|
|
|
|
9-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغانلارغا ...
يېڭى بىر كۈن باشلاندى . مانا بۈگۈنكى كۈندە مەن توپتوغرا 19 ياشقا كىردىم . شۇ تاپتا مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن دادام - ئاپامنىڭ مەڭزىگە يېنىككىنە سۆيۈپ ، مېنى بۇ يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ، ئاسراپ باققان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، مەن قىلالمىدىم ، پەقەت تورلاشقان دەۋرنىڭ پايدىسى بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىقلا رەھمەت دىيەلىدىم .
قەدىرلىك دادا ، ئاپا ، مېنى تۇغقان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
خىيال كەپتەرلىرىم مېنى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ ماڭماقتا . ئېگىز بىپايان ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتىمەن . كەينىمگە قاراپ كۆردۈمكى ئىڭگىرىكى مەن ئەمدىلا تەمتىلەپ ماڭغان بولسام كېرەك ، ئىككى چامدام مېڭىپ بىر يىقىلاتتىم ... ئاپامنىڭ قولىنى تۇتقىنىمچە ، بوغچامنى ئېسىپ قىن - قېنىمغا پاتمىغان ھالدا مەكتەپكە باردىم . ئەنە پىئونېر بوپتىمەن . تەقدىرنامىلەرنى ئالدىم ، دادام ، ئاپامنىڭ مەڭزىدە تەبەسسۇم چاقنىدى . تۇلۇقسىزغىمۇ چىقتىم ، بۇ مەزگىلدە پىسخىك جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدىم ، ئەمما يانىلا تىرىشچانلىق بىلەن يېڭىپ چىقتىم . مانا كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلا تۇلۇققىمۇ چىقتىم . مانا شۇنداق ياشلىقنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ھېسسىياتىم ئەقلىمنى بېسىپ چۈشتى بولغاي ، بىر مەزگىل ھېسسىياتقا قۇللۇق قىلدىم ، ئاللاھنىڭ يېقىن كۆرىشى بىلەن ئەقلىمنى تاپتىمدە ، قۇللۇق مەزگىلىدىن قايتىپ چىقتىم . دەل شۇ ۋاقىتتا " نەپرەت " ۋە " پۇشايمان " دېگەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك ھېس قىلدىمدە ، " نەپرەت " نى قايرىپ قۇيۇپ ، " پۇشايمان " غا كۈچۈمنىڭ بارىچە دورا ئىزدىدىم ، ئەپسۇس مەغلۇپ بولدۇم . ئاشۇ مەزگىلدە كەرەملىك ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن يېڭى ھاياتلىقنى باشلىدىم . يېپيىڭى بىر تۇرمۇشقا قەدەم باستىم . ئىلگىرى جاپا ھېس قىلغان ئىشلىرىم بۇ يېڭى تۇرمۇش مۇھىتى ئالدىدا ھېچقانچە ئەمەس ئىدى . ئەمما يېڭى تۇرمۇشۇم سەۋەبلىك ئۇرۇق - تۇغقان . قولۇم - قوشنا ، دوست - بۇرادەر، ئۇستازلىرىمنىڭ سۆز - چۆچەك ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ " ئەخمەق " ئاتالدىم . ئەنە شۇ چاغدىكى يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشىۋاتقان كۆز يېشىم ئەمەس بەلكى يۈرىكىمدىن تامچىۋاتقان يېشىمغا " سەۋر " بىردىنبىر تەسەللي بەرگۈچى بولدى .شۇندىن باشلاپ بىرىنچى بۇلۇپ ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلىدىم ، ئىككىنچىدىن " سەۋر " نى يېقىن ھەمراھ قىلىپ تاللاپ ، بۇ ھەمشىرىلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن ھەممىنى يېڭىپ چىقتىم - دە ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ دۇنياغا قەدەم بېسىپ " غەم " دېگەن نەرسىنى چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . كۈنلىرىمنىڭ بۈگۈنى ئەتىنى غەم قىلىش يەنى ئەتە قانچىلىك نەرسە ئۆگىنەرمەن بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ . شۇنداقتىمۇ مەن ھەقىقىي بىر ئۇيغۇرغا يىلتىزىدىن ئېيتقاندا ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس بولغان بۇ تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن .
مەن بۈگۈن ھەقىقەتەن خۇشال .
كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھقا كۆپ تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن ! مېنى مۇشۇنچىلىك بەخىتكە ، ئەقىلگە ئىگە قىلغان ، ھىدايەت ۋە قايتا ئۆزۈمنى تۇنۇش پۇرسىتى بەرگەن رەببىمگە ھەمدۇسانالار ئېيتىمەن !
ئەي ، مېھرىبان ئاللاھ ! ئاجىز بەندىلىرىڭىزنىڭ كۈنلىرىنى بەرىكەتلىك ،ئىلمىنى چوڭقۇر ، ئىمان - ئېتىقادىنى تېخىمۇكۈچلۈك قىلغايسىز ... !
مۇنبەردىكى 9.23 - كۈنى تۇغۇلغان مۇنبەرداشلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى تاپتىم :
ark_zat .jasus . tatlik. hanturk . kanji@Izalinix . munjiya . vvvvv .mardan155 . yasinpiqan . xaxaxa . sarsanyok . huxnigar .talat0007 .kaharquja . mg20090403 . 13709989401 . tarzan001 . ahsabaywatqa . 923bahtim . faiza@ . ilbasar . gulgi . uyghur46 . mirbangul . adrgul . 992233 . soydu . abdu-kahar . gurorluk . xohlar . carcankunlar . taryol . sawda923 . jahan.kazdi . naxtarparyad . san-siz.g . baby . manapxa . milriban . gulnar1001 . horlika . omak1 . ~razi . manzura-ay . dargux . arkinjuma . rixtamuqur . albax . dilnazay
ھەممىڭلارنىڭ ئاتا - ئاناڭلارنىڭ سىلەرنى تۇغقان بەرىكەتلىك كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ! تېنى سالامەت بولسۇن .... !
ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا كىچىكلىك بىلەن شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇكى : تۇغۇلغان كۈنۈم دەپ ياۋروپالىشپ سورۇن تۇزۇپ شام پۈۋلىمەي ، ئاتا - ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلايلى ، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى !
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك يار بولسۇن !
[/audio]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 10:05 AM
|
|
|
|
|
|