ئاق بۈركۈت تورى بىرسوم پىلانىنى يولغا قويماقچى
ئاق بۈركۈت خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بىكىتىمىز باشقا تەجىمە فىلىم تور بىكەتلىرىدەك، قۇرۇلغان نەچچە يىلدىن بۇيان ئاز بولمىغان نادىر فىلىملەرنى سۈپەتلىك، تېز تەرجىمە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ھەقسىزسۇنۇپ كەلدى. سۈزۈك، ئەسلى ئاۋاز بىلەن شاۋقۇن ئۈنۈمىنى يوقاتمىغان، يەنە بىرتەرەپتىن تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردىغان ئىسىل فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ياراتتى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مېقىياسىدا كىنوخۇمار تورداشلارنىڭ كۆپچىلىكى تور بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلىدىغان ھالغا يەتتى.بېكىتىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەلىشىپ، مەخسۇس خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىدىغان كەسپىي تور بىكەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىدى. بۇ نەتىجىلەرنى ئەلۋەتتە كەڭ خەلقىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بۇ جەرياندا بېكىتىمىزدىكى تەرجىمانلار ئىزچىل خالىس ئەمگەك قىلىپ، بىر سىنت ھەق ئالماي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، مىھنەتسىز تەرتۈكۈپ( بۇ يەردە بىر كىنونىڭ خەتلىك تەرجىمىسنى ئىشلەش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاۋال مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرىپ-ئادىتىگە ماس كىلىشى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولشى، ئىسىل ئەنئەنىمىزگە، گۈزەل ئەخلاقىمىزغا يات بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئىسىل، نادىر فىلىملەر تاللىنىپ چىقىلىدۇ، ئاندىن بېكەت باشلىقى ۋە بىېكەت نىڭ رىژىسسورلىرى شۇ كىنونىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىنغان خەت ھوججىتىنى ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ تەييار قىلىدۇ. تەرجىمە خىزمىتىنى بىر ياكى بىرقانچە تەرجىمان ئۈستىگە ئېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرجىمىسنى پۈتتۈرۈپ بېكەتنىڭ رىژىسسورىغا يوللاپ بېرىدۇ.رىژىسسورلار فىلىمنىڭ خېتىنى تەھرىرلەپ، ئىككى-ئۈچ خىل دىتالدا كىرىشتۈرۈپ پىرىسلاپ، بىكەت باشلىقىغا يوللاپ بېرىدۇ، بېكەت باشلىقى ئاخىرىقى قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇققا يوللاپ خەلقىمىزگەسۇنىدۇ. بۇ جەرياندىكى ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى خالىس بولىدۇ) خەلقىمىزگە نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنىۋاتىدۇ. ھەم بۇندىن كېيىنمۇ شۇ مەۋقەدە تىرىشىدۇ.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، بېكىتىمدىكى تەرجىمان ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە كۆپ ساندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىر بىرىشى بىلەن كوللىكىتپ قارار قىلىش ئارقىلىق بېكىتىمىز تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش ئېلىپباردى.
1. بېكىتىمىز خەلقىمىز ئۈچۈن نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان قىلش.
2.تەرجىمان، رىژىسسورلار بۇرۇنقىدەك خالىس ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇرۇش.
3.بىكىتىمىز تەرجىمە قىلغان كىنولار، تېلىۋىزيەتىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ ھەر بىرىسنىڭ كۆرۈش ھەققىنى بىرسوم خەلق پۇلىقىلىپ بېكىتىش.بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى يىغىپ، << بىر سوم پىلانى>>نىغا ئاتاپ، خەير-ساخاۋات ئىشىلىرىغا ھەدىيە قىلىپ، ئۇقۇشسىز قالغان، يىتىم،نامرات بالىلارنىڭ خىراجىتىنى ھەل قىلىش.
4.باشقا تۈردىكى ناخشا، قىسقا فىلىم...قاتارلىقلارنى بۇرۇنقىدەك ھەقسىز كۆرۈش.
5. بېىكىتىمىزنىڭ ھەرخىل چىقىملىرىنى(مۇلازىمىتىر، تور نامى دىگەندەك... بارلىق چىقىمنى) بېكەت باشلىقى ۋە تەرجىمانتەھرىرلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، ۋە جەمئىيەتتىن خالىس ياردەملەرنى قۇبۇل قىلىش.
6. بېكىتىمىز مىللەتپەرۋەر كىشىلەرنى چاقىرىققىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، خەلقىمىز ئېھتىياجىلىق بولغان تۈرلەردەكۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش.
7. بېكىتىمىز كىنوخۇمار قېرىنداشلارنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېكىتىمىزدىكى ھەر بىر كىنوغا بىر سومدىن ھەق تۆلەپ كۈرۈشتىن ئىبارەت كاتتا ياردىمىنى يىغىپ، <<تاما-تاما كۆل بولا>>دىگەندەك، كىنودىن كىرگەن كىرىمنى جەملەپ ۋاقتىدا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىپ،پۇلنىڭ ئىشلىتىلىگەن ئورنىنى پاكىت بىلەن تور يۈزىدە تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش.
كىنونلارنى ھەقىلىق كۆرۈش پىلانى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن خەيرىلىك ئىش بولغاچقا بېكىتمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوللىشىغائېرىشتى. بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ سۈيۈنۈدۇق. ھەتتا بەزى ئەزالار ئالدىن خالىس پۇل ئىئانە قىلىغاندا كۆزىمىزگە ئىسسىق ياش كەلىدى. قېرىنداشلىرىمىز يۈرۈكىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلاندۇق. ۋە بۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇنبەر بولغان مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاشقا جۈرئەت قىلدۇق. مەن ۋاكالەتەن بۇتېىمىنى يوللىدىم.
مىسرانىم مۇنبىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا زور تەسىرى بار، ئەزالىرى كۆپ، زىيارەت مىقدارى ئېشىۋاتقان، غوللۇق مۇنبەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسرانىمدا مىللەت سۆيەر، غۇرۇرلۇق قېرىنداشلار يىغىلغان بولغاچقا بۇ چاقىرقنىڭ تاشلىنىپ قالماسلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىمەن.
مەن ئاق بۈركۈت خەتلىك فىلىم تورىنىڭ رىژىسسورى پاسىبان بولىمەن. مەن بېكەتكە ۋاكالەتەن شۇنداق دىگۈم كېلىدۇكى بىز ھىچنىمىنى تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئۇقۇشسىز قالغان،نامراتلىقتا قالغان پەرزەنتلىرىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىشنى كوللىكتىپ مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلدۇق. بېكىتىمىز ئىشلىتىۋاتقان ۋاي ۋاي قانىلىغا يىغىلىدۇق، يېغىنغا 50تىن ئارتۇق ئەزا ۋە باشقۇرغۇچى قاتناشتى.
بۇ پىلانىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالساق خەلقىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىشتىن بىرىسى ۋۇجۇتقا چىقىدۇ دەپ ئويلايمىز.
بېكىتمىزنىڭ ھەقىلىق كىنو كۆرۈش قائىدىسى ۋەمۇناسىۋەتلىك ئىشلار بېكىتمىز مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندۇ. ئەگەر بۇ << بىر سوم پىلانى>> غا قاتنىشىشنى خالىسڭىز بېكىتمىزنى زىيارت قىلىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە نەزەر سېلىپ تۇرغايسىز.
بېكىتىمىزنىڭ ئادرىسىwww.akburkut.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pasibaneli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 05:36 PM