىدىكەن .
تۆۋەندىكىسى پائالىيەتتە تارتىلغان خاتىرە سۈرەتلەر . غۇلجا ئۇچۇر تورى خەۋىرى : www.ghulja.biz
يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (146.68 KB)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 07:28 PM
|
|
|
|
|
|