ئابدۇقادىر داموللام ھېكمەتلىرى
*ئىنساننىڭ قەدىر -قىممىتى مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەل ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن ،گۈزەل ئەمىلىيتىگە باغلىق!
*زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر-موھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان،دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.
*ھۆر ئادەم زۇلۇم ئاستىدا قىلىشقا چىدىمايدۇ.زۇلۇمغا پەقەت ئېشەكلا چىدايدۇ.
* ئەقىل ئىگىسى بولساڭ قۇرۇق دىمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال؛غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمە دىگەن ياخشى؟ بىر مەسەل باركى :كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت،مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەردۇر.خۇدا،بىزنى قانائەتلىك قىلغىن.
*ئەگەر ئادەم ئۆز مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارلاپ بولۇپ،ئۇنى<<يېيىۋەتتى>>دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە،ئۇ ئەخمەقتۇر.چۈنكى ، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا،باشقىلارنىڭ قەلبى قانداقمۇ سىغدۇرالىسۇن!؟
*ئىلىم تەلەپ قىلماقنىڭ ھۆكۈمى:ئىلىم تەلەپ قىلماق_خاھ ئەر كىشى،خاھ ئايال كىشىگە پەرىزدۇر.ئىلىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە سەۋەپچىدۇر.
*توغرا سۆزگە ئىشەنمەي،خاتا سۆزگە ئىشىنىپ،>ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان مىللەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش قىيىن.
*كىتاپنى ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمرا قىلماي،كىتاپنىڭ شەرھى_ئىزاھىغىلا ئېسلىۋالسا،گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
*كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل،سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا،ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن،
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟
تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن،
يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟
*ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.
*نەپىس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا،ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرىۋېتىدۇ .خۇدا ،نەپىسى بالاسىدىن ساقلىغايسەن!
*ئىلىم -مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت .ەھلىنىڭ شۆرىتى يوقۇلۇپ،خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ.
*غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق-يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر.
: مەنبە:سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر (1)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 10:15 PM