مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1906|ئىنكاس: 18

بىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشى(يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەۋجۇتلۇق)1-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تېگى پەس ئۆزگەرمىكى تەس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34511
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4426
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:57:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئامېرىكا چۈشى ئالدىدىكى دۇئا



ئامېركا چۈشىنىڭ مەندە داۋام سۈرىۋاتقىنىغا تۆت يىلغا بولاي دېگەن ۋاقىتلاردا بۇ ئوت باشتىكى بىر مەۋھۇم چۈشتىن ئاستا-ئاستا بىر رېئالىي چۈشكە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىىنى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىدە پۈتتى. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى چەتئەل چۈشى ۋە كىنولاردىكى تەسۋىرلەر قوشۇلۇپ مېنى بۇ قاينامغا قىزىقتۇراتتى ۋە ھەيرەتتە قالدۇراتتى. ئامېرىكىغا ماڭىدىغان كۈنۈم يېقىنلاشقانسىرى مەندىكى قىزىقىش يىراقلاپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر گۇمان پەيدا بولۇۋاتاتتى. مەن توغرا قىلىۋاتامدىم؟

   ھايات بەك قىسقا ئىدى، ئۆلۈم دەھشەت ئىدى قىيامەت قاتتىق ئىدى. مەن تەييارلىق قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، مەۋھۇم بىر كۈچ ماڭا يەلكەمدە بىر غايىپتىن كەلگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ۋە مېنى ئەنسىزلىككە سېلىپ قورقۇتۇپ قوياتتى. بارلىق ئىشلاردا بىرىنچى بولۇشنى قوغلىشىپ ئادەتلىنىپ قالغان مەندەك بىر ئادەم جەمەتىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىشنى خالاپ قالغان ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ قوينىدا پەپىلىنىپ چوڭ بولغان مەندەك بايقۇش بۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

      ئۆزۈمنى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن. گەرچە بەدىنىم ئاجىز ۋىجىك بولسىمۇ بىر يانماس ئەقىدە روھىمغا سىڭىپ گاللىرىمنى بوغۇپ قوياتتى. قىن-قىنىمغا پاتماي ئوينىغان يايرىغان ۋاقىتتا 10 مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاپنى، 1 مىلىيارت 500 مىلىيون مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەھشەتنى، 7 مىلىيارت ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىيامەتنى ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم. مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقام ئىدى. چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاجىزلىق ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئىكەنلىكىنى پات-پات ھېس قىلاتتىم، چۈنكى ئاجىزلىق مېنىڭ كۈچىيىشكە موھتاجلىقىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى. لېكىن ئۆلۈم دەھشەت ئىدى. ئەلبەتتە مەندەك بىر ئاجىز قىلىپ يارىتىلغان ئىنسان ئۆلۈمنىڭ ئازابىدىن، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قورقاتتى. چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

   ئونبەش ياش !  ئۆزۈمنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇراتتىم. ئۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلاتتىم. چۈنكى مەن بىر ئاجىز بايقۇش ئىدىم. گەرچە ھەممىمىز ئاجىز بولساقمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇنچىلىك بېسىم كەلمىگەن بولغاچقا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايتتى. پەقەت ئۆگىنىشنىڭ ۋەياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ غېمىدە ياشايتتى. لېكىن مەندەك بىر بايقۇش ئۆزىنىڭ دۇنياسى ئىچىدە ئېزىقىپ لەيلەپ بىچارە بولۇپ يۈرەتتى. ھېسىياتسىز مەخلۇق بولۇپ تېشىدا ھېچقانداق نەرسىنى بىلىندۈرمەيتتى لېكىن ئىچىدە بولسا ئالەمچە ئىشلار قاينايتتى.

   ئامېركا مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئەخلەت چېلىكىدەك، مەن پەقەت شۇلاردىن بىر نەپ ئىزدەش ئۈچۈن ماڭغاندەك ھېس قىلاتتىم. ۋەتەندىن چىقماي تۇرۇپ ۋەتەننىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ يوللارغا قاراپ-قاراپ تويمايتتىم. گەرچە ھەممە نەرسىلەر قېنىق گىرىم قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن مەنا ئىزدەپ ھاياتىمنى خوشال ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتىم. كىشىلەردىن نومۇس قىلاتتىم ئۆزۈمنى ئاشكارلىيالمايتتىم پەقەت ۋە پەقەت قەغەز ئىچىدە ياشاپ شۇنىڭ ئىچىدە بىر بايقۇش بولۇپ ئۆتەتتىم.


   ئامېركا  مېنى ھەر كويلارغا سالماقچى بولۇۋاتاتتى. بەزىدە قورقۇپمۇ قالاتتىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئاجىز كېلىپ قېلىشىمدىن، مىڭ جېنىمغا تېگىشكۈسىز بۈيۈك بايلىقىم بولغان ئېتىقادىم ۋە غايەمنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن قورقاتتىم . قىيىنچىلىق مېنىڭ نەزىرىدىمدە ئۆتكۈنچى نەرسە بولسىمۇ 8 يىلدىن كېيىن ئەخلەت دۆۋىسىدىكى ئەخلەت بولۇپ قېلىشىمدىن قورقاتتىم لېكىن تېخىمۇ قورقىدىغىنىم بولسا كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ئەخلەت بولۇپ قالغانلىقىمغا قاراپ پەخىرلىنىشى بولاتتى. ئۆزۈمنى ئۆزۈم قەلەملىرىمدە تاۋلاپ ئىرادەمنى سىنايتتىم چۈنكى مەن بىر ياراملىق ئامېرىلىكىق -يارىماس ئۇيغۇر بولۇش تەھدىدىدە ئىدىم. ھېسىياتلىرىم دەريادەك شاۋقۇنلاپ ئاقسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن پاكىز سۇلارنى تاپالماي قىينىلاتتىم شۇلارنىڭ ئىچىدىن جىمجىت مەنىلىك دېڭىز تاپالماي ئاۋارە بولاتتىم.


   دۇنيا. ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە، قۇدرىتىگە قاراپ  ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھەيران قالغان ھالدا چوڭقۇر ھىس قىلاتتىم. ساباھىدىن  ئاكامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆلۈمنىڭ ئىنسانغا ئىنتايىن يېقىنلىقىنى چۆچۈپ ئېسىمگە ئالغىنىمدا مېنى بىرسى ئاسماندىن چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەن بىر ئاجىز ئىدىم. چوڭ بولغۇم كېلەتتى ئاجىزلىقىمنى يوشۇرغۇم كېلەتتى لېكىن مەن قانچە يوشۇرغانسىرى ئۇ شۇنچە نامايەن بولۇپ مېنى ئەنسىزلىككە سالاتتى. ئاھ خۇدا بۇ ئازاپلارنى مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭدىن نېرى قىلغايسەن. مېنى زىيانكار بەندىلەردىن بولۇپ قېلىشنى ساقلىغايسەن...


مەن تىرىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەمەس ئۇ ماڭا موھتاج ئىدى. ئۇھ ھاراتتىم. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي خېلى ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۋېتەتتىم. ماشىنىنىڭ ماڭغان ئاۋازى مېنى چۆچۈتۈپ قەدىرلىك ئاكامنى ئەسلىتەتتى. ئېھ قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ ئاكامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغايسىز، قەبرە ئازابىدىن ساقلىغايسىز!


   ئامېركىدا ياشاپ قالمايمەن ۋە قالالمايمەن. چۈنكى مېنىڭ باغلانغان يىلتىزىم مېنى كېيىن كىندىگىمدىن سۆرەپ ۋەتەنگە تاشلىشى ئېنىق ئىدى. ئامېركىلىق بولۇپ قېلىشتىن قورقاتتىم يىرگىنەتتىم. چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئاللاھ ياخشى كۆرۈپ ھىدايەت قىلغان بۇ يۇرتنىڭ بىر ئادىمى بولۇپ ھېساپلانمايتتىم ۋە مەڭگۈلۈك ھىجراندا قالاتتىم. نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارىم يوقاپ ئۇنىڭ ئورنىغا شەخسىيەتچىلىكىم ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم ئالمىشاتتى چۈنكى مەن ئۆيۈمدىكى شۇ ھالىتىمنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالاتتىم. ۋە ئەنسىرەيتتىم. بەزىدە قەلەمنىڭ قۇدرىتىگە ھەيران قالىمەن چۈنكى ئۇ نى-نى ئىشلارنى يېزىپ ھېسىياتلارنى تۆكۈپ يەنە شۇ پېتى تۇراتتى، ھارمايتتى. ئادەملەردىن يىراقلاشنى ئىستىگەن ۋاقىتلىرىم مېنى ئەڭ ئەنسىزلىككە سالاتتى چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى.


      ئۇلۇغ ئاللاھىم، مېنى مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئارىسىدا قىلىپ ياراتقىنىڭىزغا چەكسىز شۈكرى قىلىمەن، سىز ۋە يۇرتى ئۈچۈن بۇرچ ئۈستىگە ئالالمايدىغان ياكى ئېلىشنى خالىمايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغايسىز.

    تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىم قاياتتى ۋە چۆچۈيتتى سەۋەبىنى بىلىشكە قىزىقمايمەن چۈنكى مەن ئامېرىكىغا مېڭىۋاتاتتىم. گاھىدا بۇنداق ۋاپاسىز دۆلەتتە ئوقۇپ قېلىش مەندەك بىر بايقۇش ئۈچۈن زۇلۇم ئېلىپ كېلىشىدىن قورقۇپ قالاتتىم چۈنكى مەن بەك ئاجىز ئىدىم. ئاجىزلىقىم مېنىڭ ئارتۇقچىلىقمنى ئاچاتتى ۋە ماختىناتتىم چۈنكى مەن شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. كەلگۈسى مەن ئۈچۈن بىر سوقۇپ تۇرىۋاتقان يۈرەكنى ئەسلىتەتتى. ۋۇجۇدۇمدا نىشانلىق ئېقىپ يۈرگەن قانلىرىم ئالدىدا مېنىڭ ئامېركىدا تۇرۇپ قېلىشىم يۈزسىزلىك قىلغىنىم بىلەن باراۋەر ئىدى چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. تېشىپ تېشىپ سوقۇۋاتقان تومۇرلىرىم ماڭا ئاتامنىڭ چوڭ چوڭ بىلەكلىرىنى ئەسلىتەتتى چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم، قويدەك نىشانسىز بولۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان مەندەك بىر بايقۇش ئالدىدا كىشىلەرنىڭ مەقسىتى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مەن ئادالەت ۋە ناھەق ئالدىدا تۆكۈلگەن قانلارغا شاھىت بولماقچى ئىدىم. چۈنكى مەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ 100 يىل ئىچىدە مۇقەررەر ئۆلمەكچى ئىدىم. . شۇ ۋاقىتقىچە ياخشى ياشاش مېنىڭ بۇرچۇم ئىدى لېكىن ئۇ بۇرچنى ئادا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتىم چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاللاھ خالىسا بىھۇدە ئۆلۈمدىن ئېھتىيات قىلىپ يەلكەمدىكى ۋەزىپە شۇ كۈچنى قانائەت تاپقۇزۇپ ئۆلۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. چۈنكى بۇ غايە مېنى ياشىغۇزۋاتقان بىردىنبىر نەرسە ئىدى.


   ئېھ ئاللاھىم، ئەگەر ئامېركىغا بېرىش ئىشلىرىم قىيامەتلىگىم ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلەلىسە مېنى شۇ يەردىكى ئازاپلارغا بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچ بىلەن يولغا سالغايسىز، بولمىسا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يولۇمنى ئەتكەيسىز ئامىن!

مەنبە؛ئوكيان تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 01:14 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzumtal + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nasrulla + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84011
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:30:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېھ ئاللاھىم، ئەگەر ئامېركىغا بېرىش ئىشلىرىم قىيامەتلىگىم ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلەلىسە مېنى شۇ يەردىكى ئازاپلارغا بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچ بىلەن يولغا سالغايسىز، بولمىسا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يولۇمنى ئەتكەيسىز ئامىن!

قوللايمەن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12643
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىدىن قۇرىقماڭ ،كۈرۈنۈشتە  قۇرقۇنۇچلۇق ئامرىكا  ئەمەلىيەتتە  مىھرىبان ئەمەر  ئاكا  

TOM-AND-JERRY

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1702
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14111
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 03:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تىماغا قارىتا دانىشمەنلەر نىمە دىسە دىسۇن . ئاپتۇرنىڭ تەپەككۇر كۈچىگە ھەقىقتەن قايىل بولدۇم. خۇددى تىمىدىكى بايانلار ھوللىۋۇتنىڭ كىنولىردىكى قانتازىيەلىك قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئىغىزىدىن چىققاندەك شۇنداق تەسىر قلىش كۈچى شۇنداق كۈچلۈك ،ھەر بىر سۆزلىرى شۇنداق يۇمشاق  . ھەر جۇملە شۇنداق مەردانە تەسىر بىردىكەن .  

    بولۇپمۇ تۆۋەندىكى جۇملىلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى .

   ......... ھايات بەك قىسقا ئىدى، ئۆلۈم دەھشەت ئىدى قىيامەت قاتتىق ئىدى. مەن تەييارلىق قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، مەۋھۇم بىر كۈچ ماڭا يەلكەمدە بىر غايىپتىن كەلگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ۋە مېنى ئەنسىزلىككە سېلىپ قورقۇتۇپ قوياتتى. بارلىق ئىشلاردا بىرىنچى بولۇشنى قوغلىشىپ ئادەتلىنىپ قالغان مەندەك بىر ئادەم جەمەتىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىشنى خالاپ قالغان ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ قوينىدا پەپىلىنىپ چوڭ بولغان مەندەك بايقۇش بۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

  يۇقارقى قۇردا ئاپتۇر ،ھەممىزنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان بىر خىل روھى ئاجىزلىقىنى شۇنداق ئوچۇق ۋە روشەن ئىپادىلەپ بىرىش بىلەن بىرگە ھەممىمىزنىڭ بۇ خىل روھى كىشەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر دائىم پۇرسەت يوق .يالغۇز مەنلا ئەمەس ...دىگەندەك ساختا ئۆزىمىزنى قوغداش كۈنلىگى ئارقىلىق ئۆز روھىيتىمىزنى چىرىتىپ قويماستىن . بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تىزدىن ھەركەت قىلىشمىز توغۇرسىدا ياخشى بولغان بىر پىكىرنى بىزلەرگە سۇنۇپتۇ .

     ............گەرچە ھەممىمىز ئاجىز بولساقمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇنچىلىك بېسىم كەلمىگەن بولغاچقا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايتتى. پەقەت ئۆگىنىشنىڭ ۋەياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ غېمىدە ياشايتتى. لېكىن مەندەك بىر بايقۇش ئۆزىنىڭ دۇنياسى ئىچىدە ئېزىقىپ لەيلەپ بىچارە بولۇپ يۈرەتتى. ھېسىياتسىز مەخلۇق بولۇپ تېشىدا ھېچقانداق نەرسىنى بىلىندۈرمەيتتى لېكىن ئىچىدە بولسا ئالەمچە ئىشلار قاينايتتى.

   بۇ زامانغا بىقىپ ئىش تۇتۇش كىسلى يۇقۇپ قالغان بىزدەكلەرگە قاتتىق بىر قامچا بولۇپتۇ .

   ..........ئۆزۈمنى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن. گەرچە بەدىنىم ئاجىز ۋىجىك بولسىمۇ بىر يانماس ئەقىدە روھىمغا سىڭىپ گاللىرىمنى بوغۇپ قوياتتى. قىن-قىنىمغا پاتماي ئوينىغان يايرىغان ۋاقىتتا 10 مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاپنى، 1 مىلىيارت 500 مىلىيون مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەھشەتنى، 7 مىلىيارت ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىيامەتنى ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم. مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقام ئىدى. چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاجىزلىق ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئىكەنلىكىنى پات-پات ھېس قىلاتتىم، چۈنكى ئاجىزلىق مېنىڭ كۈچىيىشكە موھتاجلىقىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى. لېكىن ئۆلۈم دەھشەت ئىدى. ئەلبەتتە مەندەك بىر ئاجىز قىلىپ يارىتىلغان ئىنسان ئۆلۈمنىڭ ئازابىدىن، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قورقاتتى. چۈنكى ئۇ ئاجىز ئىدى.

   يۇقارقى جۇملىدە كىمكى ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمۈت ئۈزىدىكەن . ئۇ كىشى شەرتسىز كافىر دىگەن ئەقىدىنى ئاغزىدا ۋە قەلبىدە كۆتۇرپ يۈرگەن نەچچە مىلىيۇن مۇسۇلمان قەۋىمنىڭ بۇگۈنكى كۈندە  تاش بىلەن تۇخۇم تەڭ بولغان نەدە بار دىگەن شۇئار ئاستىدا ، ياۋغا مەڭگۈغ يىڭىلمەس شەرەپكە باشلايدىغان نۇرلۇق مەشئەل قۇرئان كەرىمنى بىشىدىن ئىگىز كۆتۇرۇپ تۇرۇپ. ئى ئاللاھىم دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز بىقۇۋۇل بەندەڭ يەر شارىدا بار .يارىمىڭنى بىزلەرگە تۆكسەڭ دەپ قويۇپ ، ئاللاھ سەۋەپنى چامىڭلارنىڭ يىتىشچە پۇتكۇزۇڭلار ،ئاندىن غەلبە بايرىقىنى سىللەرنىڭ قولۇڭلارغا تۇتقۇزىمەن دىسە ۋاي ئاللاھىم بۇگۈنكى كۈندە  تاش بىلەن تۇخۇم تەڭ بولغان نەدە بار دەپ ئاللاھنىڭ ،ئۆزلىرىگە زۇلۇم سىلىۋاتقان دۇشمەنىلرىگە قارتا ئاسماندىن تاش ،مۆلدۇر ياغدۇرۇپ ھالەك قىلىپ بىرىشنى كۈتۈپ جەينامازادا قان-قان .خۇن-خۇن يىغلاۋاتقان تىرىكتاپلارغا قارتا بىر ئويلىنىش بولۇپتۇ .

ن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مەن ئادالەت ۋە ناھەق ئالدىدا تۆكۈلگەن قانلارغا شاھىت بولماقچى ئىدىم. چۈنكى مەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ 100 يىل ئىچىدە مۇقەررەر ئۆلمەكچى ئىدىم. . شۇ ۋاقىتقىچە ياخشى ياشاش مېنىڭ بۇرچۇم ئىدى لېكىن ئۇ بۇرچنى ئادا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتىم چۈنكى مەن ئاجىز ئىدىم. ئاللاھ خالىسا بىھۇدە ئۆلۈمدىن ئېھتىيات قىلىپ يەلكەمدىكى ۋەزىپە شۇ كۈچنى قانائەت تاپقۇزۇپ ئۆلۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. چۈنكى بۇ غايە مېنى ياشىغۇزۋاتقان بىردىنبىر نەرسە ئىدى.

   ئاپتۇر ھەقىققەتەن توغرا ئىيتىدۇ . بىز بۇ ئالەمگە بىرلا قىتىم كىلمىز . شۇنداقكەن بۇ ھاياتىمىزغا يۈز كىلەلىگۈدەك شەرەپلىك ياشىمەك بىزلەرگە پەرىزدۇر .

    تىمىنى  قايتا-قايتا ئوقۇۋەتتىم .ئاپتۇرنىڭ بىزگە سۇنغان بۇ سوۋغىسىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت . ئاپتۇرنى ئاللاھ مۇرات مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 03:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82139
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5191
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 04:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alwasti1 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-23 01:30 PM
قوللايمەن.

مەنمۇ قوللايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 05:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاغا ئامانەت

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2318
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 05:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ئېگىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئىسمى كۇرشات، قارلۇق جەمەتىدىن. يەنى قارلۇق شىركىتىنى قۇرغان پەخىردىن قارلۇققا تۇققان كېلىدۇ. مۇشۇ يىل ئامىرىكىغا ئوقۇشقا ئۆزى يالغۇز كەتتى. ئۆزى ئىرادىلىك بالا.
http://guduk.com/1390 مانا بۇ ئۇنىڭ گۈدۈك مىكرو بىلوگدىكى ئادىرسى، ئەگىشىپ گەپلىرىنى تىڭشاپ قويارسىلەر، نامىزىڭلاردا شۇ ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويارسىلەر.
بۇ ئۇنىڭ سەپەر خاتىرىسىنىڭ 1-قىسمى، قالغان قىسىملىرى ئوكيان تورىدا بار. ئېرىنمەي چىقىپ كۆرۈپ بېقىڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63656
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 07:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى مەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ 100 يىل ئىچىدە مۇقەررەر ئۆلمەكچى ئىدىم. . شۇ ۋاقىتقىچە ياخشى ياشاش مېنىڭ بۇرچۇم ئىدى .


زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 666 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:21:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-23 05:49 PM
ئەسەر ئېگىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئىسمى كۇرشات، قارلۇق  ...

ھە  ئەسلى  كۇرشات ئۇكامكەندە  .،.،.،ھەنىم  بولسا  ئاخىرى  ماڭىدىغان  بوپتۇ  .،.،
ئاللاھ  ئىگەم  ئىشلىرنى  ئاسان  قىلسۇن  بۇ  ئەقىللىق  ئۇكامنىڭ  ،.،.،

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش