مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2476|ئىنكاس: 40

قاسىم سىدىق:«ئىككى ئەخلەت»تىن ھەزەر ئەيلەڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 12:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىككى ئەخلەت»تىن ھەزەر ئەيلەڭ!

ـــــ  زامانىمزدىكى «ئىككى ئەخلەت»ھەققىدە تاقا-تۇقا بايان


قاسىم سىدىق




ئاتالمىش«ئەلپەنچىلەرگە قارشى تۇرغۇچى»،«ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چىركلىككە قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتى»،«جوڭگۇ تىبابىتىگە قارشى تورغۇچى»مەشھور زات فاڭ جوزى«گېن كۈچۈرۈلگەن يىمەكلىك»لەرنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغۇچى ئىكەن.بۇ سەۋەپتىن جوڭگۇ ئۇچۇر-ئاخبارات دۇنياسىدا ئاز بولمىغان دەتالاشلار مەيدانغا كىلىپ ،ھازىرغىچە بىسىقمايۋىتىپتۇ.فاڭ جۇزىنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىگىنى خەنزۇ تىل-يىزىغىنى بىلمەيدىغانلار بىلمەكچى بولسا جىك ئەپەندىنىڭ«ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا»سەرلەۋھەلىك يازمىسىنى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ تىپىپ كۇرۆپ چىقسا،بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيدۇ.

نەق گەپكە كەلسەك ،بۈگۈن جوڭگۇ« ئىلىم- پەن تورى»دا«فىرانسىيەدە گىنى ئۈزگەرتىلگەن قۇناق يىگەن چاشقانلارنى ئۆسمە قاپلاپ كەتتى»دىگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى.تەتقىقات-تەجىرىبە نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپتۇكى،«گېن كۈچۈرۆلگەن يىمەكلىك»تە بېقىلغان چاشقانلار راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،ئۈلۈم نىسبىتى يوقۇرلاپ كىتىپتۇ.

تۈۋەندىكىسى شۇ خىل يىمەكلىكتە بېقىپ تەجىرىبە قىلىنغان چاشقانلارنىڭ سۈرىتى:




ھازىر بىزنىڭ جىسمانى ۋە مەنىۋى بىخەتەرلىگىمىزگە خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان ئەخلەت يازما،ئەخلەت يىمەكلىكلەر بەكمۇ كۆپۇيۇپ كەتتى.ئەخلەت يازمىلار روھىمىزنى،ئۈمىت -ئىشەنچىمىزنى،جاسارىتىمىزنى ،ئۆز ئارا مىھىر -مۇھەببىتىمىزنى،ھەمكارلىشىش روھىمىزنى  كاردىن چىقارسا،ئەخلەت يىمكلىكلەر سالامەتلىگىمىزنى،ساغلام ئەۋلات قالدۇرۇش ئېقتىدارىمىزنى كاردىن چىقارماقتا.بىز   پىرىنسىپال ئاساسى بولمىغان،ساختاتېما،ئويدۇرماتېمىلارنىڭ مەنىۋى زىيانكەشلىكگە ئۇچراپ بىھۇدە تەپرىقىچىلىك ۋە زېھنى كۈچ ئىسراپچىلىغىنىڭ دەردىنى تارىتماقتىمىز.ھالبۇكى بىزنىڭ ئەخلەت يازمىلارغا بولغان سەزگۈرلىگىمىز ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە بولغان سەزگۈرلىگىمىزدىن ئىنتايىن تۇۋەن.

مەن «كەڭساي»تورىدا«ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار»دىگەن تېمىنى ئۇقۇپ چىقىپ قالايمىقان پەتىۋا چىقىرىدىغان،قالايمىقان باھا بىرىدىغان ئىشلارنىڭ دىنى ساھەدىلا ئەمەس ،پەننى ساھەدە،ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا مەنسۈپ بەزى يازمىلاردا ئۇچرايدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم.

ھەر خىل مەنىۋى ۋە جىسمانى كىسەللەردىن خالى بولاي دىسىڭىز سىرتتىن ئىلىپ كىرىلگەن ھەرخىل مەنىۋى ۋەماددى  «يىمەكلىك»لەرگەئىھتىياتچان مۇئامىلە قىلىڭ،  قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.
«گېنى ئۆزگەرتىلگەن »بەزى مەنىۋى ۋە ماددى«يىمەكلىك»لەرسىزنىڭ روھىڭىز ۋە جىسمىڭىزنى يۇقۇرقى سۈرەتتىكى چاشقانلاردەك قىلىپ قويمىسۇن.ھىلىھەم ھەرخىل ئەخلەتلەردىن ئاز بولغانمىدۇق،جىسمانى ۋە مەنىۋى مەۋجۈتلىگىمىزنى قوغداپ قالايلى دىسەك،«ئەخلەت يازما»،«ئەخلەت يىمەكىلىك»دىن ئىبارەت«ئىككى ئەخلەت»تىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيلى،ھوشيار تۇرايلى!.

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:


1.法国吃转基因玉米实验鼠长满肿瘤
2.جىك: ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا
3.ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 12:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن خەتەرلىك  ، تۇرمۇشىمىزدىكى بۇ ئەخلەتلەرگە قارىتا تېزدىن تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 03:11 PM  


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85161
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەخلەت يىمەكلىك دىگەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتتى كنتاكې 德克士دىگەنلەر مودا بولدى ئەڭ قىسقىسى بەش موچەنلىك يىمەكلىلەرنى بالىلار تالىشىپ يەيدۇ،ھازىرقى بالىلاردىكى خىلمۇخىل كىسەللىك ،بۇيى پاكار بوپ قىلىشى مۇشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقىمىكىن دەپ قالىمەن

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىنى ئۆزگەرتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ چوقۇم خەتىرى بارمىكى دەيمەن

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1343
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13326
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8412 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يېمەكلىكلەر بولسا جىسمانىيىتىمىزنى خورىتىپ، بۇزۇلۇشقا ئېرىپ بارىدۇ.
بۇنىڭدىن يېمەكلىكلەرنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق قوغدىنالايمىز.

ئەخلەت يازمىلار بولسا روھىيىتىمىزنى بۇزۇلۇشقا ئېلىپ بېرىپ ئىنسان ھاياتىنى گۇمران قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن قوغدىنىش ئۈچۈن بىزدە يوقۇرى بولغان تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇكەممەل بولغان ئونۋېرسال بىلىمىمىز  بولۇشى كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 02:16 PM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3477
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇنئى يىمەكلىكتىن ھەزەر ئەيلەيلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85042
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرغۇ جەمئىيتىمىزدە ئۇنداق ئەخلەت يىمەكلەكلەر بەك كۆپ بوپ كەتتى ،  راست دىققەت قىلىشىمىز كىرەك !!!!!!

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1702
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14111
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ماۋۇ بالىلارنى ھەي بالىلار سىللەر توخماق ئەپەندىمنىڭ  تىمىسىدا بايان قىلىنغان مەسىلىنىڭ نىگىزلىك يىرىنى چۈشەنەنمەيلا ئىنكاس يىزىپ كىتىپسىلەرغۇ ؟

توخماق ئەپەندىم گېن كۆچۈرۈلگەن يىمەكلىك توغۇرسىدىكى مەسىلىنى ئوتترۇغا قويۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ ماھىيەتتە . بۇ يازمىنى يېزىقچىلىق ساھەسى ئىچىدىكى ئەخلەت يازمىنىڭ قەلبىمىزنى زەھەرلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلش ئۈچۈن ھۇشيار تۇرۇش لازىملىقىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ .

مەن  مۇنداق ئويلىدىم . توخماق ئەپەندىم تىلغا ئالغان ئەخلەت يازمىنىغۇ ،ئازىراقلا ئەقلى بار ئادام  ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن شۇ خلدىكى يازمىنى مۇنداقلا  بىر ئوقۇپ ،  ئاسانلا بىلىۋالايدۇ . دىمەك بىلۋالغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئىككىنجى قىتىم ئالدىغا شۇ خىلدىكى ئەخلەت يازما كىلىپ قالسا  ئۆزىنى مۇنداق يازمىغا  ۋە تەسىرىگە ئۇچۇراتمايدۇ دەپ قارايمەن .
   بىراق گېن كۆچۈرۈلگەن ئەخلەت يىمەكلىكنىڭ تاشقى سۈپىتدىن ھەر قانچە قاراپمۇ پەرىق ئەتكىلىمۇ بولمايدۇ .بۇنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى يەيدىغان يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى  ئالاھىيتەن يىمەك-ئىچمەك نازارەتچىلىگى ئىدارسىگە  بىرىپ تەكشۇرتۇپ لاياقەتلىك ئىسپاتنامىسى چىققاندىن كىيىن ياكى مەخۇسس تەركىبىدە زىيانلىك نەرسىلەر بار يوقلىغىنى تەكشۇردىغان ئالى دەىرىجىلىك ئۈسكىنلەردە تەكشۇۇرپ ئىچشەنچىلىك بولغاندىن كىيىن  ئېستىمال قىلشىقا توغرا كىلىدۇ .
  
يۇقارقىغا ئاساسلانغادا ئەخلەت يازمىنىڭ خەتىرىدىن ئەخلەت يىمەكلىنىڭ خەتىرىدىن ساقلانماق بەس مۇشكۈلدەك قىلىدۇ .
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 02:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22505
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7491 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن قاسىم سىدىق ئەپەندى قانداق يازمىلارنىڭ ئەخلەت يازما بولىدىغانلىقىنى ئېنىق دېمەپتۇ...يېمەكلىكنى ھالال يېسەكلا چاتاق چىقمايدۇ..لېكىن قانداق يازمىنىڭ ئەخلەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەك تەس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار



«ئالدىراقسانلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى پەتىۋالار»
كېڭەش يېغىنى قاھىرەدە ئېچىلدى




ئىسلام ئۆلىمالىرى: «مېدىيا ۋاستىلىرىدا بېرىلىۋاتقان پەتىۋالارنى چەكلىشىمىز، بىزنى ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز پىتنىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ»

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئسىلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالار مۇسۇلمانلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ئالىم-ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولماقتا.»
ئۆتكەن شەنبە كۈنى مىسىردىكى شەرىئەتشۇناس ئالىملار ۋە باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكتە: «ھەرقايسى مېدىيا ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بېرىلىۋاتقان پەتىۋالاردىن كىلىپ چېقىۋاتقان ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بۇلارنى چەكلەش لازىملىقى» خۇسۇسىدا پىكىر-تەكلىپلەردە بولۇندى.
يۇقىرىقىلار «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى»نىڭ قاھىرەدە ئۇيۇشتۇرغان «ئالدىراقسانلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى پەتىۋالار» نامىدىكى كېڭەش يېغىنىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، يېغىنغا مىسىرنىڭ سابىق مۇپتىسى ۋە مىسىردىكى «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى»نىڭ رەئىسى دوكتور نەسر فەرىد ۋاسىل، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان قاتارلىقلار قاتناشتى. يېغىنغا ئەينى شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتى ئۇستازى دوكتور سەئىد ئەبۇل فۇتۇھ يىتەكچىلىك قىلدى.
يېغىندا دوكتور ناسىر فەرىد ۋاسىل: «نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالارنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ يەنە: «بىر قسىم كىشلەرنىڭ مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق پەتىۋا ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى رەت قىلىنىپ كېلىنسىمۇ، ئەمما يەنىلا مېدىيا ۋاستىلىرىدە ئۇلارنىڭ پەتىۋا بېرىشىگە يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغان، ھەمدە شەرئى ھۆكۈملەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا توغرا تەتبىقلىيالمايدىغان كىشلەرنىڭ پەتىۋا سەھنىلىرىدە ئاشكارا ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقىنى» ئېيتىپ ئۆتتى.
دوكتور نەسر يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «ساغلام شەرئى پەتىۋا بەرگۈچى چوقۇم ئىجتىھات مەرتىۋىسىگە يەتكەن بولىشى كېرەك. ئىجتىھات مەرتىۋىسى بولسا، ئالدى بىلەن «شەرىئەت ۋە قانۇن» فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئارقىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. دوكتورلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىلمى مەرتىۋە پەتىۋا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئالمىغانلارنىڭ پەتىۋا چىقىرىشىغا يول قويماسلىق لازىم!»
دوكتور نەسر يەنە، دەۋەت قىلىش بىلەن پەتىۋا چىقىرىش ئوتتۇرسىدا زور پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان ھالدا پەتىۋا ئىشلىرىدا، مىسىردا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيسى»، «مىسىر پەتىۋا ئورگىنى» ۋە «بۈيۈك ئۆلىمالار ھەيئىتى» قاتارلىق پەتىۋا ئورگانلىرىغا مۇراجەت قىلىش لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
دوكتور نەسىرنىڭ پىكرىگە يانداشقان ھالدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئسىلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالار مۇسۇلمانلاردىكى ئالىم-ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.»
ئۇ يەنە: پەتىۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلىۋاتقانلارنىڭ چېنىقتۇرۇلىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ پەتىۋا بىرىش سالاھىتىگە ئېگە بولۇشلىرى ئۈچۈن خۇددى قازىلارنى تەربىيىلەش ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش مۇفتى بولغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئىنىستېتوتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكلىۋىنى بەردى.
ھەمدە ئۇ يەنە: كەسىپ ئەھلى دەپ قارىلىۋاتقان مۇپتىلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ شەخسى خاراكتىرى بىلەن شەرئى قاراش ئوتتۇرسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: «مىسال قىلىدىغان بولساق، مېنىڭ ساقاللىق كۆرۈنۈشۈم ئۈچۈن چوقۇم باشقىلارغىمۇ ساقالنىڭ پەرز ياكى ۋاجىپلىقى بىلەن پەتىۋا بېرىشىمنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇپتى بولغان كىشى پەتىۋا چىقىرىشتا شەخسى مىجەز-خاراكتىرنىڭ توزىقىغا دەسسىمەسلىكى لازىم.»
شۇ خىل پىكىرنى يەنە «ئەينى شەمس» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت پەنلىرى ئۇستازى دوكتور سەئىد ئەبۇلفۇتۇھمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى تەرتىپسىزلىكتە چېكىگە يەتتى. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئىلمىلىك ياكى ئىلىمسىز بولسۇن ھەممە ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشقا ئۆزىنى ئۇرۇدىغان بولۇپ كەتتى.» دوكتور سەئىد يەنە يۇقىرىقى سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەتىۋا ساھەسىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار تەرپىدىن چىقىرىلغان بىر قىسىم پەتىۋالارنىڭ نۇرغۇنلىغان قانلارنىڭ تۆكۈلۈشى ۋە جەمىيەتنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.»
  ئۇ يەنە «پەتىۋاخۇمارلار» دەپ نام ئېلىۋاتقان ئاشۇ بىر تۈركۈم كىشلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا نۆۋەتتە كۆپلەپ پايدىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلان-تەشۋىقاتلارنى گويا يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىتىۋاتقان مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئاساسى رول ئويناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
شۇنداقلا ئۇ يەنە: مىسىردا زور بىر تۈركۈم مېدىيا قاناللىرىنىڭ تاماشىبىنلار ئۈچۈن مەخسۇس نەق مەيدان تېلېفون باغلىنىشى تەسىس قىلىپ، سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتەك پەتىۋا پروگراممىلىرىنىڭ كەڭ تۈردە يەر ئېلىشىغا يول قويۇشى، ھەمدە «باشقىلارنى ئورۇنسىز كاپىرغا چىقىرىش»قا ئوخشاش قىسمەن پەتىۋالارنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىقلارنىڭ مىسىر جەمئىيىتىدە جېدەل بورانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

مەنبە: «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى» تورى
تەجىمە قىلغۇچى: ساجىيە
مەنبە: ساجىيە تورى
www.sajiye.net

www.sajiye.org

http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-21574.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 02:41 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش