مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 3

ياخشىلارغا ئىزگۈ تىلەك ،خالىس دۇئالار بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63656
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 10:42:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداش تۆۋەندىكى ھېكايىمىزدىكىسى ھالال مېھنىتى بىلەن ياشاۋاتقان مىليونلىغان  ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىز ئىچىدىكى بىرسى بولمىش خوتەن ناھىيە لاڭۋۇر يېزىسىدىكى دېھقان مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن ھەققىدە توختىلىمىز .         
بۇ يىل رامزاندا چوڭ ئانامنى كېرىيەدىن خوتەنگە ئاپىرىپ «يېڭى ھايات دوختۇرخانىسى»دا
بىرەر ئايدەك داۋالاتتۇق .دادام بۇ جەرياندا خوتەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ خېلى مول تەسىراتقا ئىگە بوپتۇ.دوختۇرخانىدا بىر ياتاقتا ياتقان كىشىلەر بىلەن ئەھۋاللىشىش جەريانىدا، خوتەن ناھىيسىنىڭ لاڭۋۇر يېزىسىدىن ئايالىنى داۋالاتقىلى كەلگەن، مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن بىلەن پاراڭلىشىپ ،ئۇ كىشىنىڭمۇ يەر تېرىپ ئۆيدىكىلەرنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ .دەپ بېرىشىچە ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا مەھەللىسىدىكىلەرگە ئوخشاش قاشتېشى قىزغىنلىقى بىلەن ،خۇرجۇنغا ناننى سېلىپ،« ھەممە ئىشنى اللەغا قاپ( تەۋەككۇل قىلىپ)، ئۆيدىكى ناننى بالىلارغاقاپ(قويۇپ)»قارىقاش، يورۇڭقاش دەريالىرىدا قاشتاش ئىزدەشكە ئاتلىنىپتۇ.ئىككى يىلدەك ۋاقىت دەريا سۈيىدە  نان ئىۋىتىپ يەپ دىگۈدەك ئۆتۈپتۇ ،بىر ئىشىكىنى چېكىۋەرسەڭ ھامان ئېچىلىدۇ دىگەندەك ،بىر كۈنلەردە اللە «ئال قۇلۇم!» دەپتۇ- دە  بۇ كىشى بىر مىليون 300مىڭنىڭ ئىگىسى بولۇپ قاپتۇ
.ئىش  شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپتۇ.پۇل يانچۇققا كىردىمۇ بولدى ،ھاۋايى ھەۋەسمۇ تەڭ  كىرىپتۇ ،بىر ئويناپ- كۈلگۈسى كەپتۇيۇ،«ياق توختا بۇنى اللە بەردى ،بۇنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلاي ، ھەم بۇ ئارتۇقچە ھاۋايى- ھەۋەسلەردىن قۇتۇلاي» دەپ ئويلاپتۇ.
لاڭۋۇر يېزىسى «ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئىشائاتى تۈگۈنى»نىڭ ئاستى تەرىپىگە جايلاشقان، ئوتتۇرىسىدىن ،  قارىقاش دەرياسى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ مەنزىرىسى خېلىلا گۈزەل ،ئادەملىرى ئوچۇق -يورۇق مېھماندوست  بىر يۇرت.   
مۇھەممەدئىمىن ئاخۇن گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ -«يېزىمىزدىن كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا تار ھەم چوڭقۇر بولغاچقا ،قىشتىن باشقا كۈنلەردە دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى تونۇش بىلىشلەنىڭكىگە بارماقچى بولساق ،يېزىنىڭ ئايىغىدىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە،45 كىلومېتىردەك يول مېڭىشىمىزغا توغرا كېلەتتى .شۇڭا دەريا بىر كۆۋرۈك سېلىشقا بەل باغلىدىم .يۇرتداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەنتوم پولات ئارغامچىدا بىر ئاسما كۆۋرۈك سېلىۋالدۇق ،ھازىر پىيادىلىكلەر،مال-چارۋىلار ،يېنىك تىپتىكى قاتناشلار بىمالال ئۆتەلەيدۇ ،بۇنىڭغا ئالدى كەينى بولاپ 900مىڭدەك كەتتى
  يانچۇقتىكى ئاشقان پۇل يەنە ئۇخلاتماپتۇ.قارىسا كۈندە بەش ۋاق ياراتقۇچىغا سېغىنىدىغان ،مەھەللىدىكى مەسچىت كونىراپ قالغان ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ رازىلىقى، ياردىمى بىلەن چىرايلىق بىر مەسچىت پۈتۈپتۇ ،ھەممە خۇش بولۇشۇپتۇ.
ئوقۇرمەن بەلكىم سىز « نىمانچە تۈگىمەيدىغان پۇلدۇ بۇ؟! »دەيدىغانسىز ،ئۆزى خەجلىمىگەنمىدۇ دەپ سورارسىز ،اللە بەرىكىتىنى بەرسەشۇنداق تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ.  
     مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن قارىسا يەنە يانچۇقتا ئىككى ئۈچ يۈزمىڭدەك تۇرغان شۇنىڭ بىلەن دەريانى بويلاپ يېزىسىنى كېزىش جەريانىدا، ئادەم ئاتىنىڭ كەسپى بولمىش- يەر ئېچىپ كۆكەرتىش ،  ،،ئۇچار قۇش ،جانلىقلارغا ئوزۇق ئاشلىق تېرىش قارارىغا كەپتۇ.توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى،ئېكىسكېۋاتورلارنى ئىشقا سېلىپ 300 مودىن جىقراق يەر ئېچىپتۇ .ئىككىنچى يىلى ك كەلكۈن بىرەر يۈز مودەك يەرنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ .«بەرگۈچىمۇ اللە ،ئالغۇچىمۇ اللە»دەپ قىلچە مەيۈسلەنمەي، قېپقالغان ئككى يۈز مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى قويۇپتۇ .ياڭاقنىڭ ئارىلىقىدىكى بوش يەرلەرنى مەھەللىدىكى قولۇم خوشنىلارغا ،يېرى ئاز كىشىلەرگە مۇت تېرىۋېلىشغا بېرىپتۇ .ھازىر شۇ
باغلىرىنى يۇرتداشلىرىغا قاراپ قويۇشقا تاشلاپ ،ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىۋېتىپتۇ.

كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن كېرىيە ۋە خوتەندە سەۋەب قىلىپ تاپقان بايلىقتىن ئۆزىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقانلار،ئىلىم يولىدا ئەزىيەت تارتىۋاتقانلارغا يارد بېرىۋاتقانلار خېلىلا كۆپ ،ئىشىنىمەن باشقا يۇرتلىرىمىزدىمۇ بۇنداق ئۈن-تىنسىز ياخشىلىق ياغدۇرۇۋاتقانلار خېلىلا كۆپ.
ئۈمىدىم :بۇنداق ياخشىلىق ساھىبلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام بەرسەك ،دۇئالىرىمىزدا ياد ئەتسەك ،ھەم ئۆزىمىزمۇ خۇدا خالىسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ شۇنداق قىلسام قىلالىسام دىگەن نىيەتتە ياشىساق .

مەنبە: دادامدىن ئاڭلىغانلىرىم + ئۈمىد-ئارمانلىرىم                                                            


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 12:09 PM  


شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن ، ھەقىقەتەن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىپتۇ ...

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 09:13:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-9-23 03:53 PM
ئاپىرىن !   شۇ كىشىگە ھەقىقەتەن بەكلا مەسلىگىم كەلدى ۋ ...

پىكىر ئورۇنلۇق،دەلىللەر يىتەرلىك.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84867
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-9-8
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يۇللاپسىز!  رەخمەت سىزگە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش