باشقا دۆلەتتىكىلەرگە ئوخشاش رايونىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان كەشپىياتچىلار، پاتېنت ھوقوقىغا ئېرشكەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەبلىغى بولغان ئەمما قەيەرگە مەبلەغ سېلىشنى بىلەلمەيۋاتقان بايلارمۇ نۇرغۇن.
لىكىن نېمىشقا ھازىرغىچە بۇ ئىككى تۈر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ؟؟؟ ھەر ئىككىسى پىلانلىرىنى يېنىدىكى بىر-ئىككى كىشىگە ئېيتىپ، مەبلەغ سالغۇچى تاپالمىدىم ياكى ياخشى بىر پۇل تاپىدىغان ئىش تاپقىلى بولمىدى دەپ، قانداق قىلىشنى پەقەت ئىچىدىلا ئويلىنىپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ ياكى ئىككىسى ئۇچرىشىپ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەمدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇلار قەيەردە ئۇچرىشىدۇ؟ ئاشخانىدىمۇ ياكى ساتىراچخانىدىمۇ؟
ئۇنداقتا بىزدە بولغان بۇ مەسىلە باشقىلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟ ئۇلار قانداق قىلغاندۇ؟
خەلقئارادا world business angless association (دۇنيا سودا پەرىشتىلىرى جەمئىيىتى)، قىسقارتىلىپ (WBAA) دەپ ئاتىلىدىغان بىر جەمئىيەت بار بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەمكارلاشقۇچى ئەزا جەمئىيەتلىرى بار. دۇنيادىكى مۇشۇنداق بىرەر ياخشى ئىش تۈرى بولغان ئەمما پۇلىسى بولمىغان ياكى پۇلىسى بولغان ئەمما مەبلەغ سالىدىغان تۈر ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇنىڭ جەريانى مۇنداق: ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بار بولغان ياكى پۇلى بولغان كىشىلەر بۇ جەمئىيەتلەرگە بېرىپ ياكى ئېنتېرنېت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويلىرىنى ياكى قانچىلىك مەبلەغ سالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ جەمئىيەت قەرەللىك دۆلەت، قىتئە، دۇنيا خاراكتىرلىك يېغىن ئويۇشتۇرۇپ، پۇل تېپىش تۈرى بولغانلار بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ ئۇچراشتۇرىدۇ. يېغىندا پۇل تېپىش تۈرى بولغانلار ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى، كېتىدىغان مەبلەغ، پايدىسى، چىقىمى… قاتارلىقلارنى ياكى يېڭىچە ئويلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئىختىيارى سوئال سورايدۇ، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىرەرسىگە ياراپ قالسا، ئىككى تەرەپ توختام تۈزۈپ ئىشىنى باشلايدۇ. بۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلار angel investor (پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تۈردىكى يېغىنلارنىڭ ئەمىلىي ئۈنۈمى ئىنتايىن زور بولۇپ، ھەممە ئىش ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ، يەنى پۇل تېپىش تۈرى بار بولغانلار ئۆزىگە يارىغان مەبلەغ سالغۇچىنى تاللاپ ھەمكارلىشىدۇ. پۇل تېپىش تۈرى بار بولغانلار بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەرت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېنىق سۆزلىشىدۇ، ھەريىلى نۇرغۇنلىغان تۈرلەر مۇشۇنداق يېغىنلاردا ئەمىلىيلىشىدۇ.
رايونىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى پۇل تېپىش تۈرى بار بولغانلار ئۆزى ئېنگلىزچە بىلمىسە بىلىدىغانلارغا يازغۇزۇپ، بولمىسا ئۆزى ئۆگىنىپ تور بەت ئادرېسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ ئەۋەتسىلا ئىش پۈتتى، مۇشۇنچىلىك ئاددىي. ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى ئېچىلماقچى بولغان يېغىنلاردىن سىزنى خەۋەردار قىلىدۇ، شۇ يېغىنلارغا قاتنىشىپ ھەمكارلاشقۇچىڭىزنى تاپسىڭىز بولىدۇ. خەلقئارالىق يېڭى تۈرلەر ۋە بايلار سىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ…
ئەمدى يەنە چىقىدىغان سوئال رايونىمىزدىكى ئېنگلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ جىقلىقىدا ئېنگلىزتىلى بىلىدىغان ئادەم تاپالمىدۇق-دىگەن ئۆزىنى ئالداش جاۋابى بولۇشى مۇمكىن. لىكىن بۇ قېتىم ئامال يوق، بۇ جەمئىيەتنىڭ جۇڭگودىكى ئەزا جەمئىيىتى 中华天使投资协会 (جۇڭخۇا پەرىشتە مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتى)، قىسقارتىلىپ (CBAA) غا تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدى باھانە قالمىغاندۇ؟؟؟
يېقىندا ئۈرۈمچىدە مىللىي سودا ئويۇشمىسى قۇرۇلدى، بۇلارمۇ بۇ خەلقئارالىق جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ، بۇ خىل تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئەقىللىق كىشىلىرىمىزدىن خەلقئارا دەرىجىدىكى ياخشى تۈرلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز. ھەممىڭلارغا غەلبە يار بولسۇن!
دۇنيا سودا پەرىشتىلىرى جەمئىيىتى تور بەت ئادرېسى:
http://wbaa.biz
جۇڭخۇا پەرىشتە مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتى تور بەت ئادرېسى:
http://chinaba.orgئىستانبۇل
ھېيتگاھ تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزى
www.uyghuristanbul.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heytgah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 11:01 PM