مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 0

تاشقى سودىدا پۇل تۆلەش شەكلى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85043
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-9-14
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 11:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


WESTERN UNION


خەلقئارادا ئېنگلىزچە western union دەپ ئاتىلىدىغان، خەنزۇچە xilian ) 西联 ) ، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىلىشى بولسا «شىلىيەن تاشقى پېرىۋوتى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، مەركىزى ئامېرىكىدا بولغان، مەشغۇلاتى ئىنتايىن ئاددىي بولغان بىر خىل پۇل سېلىش-تاپشۇرىۋېلىش سېستىمىسى.

بۇ سېستىما دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بانكىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دۆلەتلەر ئارا پۇل سېلىش-تاپشۇرىۋېلىش ئىشلىرىنى ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىپ، زور دەرىجىدە قۇلايلىق ياراتقان. نەتىجىدە ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە شەھەر مەركىزىنى قويۇپ تۇرۇپ، سەھرادىكى بىر بانكىغا بارسىمۇ  بۇ سېستىما ئارقىلىق باشقا بىر دۆلەتكە پۇل سېلىش، باشقا دۆلەتتىن پۇل قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى بىر قانچە مىنۇتتىلا ھەل قىلىشتەك دەرىجىگە يەتكەن. نۆۋەتتە بۇ سېستىما ساياھەتچىلەر، چەتئەلدە ئىشلەيدىغانلار، ئوقۇيدىغانلار، چەتئەلدە تۇققىنى بارلار… قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق پۇل سېلىش-تاپشۇرىۋېلىش ئۇسۇلىغا ئايلانماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت تاشقى سودا ساھەسىدىمۇ مەلۇم كىشىلەر بۇ سېستىما ئارقىلىق پۇل تۆلەش-تاپشۇرىۋېلىش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇئۇسۇلنى ئادەتتە بۇرۇن تىجارەت قىلىشىپ باققان، ياخشى تونۇشىدىغان، ئىشەنچ قىلالايدىغان كىشىلەر بىر قەدەر كۆپراق ئىشلىتىدۇ.

پۇل سېلىش-ئېلىش جەريانى:

پۇل سېلىش- بۇ مۇلازىمەتنى بىجىرىدىغان بانكىغا بېرىپ، بىر ۋاراق «پۇل سېلىش» دىگەن تالوننى ئېلىپ، پۇلنى تاپشۇرىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەت، پۇل تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، سالماقچى بولغان پۇلنىڭ سوممىسى ۋە پۇل بىرلىكىنى( ئادەتتە دوللار ياكى ياۋرو)، ئۆزىمىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، كىملىك نۇمۇرىمىزنى، ئادرېسىمىزنى، تېلېفۇن نۇمىرىمىزنى يېزىپ، بانكا مۇلازىمەتچى خادىمىغا بەرسەك، مۇلازىمەتچى ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ بولغاندا ئاپتوماتىك ھالدا  10 خانىلىق مەخپىي نومۇر چىقىدۇ ۋە ئۇنى سىزگە بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇلنى ئوڭۇشلۇق سالغان بولىمىز. (كىملىك ياكى پاسپورت ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ). ئاندىن پۇلنى تاپشۇرىۋالماقچى بولغان كىشىگە 10 خانىلىق مەخپىي نومۇرنى، سېلىنغان پۇل سوممىسى ۋە بىرلىكىنى، ئىسىم-فامىلىمىزنى، پۇل سالغان دۆلەت ۋە شەھەرنى توغرا دەپ بىرىمىز.

پۇل تاپشۇرىۋېلىش- بۇ مۇلازىمەتنى بىجىرىدىغان بانكىغا بېرىپ، بىر ۋاراق «پۇل تاپشۇرىۋېلىش» دىگەن تالوننى ئېلىپ، پۇل سالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، پۇل سېلىنغان دۆلەت-شەھەر، 10 خانىلىق مەخپىي نومۇر، ئالىدىغان پۇل سوممىسى ۋە بىرلىكى، ئىسىم-فامىلىمىز، ئادرېسىمىز، تېلېفۇن نۇمىرىمىزنى توشقۇزۇپ، كىملىك ياكى پاسپورتىمىز بىلەن بانكا مۇلازىمەتچى خادىمىغا بەرسەك، ئۇچۇرلار توغرا بولسائەسلى پۇل بىرلىكى(دوللار ياكى ياۋرو) بويىچە ياكى شۇ دۆلەتنىڭ يەرلىك پۇلىغا سۇندۇرۇپ پۇلنى بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇل تاپشۇرىۋېلىش غەلبىلىك ئاياغلىشىدۇ. (كىملىك ياكى پاسپورت ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ)

ئالاھىدىلىكى: پۇل سېلىش-قوبۇل قىلىش مەشغۇلاتى ئىنتايىن قۇلايلىق، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ھەمكارلاشقۇچى بانكىلىرى بار.

كەمچىلىكى: مۇلازىمەت ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى (جۇڭگودا خېلىلا تۆۋەن)، پۇل سوممىسى چەكلىمىسى بار،


ئىستانبۇل


ھېيتگاھ تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزى


www.uyghuristanbul.com






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   heytgah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 11:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uysoda + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش