مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 6

ئىزلەيمەن يارنى(قاراقاش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8999
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 08:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قالدىم ئۆزەم يالغۇز-يىگانە،
يار سىنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىپ.
كىچىلەردە ئۇيقا يوق ھەرگىز،
سىنى كۈتۈپ كۆزلۈرۈم تېلىپ.

نەچچە كەزدىم يايرىم مەلەڭنى،
سىنى ئىزلەپ ئۈيۈڭگە كەلدىم.
پۇشايماندا يىغلىدىم قان-قان،
نىچۈن ساڭا كۆڭلۈمنى بەردىم.

يىغلىساممۇ-يىغلاي سىنى دەپ،
مەيلى كۈتەي كۆزلۈرۈم تالسۇن.
ۋىسالىڭدىن شادلىنىپ يۈرەك،
كەلسەڭ ساڭا يۈرۈگۈم قانسۇن.

تاغلارنى  گەر  توسىمۇ  تۇمان،
ئۇ  كۆتىرەر  بېشىدا  قارنى.
سۆيگەن گۈلۈم يىراق كەتسىمۇ،
بۇئالەمدىن ئىزلەيمەن يارنى.






                ئەركەك



بېشىم چۇۋۇق ساۋادىممۇ يوق،
گاھ يۈرىيمەن تاغدا - داۋاندا.
تىرىكچىلىك قىلىمەن شۇنداق،
نى-نىي بۈيۈك ئارزۇ-ئارماندا.

ئەزىز يۇرتۇم مىسالى باغچە،
مەن ئىشلەيمەن قۇلۇمدا قاداق.
ئۆزگىلەرگە ھەۋەس قىلمايمەن،
مەيلى دىسە ساۋاتسىز  قالاق.

ئۆز يۇرتۇمنىڭ مىھرىدە ئۆستۈم،
ئىزلىرىمدىن ئۈنەر مىڭ بۇلاق.
چارۋا - ماللار بولدى ئاداشىم،
لاي-لايلارغا سېلىپ تەڭ قۇلاق.

دادام ئېيتقان ھىكمەت ئىسىمدە،
قۇلۇم  قوشنا  ھەممىمىز  ئىناق.
توي-تۈكۈندە مەشرەپتە بىرگە،
بولسىمۇ  گەر  ئۈيىمىز  يىراق.

ئەلنى  ئويلا  دىگەنتى  بوۋام،
شۇ بوۋامنى ئەسلەيمەن بەكرەك.
چىن ۋەدەمنى قىلىمەن ئادا،
بولغاچقىمەن ھەقىقى ئەركەك.




مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش




سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:43:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيگۈ گۈلشىنىدىكى ھەر قانداق بۇلبۇل ئۆزى خالىغان ھەر قانداق گۈلگە قونالايدۇ،لىكىن پاكلىق بەرگىدە ئېچىلغان ھەرقانداق گۈل ئۆزى خالىغان بۇلبۇلنى ئۆزىگە قوندۇرالمايدۇ.


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت ئىزدەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار !

ئۇ  مۇھەببەت پاكلىقىدا ،

بىۋاپاغا نىسىپ بولماس ،

ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئاقلىقىدا ،

ۋاپا دەپ يۈمەڭلار دوسىتلار ،

سۇنۇلغان جۇلالىق ھىدسىز گۈلنى ،

چىن ئەقىدىگە باغلانسۇن سۆيگۈ ،

ھەسرەتلەر قىينىمسۇن دىلنى ،

ھىجران دەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار ،

ۋىسالسىز تۆكۈلگەن بىر تامچە ياشنى ،

پاكلىق بەرگىدىن سۇ ئىچسە گەر ،

كۆكلىتەر ھەتتا قەدىرسىز تاشنى ،

سۆيگۈ دەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار ،

قول تۇتۇشقان ئىككى سوغۇق قولنى ،

تىلگىم : ئاللاھ ئىگەم ئاپئاق قىلسۇن ،

بەختىڭلار ئۈچۈن بېسىلغان يولنى .



ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:30:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائېرلار خېلە با جۇمۇ مىسرانىمدا  

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6853
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:51:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالقىش !

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20451
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 02:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا بىر بىزىۋەتكەن بولساڭلار پەچەت ئىش بولاتتىكەن.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش