|
|
|
|
ئامېرىكىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىش ھەركىتى ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى لى جىيې (جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسى ئارمىيە ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ جوڭگۇغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىش ھەركىتى توختاپ باقمىدى. پەقەت ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سالماق جەھەتتە كۈچلۈك – ئاجىز بۇلۇش ۋە دائىرە جەھەتتە چوڭ – كىچىك بۇلۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشىنىڭ ماھايىتى دەل جوڭگۇغا قارىتىلغان مۇھاسىرە ۋە چەكلىمە. بۇ ئىلگىرىكى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا مۇھاسىرىگە ئېلىشتىن، دېڭىز ئاساس، قۇرۇقلۇق قۇشۇمچە مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.
يېقىنقى مەزگىللەردە جەنۇبىي دېڭىز (نەنخەي دېڭىزى) ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە باشقىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن جىدەل تېرىغىلى تۇردى. «سام تاغا» (ئامېرىكىنى دېمەكچى) بۇنىڭدىن پەقەتلا قانائەت ھاسىل قىلمىدى. ماي بىلەن ئىيۇندىكى خۇاڭيەن ئارىلى مەسىلىسىدە جوڭگۇ – فېلىپىن مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەندە، ئامېرىكا ھڭجۇم قوزغاش تىپىدىكى يادرو چۆكمە پاراخۇدىنى سۇبىڭ قولتىقىغا ئىككى قېتىم ئەۋەتتى. ئامېرىكا يەنە سىنگاپورغا تۆت ئۇرۇش پاراخۇدى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. سىنگاپوردەك كىچىككىنە بىر دۆلەتكە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش پاراخۇدى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلىك. ئامېرىكىلىقلار شەرقىي دېڭىز (دوڭخەي دېڭىزى) ۋە سېرىق دېڭىز ( خۇاڭخەي دېڭىزى) لارغا ئەزەلدىن بوشۇشۇپ باقمىغان. دياۋيۈ ئارىلىدا ياپونىيەلىكلەر ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا. ئامېرىكا ئورنى تېخى بىكىتىلمىگەن پۇتيەنجيەن ئايرۇدۇرۇمىدا تىك ئۇچار توختۇتىدىغان ئايرۇدۇرومغا ئىلغار بولغان MV-22 «دېڭىز بۈركىتى» ناملىق ئايرۇپىلاندىن 22 نى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ تىغ ئۇچى ئاساسلىقى جوڭگۇنىڭ چۆكمە پاراخودىغا قارىتىلغان. بۇ يىل مارتتا سېرىق دېڭىز (خۇاڭخەي دېڭىزى) رايۇنىدا ئامېرىكا بىلەن كورىيە دۇنيا بۇيىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزدى. ئىيۇندا ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە مانېۋېرنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئامېرىكا – كورىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىزدا قوغدىغۇچى ئارمىيەسىنىڭ بىرلىكتە ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە «جورجى ۋاشىنگتون» ناملىق يادىرو پاراخۇدى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز ئاساس، قۇرۇقلۇق قوشۇمچە» بولىشىدىكى بىر سەۋەپ شۇكى، جوڭگۇنىڭ تاشقى سودا تىجارەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %90 ى دېڭىز تىرانسىپورتى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. بەشتىن ئۈچ قىسىم بايلىق دېڭىز ئارقىلىق ئايلىنىدۇ. خام نېفىت، تۆمۈر رودىسى، كاۋچۇك قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنىڭ دېڭىز ئارقىلىق ئىكىسپورت قىلىش خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرۇدىكى، دۆلىتىمىز دېڭىز لىنىيەسىگە ۋە دېڭىز يولىغا تايىنىشى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىدا. ئەلۋەتتە ئامېرىكا بۇ نوقتىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ. ناۋادا زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا دېڭىزنى قامال قىلىپ ۋە چەكلەپ جوڭگۇنىڭ تېز سۈرئەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بىز چوقۇم سەگەك ھەم ھۇشيار تۇرىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقتا جوڭگۇغا بولغان چەكلەش ۋە مۇھاسىرىنى تېخى بوشاشتۇرغىنى يوق. مەسىلەن: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئارمىيە تۇرغۇزۇش ۋە رەڭلىك ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جوڭگۇ بىلەن ئقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكىنىڭ جوڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش چۈشى ھامىنى بىر چۈش، خالاس. مەنبەسى ئالىم بىز بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 11:10 PM
|
|
|
|
|
|