— 1 —
ئاQ مەكتىپىمىزگە دەل ، « ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى » ئېچىلىۋاتقان كۈنى كەلدى . ئۇ مەكتىپىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك، ئازادە ئوقۇتۇش بىنالىرىنى ؛ پاكىز تازلانغان ، كىشىگە ئارام بەخىش تۇيغۇ بېرىدىغان گۈزەل مەكتەپ باغچىسىنى ۋە يەنە مەكتەپ ئىچىدىكى نۇرغۇن – نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىدىن زوقلاندى ۋە ھاياجانلاندى .
ئاQ دوستلىرىمىزغا بەلكىم ناتونۇش بولمىسا كېرەك . ئۇ ۋېيجۇاڭ يېزىسىدىكى سەھرالىقلارغا بۇرنى – قۇلقىغىچە تويۇپ كەتكەنىدى . چۈنكى ۋېيجۇاڭ يېزىسىنىڭ خەلقى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۈنلۈك ئىشلىرىغا سېلىشتىن ۋە زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتىن باشقىنى بىلمەيتى . شۇڭا ئۇ ۋېيجۇاڭدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى . مانا بۈگۈن ئاQ نىڭ جاھان كېزىپ چىقىپ كەتكىنىگىمۇ خېلى زامانلار بولدى . لېكىن ئۇنىڭ بىزنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىپ قېلىشىنى كىم ئويلىغان ؟ ھەر ھالدا كۆپنى كۆرگەن ، كۆپنى ئاڭلىغان ئاQ نىڭ مەكتىپىمىزدىن قانداق تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باققىنىمىزنىڭ زىينى بولماس ...
ئاQ مەكتىپىمىزدە مەقسەتسىزلا ئۇيان ئايلىنىپ ، بۇيان ئايلىنىپ ئاخىر «ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى» ئېچىلىۋاتقان يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى . ئەزىلدىن ۋاڭ – چۇڭ ۋە ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەرنى بىلىشكە قىززىقىدىغان ئاQ شۇ زامان يىغىن زالىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ، زال ئىچىدە نېمە ئىش بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى ۋە ئارقا ئىشىكتىن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى . يىغىن زالىدا مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلماقتا ئىدى . زال ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزىنى تىڭشاۋاتقاچقا، زال ئىچىگە كىرىپ كەلگەن ئاQ غا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى .
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىپ قاتتىق گۈلدۈر – قاراستىن كېيىن ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۆتكەن ئوقۇش يىلىدىكى 10 نەپەر «مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى» نامزاتىنى ئېلان قىلىپ ، ئۇلارنى تەغدىرنامە ۋە 5 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەغدىرلىدى . ئۆز ئۆمرىدە مۇنداقمۇ ياخشى ئىش بارلىقىنى تېخى ئەمدى بىلگەن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان ئاQ ھەيران بولغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى .
«5 مىڭ يۈەن !» دەپ ئويلايتى ئاQ « بۇ ئاز پۇلمۇ ؟ ۋېيجۇاڭدا باشقىلارغا كۈنلۈك ئىشلەپمۇ ۋە ياكى تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ ئىنقىلاپچى بولغان تەغدىردىمۇ بۇنچە كۆپ پۇلغا ئېرىشىش تەس ، بەلكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش... بولدى ، مەن بىر قارارغا كەلدىم !» دېدى ئۇ بىردىنلا « ئىنقىلابچى بولالمىغاندىن كېيىن ، مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىپ كېتەيچۇ ...»
ئۇ ئەنە شۇنداق نۇرغۇن شېرىن – شېكەر خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ يىغىننىڭ قانداق تېز تۈگەپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدى . ئەگەر يىغىن يەنە سەل ئۇزۇنراق ئېچىلغان بولسا ئىدى، ئاQ تېخىمۇ كۆپ خىياللارنى سۈرىۋالغان بولار ئىدى . لېكىن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىۋېرىشقىمۇ بولمايتى . چۈنكى بۇ گۈزەل خىياللار ئەمەلگە ئاشمىسا ، خىيال قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى ! شۇڭا ئاQ بۇ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش كېرەك ئىدى . ئاQ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى ۋە يىغىندىن چىقىپ، كىشىلەردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنى ناھايىتى ئاسانلا تاپتى . ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كەلدىيۇ لېكىن ئىشخانىغا بىمالال كىرىشتىن سەل قورقۇپ قالدى . چۈنكى ئاQ نىڭ ئەينى ۋاقىتتىمۇ «ئىنقىلاپچىلارغا قوشۇلىمەن» دەپ ، چىيەن ھەزرەتنىڭ ھويلىسىغا بىمالال كىرىپ قېلىپ ، « ئەجنەبىي شەيتان » تەرىپىدىن قانداق قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ھېلىمۇ يادىدا ئىدى . مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئاQ نى خۇددى « ئەجنەبىي شەيتان » دەك قوغلاپ چىقىرىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى . ئەمما ، مەيلى نېمە پېشكەلچىلىك يۈز بەرسۇن بۇ ئىشقا بىر تەۋەككۈل قىلىپ باقمايمۇ بولمايتى . بەخىتكە يارىشا مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى . ئاQ غەيرەتكە كېلىپ ، ئىشخانىغا ئاستا كىردى .
مەكتەپ مۇدىرى ئاQ ئويلىغىنىنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ چىقتى . چۈنكى ئۇ ئاQ نى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى . ئاQ نىڭ ھېس قىلىشىچە ، مەكتەپ مۇدىرى «ئەجنەبىي شەيتان» دەك ئۇنداق سۆرۈن تەلەت ۋە ھاكاۋۇر ئەمەس ئىدى . سۆز قىلغاندىمۇ ئۇنداق قوپال ۋە قاتتىق قىلمايتى .
- نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟ - دەپ سورىدى مەكتەپ مۇدىرى ئا Q دىن .
- مەن ... مەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلماقچى ئىدىم . – دېدى ئا Q سەل ھودۇققان ھالدا .
- ھە ، بىلىم ئالغۇلى ياكى ئوقۇغۇلى كەلدىم . دەڭ – دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئا Q نىڭ سۆزىگە تۈزىتىش بېرىپ .
- شۇنداق ، شۇنداق . مېنىڭمۇ ئۇلاردەك 5 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغۇم بار . – دېدى ئاQ ئۆز مەقسىتىنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ . مەكتەپ مۇدىرى بولسا :
- چاتاق يوق . سىزمۇ تىرىشىپ ئۈگەنسىڭىزلا ، چوقۇم ئۇلاردەك مۇكاپاتلىنالايسىز – دەپ ئاQ نى رىغبەتلەندۈردى . مەكتەپ مۇدىرى ئاQ نىڭ بۇ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ بەردى ۋە بەزى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە كەلسە بولىدىغانلىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى . ئاQ مەكتەپ مۇدىرىدىن چەكسىز مەنمۇن بولدى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئالەمچە خوشال بولغان ھالدا قايتىپ چىقتى . ئۇ بۇ ئىشنىڭ بۇنچە ئاسان ھەل بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى .
ئاQ يولدا ئۆز غەلبىسىدىن قىن – قىنىغا پاتمىغان ھالدا مەغرۇر ۋە ناھايىتى ياخشى كەيپىيات بىلەن ماڭدى . نېمىشقىدۇر يولدىكى پۈتۈن كىشىلەر ئاQ غا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قاراۋاتقاندەك، ئۇنىڭ غەلبىسىگە ھەۋەس قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى ...
— 2 —
ئاQ ئەتىسىدىن باشلاپ ھەقىقەتەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا قېتىلىپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردىكى پۈتكۈل خىيالى بىر ئامال قىلىپ 5 مىڭ يۈەن «ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئىدى . لېكىن ئاQ بارا – بارا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى . چۈنكى «ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا قېتىلىمەن دەپلا قېتىلىپ قويۇش ۋە ياكى رەسمىيەت ئۈچۈنلا مەكتەپكە بېرىپ- كېلىپ قويۇش كۇپايە قىلمايتى . بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم چاپاغا چىداپ ، قاتتىق تىرىشىپ ئۈگەنمەي بولمايتى . مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئاQ ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ « سىزمۇ تىرىشىپ ئۈگەنسىڭىز ... » دېگەن سۆزىنىڭ تېگىگە يېتىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاQ گەرچە سەل ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق ھېساپلانسىمۇ ئۈچ كۈن قاتتىق ئەستايىدىل ئويلىنىپ ، ئاخىر قاتتىق تىرىشىپ ئۈگىنىشكە بەل باغلىدى .
ئاQ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەقىقەتەن تىرىشىپ ئۈگەندى . سىنىپتىكى ئۈگىنىشتە ياخشى ساۋاقداشلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى . بولۇپمۇ ۋاقىتنى پەقەت بوشقا ئۆتكۈزمىدى . مانا شۇنىڭ پايدىسى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر ، ئاQ ئۆتىلىۋاتقان دەرىسلەرنىمۇ كۈندىن-كۈنگە تولۇق چۈشىنىپ مېڭىشقا باشلىدى . دەرىسلەردىمۇ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇردى . بىلەلمىگەن يەرلىرىنى دەرىستە ياخشى ساۋاقداشلىرىدىن ۋە ھەرقايسى پەن دەرس ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراپ چۈشەندى . دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئاQ نىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنى سىنىپتا پات – پات ماختاپ قوياتتى . بۇ ماختاشلار ئۇنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ قۇلقىغا ياقامدۇ ، ياقمامدۇ بۇنى بىلمىدۇق . ئەمما ئاQ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماختاشلىرىدىن ئاجايىپ خوشال بولاتتى ...
ئەنە شۇ تەرىقىدە خېلى كۈنلەرنى ئۆتتى . مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇ سىنىپىدىكى بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاللاقانداقتۇر بىر مۇھىم ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى . كۆرۈش بىلەن ئىش تۈگسە مەيلىتى ، ئەمما ئاQ نىڭ ئۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ باققىسىمۇ كېلىپ قالدى . ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق ئىشلارغا قىززىقىپ ئۆتكەن ئاQ ئۇ ساۋاقداشلىرىغا تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالدى .
- ئاغىنىلەر ،- دەپ سۆز باشلىدى چېچىنى ئاجايىپ بىر رەڭدە بويىۋالغا بىرسى ،- ھېلىقى سىنىپتىكى پەرھات دېگەن كىتاپ خالتىسىنىڭ « ئوقۇش مۇكاپاتى » ئالغاندىن كېيىن سەل ھالى چوڭلاپ قالدىمۇ – قانداق ؟
- شۇ ئەمەسمۇ ؟! – دەپ تەستىقلىدى پوزۇر كىيىنىۋالغان بىرسى،- شۇنچە پۇلنى ئالغان ئادەم بىزنى ئەسلى مېھمان قىلىدىغان يەردە ئىدى . ئەمما ئۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، ئادەمگە پەقەت تۇتۇق بەرمەيۋاتىدۇ دېسە .
- ھەي ئاغىنىلەر ، ھازىر بۇ ئادەملەردە ئىنساپ قالمىدى جۇمۇ ؟! – دېدى كۈشتۈنگۈر كۆرىنىدىغان بىرسى ئاچچىقلاپ ،- ئاناڭنى، خەپ! مەنمۇ«ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغاندا ئۇلارغا بىر تىيىن خەجلەپ بېرىدىغان بولسام !
- نېمە دەيسەن ؟ - دېدى ئۆزى ۋىجىك ۋە ئورۇق بولسىمۇ ئاۋازى چىڭ چىقىدىغان بىرسى ، -«ئوقۇش مۇكاپاتى» ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس جۇمۇ ؟!
- ۋاي نېمىسىنى دەيسەن ، شۇ خەقنىڭ تەلىيى كېلىپ قېلىۋاتقان گەپ ! – دېدى ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنچىسى بار بىرسى ، - بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا «بەخىت قۇشى» قونىدىغان ۋاقىتلار كېلىدۇ . ئۇ چاغدا بىزمۇ «ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشەلەيمىز .
- ئۇغۇ شۇ ،- دېدى چېچىنى ئاجايىپ بويىۋالغان بالا قايتىدىن سۆز باشلاپ ،- ھەراست ، ئاغىنىلەر ، بىزنىڭ سىنىپقا ھېلىقى يېڭىدىن كەلگەن ئاداش تازا چالا ئاكتىپ بىر نەرسىمۇ قانداق ؟ - ئۆزى ھەققىدە گەپ بولۇشقا باشلىغانلىقىنى پەملىگەن ئەقىللىق ئا Q قۇلاقلىرىنى تېخىمۇ دىڭ تۇتتى .
- راست شۇنداقتەك كۆرىنىدۇ . مەنمۇ قاچان قارسام ، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارقىسىدا سوكۇلداپ يۈرگىنىنى كۆرىمەن . مۇئەللىملەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنەي دەمدىكىن ئۇ ؟! – دەپ مۇشتلىرىنى تۈگدى ھېلىقى كۈچتۈنگۈر .
- ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى بېشىنى يەيدۇ ! – دېدى ھېلىقى ۋىجىك مەقسەتسىزلا . بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئاQ قورققىنىدىن چۆچۈپ كەتتى . چۆچىمەيمۇ بولمايتى . چۈنكى بۇ گەپلەرنى قىلشىۋاتقانلا بوش ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى . بۇنىسى ئاQ غا بەش قولدەك ئايان . ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ ، كۆزىگە سەت كۆرىنىپ قېلىشمۇ سەل قارغىلى بولمايدىغان چوڭ پېشكەلچىلىك . دېمىسىمۇ ، ھېلىقى كۈچتۈنگۈرنىڭ مۇشت تۈگۈشى ۋە ھېلىقى ۋىجىكنىڭ « ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى بېشىنى يەيدۇ ! » دېگەن سۆزى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە قايتا بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى «ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى . بۇنىڭ ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئۈگىنىشكە ، تىنىپ تاپماي ئىزدىنىشكە توغرا كېلەتتى . ئاQ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مانا مۇشۇ يولدا مېڭىپ ، ئۆگىنىشتىن زېرىككەن ۋە ئېغىر چارچىغان ئىدى . مانا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكان بولماي قالدى . بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ھېلىقى بىر نەچچىسى سەۋەپلىك . ئۇلار بولمىغان بولسا ئاQ يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەنگەنمۇ بولار ئىدى . لېكىن بۇنداق بېسىم ئاستىدا ئۇ قانداقمۇ بىلىم ئېلىپ ، ئۆگىنىش قىلالىسۇن ؟! شۇڭا بۇگۈنكى بۇ ئىش ئا Q نىڭ ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش يولدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ ئەڭ يېتەرلىك، ئەڭ چوڭ باھانىسى بولۇپ قالدى . ئاQ بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ۋاقىت ئىسىراپ قىلىپ ، كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا «ئوقۇش مۇكاپاتى» ئېلىش نىيتىدىن ۋاز كەچتى .
— 3 —
ئاQ گەرچە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ ، ئەمما مەكتىپىمىزدە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى . ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ مەكتىپىمىزدىن كەتكۈسى يوق ئىدى . بەلكى مەڭگۈلۈك مۇشۇ جايدا ، مۇشۇ رېتىمدا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋەرسە شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىدى . لېكىن نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن ؟ شۇنداق بولسمۇ ھازىرچە ئاQ بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىشى كېرەك ئىدى .
مۇشۇنداق كۈنلەردە ئاQ سىنىپىدىكى بىر قانچە ئوغۇل ساۋاقداشلىرىغا زوقلانغۇسى كېلىپ قالدى . ئۇلار دەل ، دائىم بىر يەرگە يىغىلىۋىلىپ «مۇھىم» ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بارىدىغان ھېلىقى ساۋاقداشلىرى ئىدى . ئاQ نىڭ ئۇلارغا زوقلىنىپ قېلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە گەپ – سۆزلىرى ئالاھىدە سۈپەتلىك ئىدى . تېخى ئۇلار دائىم بىر – بىرىنى « ئاغىنە ، ئاغىنە » دەپ چاقىرىشاتتى . گەرچە ئۇلار دەرىسلەردە ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۈر – ھەيۋىسى دۇنيادىكى بەزى داڭلىق ناتىق – مۇتەپپەككۇر ۋە ياكى بەزى پۇللۇق ئەمەلدارلاردىن قېلىشمايتى . شۇڭا ئاQبۇ ساۋاقداشلىرىغا زوقلاندى ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن ئۆتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاQ ئاشۇ بىر قاتار «چوڭ سۈپەت» ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىپ كەتتى ...
ۋاقىتنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك . بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاQ دىمۇ ھەقىقەتەن بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولدى :
بىرىنچىدىن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاQ نىڭ «چوڭ سۈپەت» ئاغىنىلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ قالدى . ئاQ ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەي «ئاغىنە» دېگەن بۇ سۆزنى ياقتۇرۇپ قالدى .
ئىككىنچىدىن ، ۋېيجۇاڭ يېزىسىدىن ئايرىلىپ، كەيىپ-ساپادىن مەھرۇم قالغان ئاQ ، بۇ ئاغىنىلىرىنىڭ بارىدا چېكىپ باقمىغان ئېسىل تاماكىلارنى چېكىشكە ، ئىچىپ باقمىغان ئېسىل شاراپلارنى ئىچىشكە مۇيەسسەر بولالىدى .
ئۈچىنچىدىن ، ئىلگىرى قولىدىن كىتاپ چۈشمەيدىغان ئاQ نىڭ قوللىرى ھازىر بوش قالغان بولۇپ ، كىتاپ – ماتىرىياللىرىنىڭ نەلەردە قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى . لېكىن نېمىشقىدۇر ئاQ ئۆزىنى بۇنىڭدىن ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى .
تۆتىنچىدىن ، ئەينى چاغدا ئۇزۇن چاپان كىيگەنلەر تەرىپىدىن « قۇل مىجەز ئادەم » دەپ تەرىپلەنگەن ئاQ ھازىر خېلى يۈرەكلىك ، قەيسەر ئادەمگە ئۆزگەرگەن بولۇپ ، دەرسلەر خوش ياقمىغان كۈنى يۈرەكلىك ھالدا دەرسلەرگە قاتناشمايدىغان بولىۋالدى ...
مانا مۇشۇنداق ساناپ كەلسەك ئاQ دىكى ئۆزگىرىشلەر يەنە كۆپ ، لېكىن سانىغانلىرىمىزمۇ يېتەرلىك بولار . ئەلۋەتتە بۇنچە كۆپ ئۆزگىرىشلەر ئاQ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . لېكىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنى دائىم چاقىرىپ تەربىيە قىلىشلىرى ئاQ ئۈچۈن يامان بولدى . قىزىق ، مەدەنىيەت – سەۋىيىسى تۆۋەن ئاQ غا بۇنداق تەربىيەلەرنى قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى . ئاQ بۇ سەۋىيىسى بىلەن ئۇلارنىڭ تەربىيە قىلىپ قىلغان سۆزلىرىنىڭ تېگىگە قانداقمۇ يەتسۇن؟! شۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاQ غا قىلغان تەربىيىلىرى بىكارغا كەتتى . ئاQ مەكتەپتە يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرىۋەردى .
مەكتەپ رەھبەرلىكى ئاQدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ، ئۇنى ئاخىر ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى . بۇ چاغدا ئاQ نىڭ يۈرىكىنى قايغۇ – ھەسرەت قاپلىۋالدى . ئەمدى ئۇ 5 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتىدىن ، ھېلىقى «چوڭ سۈپەت» ئاغىنىلىرىدىن ئىشقىلىپ ھەممە ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى . ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۈمىد – ئىنتىلىشلىرى ، پۈتكۈل ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە پۈتكۈل ئىستىقبالى مانا شۇنىڭ بىلەن تۈتۈندەك توزۇپ كەتتى .
ئاQبۇ توغۇرلۇق قانچە ئويلىسا شۇنچە تېرىكەتتى . ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ ، ئاچچىغىدا ئادىتى بويىچە بېشىنى بىر سىلكىپ قاتتىق ۋارقىردى :
- خەپ ! پۈتكۈل كەلگۈلۈك ماڭا كېلىدىيۇ ، سەنلەرگە كەلمەيدىكەندە ؟! سەنلەرمۇ ھامان جاجاڭلارنى يەيسىلەر ! مەن مەكتەپ مۇدىرىغا سىلەرنى بىر چېقىپ قويايچۇ ... كۆرىمىز شۇچاغدا ، سىلەرمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلىپ پۈتكۈل ئۈمىد - ئىنتىلىشلىرىڭلار ، پۈتكۈل ئارزۇ – ئارمانلىرىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر ! - ئاQ نىڭ ئاۋازى قاتتىق چىقىپ كېتىپ ، مەكتەپنىڭ خېلى-خېلى يەرلىرىگىچە ئاڭلاندى بولغاي ، بۇ ئىشلارغا چېتىشلىقى بارلار قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كېتىشتى .