بارماق دىسكىغا يېزىشنى قوغداش ( u盘写保护 ) نى بىكار قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرەي سىناپ بېقىڭ
1- 开始 دىن 运行 غا regedit نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىڭ.
2- ئەمدى HKEY_LOCAL_MACHINE\SYSTEM\ControlSet002\Control ۋە HKEY_LOCAL_MACHINE\SYSTEM\ControlSet001\Control تېپىڭ ، بۇلارنىڭ ئاستىدا StorageDevicePolicies دەيدىغان قوشۇمچە تۈرھەمدە بۇ تۈردە WriteProtect قىممىتى بارمىكەن؟ بار بولسا بۇنىڭ قىممىتىنى 0 قىلىپ (بىۋاستە مۇشۇ ئىنكاستىكى 5- باسقۇچنى تاماملاڭ) كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇڭ.
3- يوق بولسا KEY_LOCAL_MACHINE\SYSTEM\CurrentControlSet\Control\StorageDevicePolicies نى ئېچىڭ ھەمدە StorageDevicePolicies تۈرىدىن بىرنى قۇرۇڭ . قۇرۇش ئۇسۇلى: Control غا ئوڭنى بېسىپ 新建 دىن 项 نى تاللاڭ ئاندىن قايتا نام بېرىش (重命名) نى بېسىپ ئىسمىنى StorageDevicePolicies قىلىڭ.
4- ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەككە ئوڭنى بېسىپ Dword قىممىتىدىن بىرنى قۇرۇپ ئىسمىنى WriteProtect قىلىپ، قىممىتىنى 0 قىلىپ جەزملەڭ.
5- كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇپ بارماق دىسكىنى سالساق u盘写保护 دېمەيدۇ.
بارماق دىسكىغا يېزىشنى قوغداش ( u盘写保护 ) ئۈچۈن 3- قەدەمدىكى Dword قىممىتىنى 1 قىلىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.
بۇنى WinXP دا قايتا- قايتا سىنىدىم. Win7 ۋە 8 دىمۇ بولىشى مۇمكىن.
سەينادا
[WinXP]ساقلاپ قويغۇدەك reg ،cmd، bat ھۆججەتنى ئۆزىڭىز ياساڭ دەيدىغان بىر تېما بار، تەييار reg ھۆججەت ۋە كودىنى شۇنىڭ21- قەۋىتىگە يوللاپ قويدۇم.