«تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!»
(ساتىرا)
(بىر تورخۇمار تىلىدىن)
(ئىزاھات: تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنيا. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،كۈندە دېگۈدەك تور دۇنياسىغا ئەسىر بولۇپ قېلىۋاتقانلار ئىچىدە، ئەخلاقنى،ئادەمىيلىكنى، ھەتتا ئىناق ئائىلە-پەرزەنتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، توپ-توپ ئەر-ئاياللارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى«ئاشىق-مەشۇقلار»دىن بولۇشۇپ، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ،نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى...كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ئىشلار ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى...ئاخىرى چولتا قەلەمنى ئازراق چاپتۇرۇپ باقتىم.... ئىشىنىمەنكى،بۇ ئاددىي ئەسىرىم تور مەستانىسى بەزى ياشلىرىمىزغا ئازراق ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس....
«مەۋھۇم دۇنيا تور دېگەن» دېسە،
سېلىپ شەيتان دىلغا ۋەسۋەسە،
كىرىپتىمەن،بولدى دەرد-ئېسە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
ماھارەتتە يېزىپ ئەسەرلەر،
(خىيالىمدا بېزەپ قەسىرلەر)
مۇنبەر ئارا قوزغاپ تەسىرلەر،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
كۈنلەر ئۆتتى،ئاينى قوغلاپ يىل،
بىر گۈزەلگە باغلاندى بۇ دىل،
ھاياتىمدىن قىيىق كەتتى قىل،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
پاراڭلاشتۇق-«تېخى قىز»دېدى،
«جۆرە بولۇڭ ماڭا سىز»دېدى،
يېپىشتى چىڭ، داۋام ئىزدىدى،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
تونۇشلاردىن دوستقا ئايلاندۇق،
جانان بىر ئەت، پوستقا ئايلاندۇق،
مانا ئەمدى تۈگەل باغلاندۇق،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
كوت-كوت پاراڭ تۈگىمەي كۈندە،
ئۇيقۇ كەلمەي كېچىدە-تۈندە،
نالە قىلدىم بوغۇق بىر ئۈندە:
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
ئىكرانلارغا مىختەك قارىشىپ،
قەلبىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ،
كېچە-كۈندۈز«سۆيۈپ-يالىشىپ»
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.
خىيالىمدا شۇ گۈزەل جانان،
پاك سۆيگۈسى قەلبىمگە ئايان،
ئۇ يىراقتا- پىراقتا ھامان،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
سىملار ئارا ئۇچار خېتىمىز،
ئۈزۈلمەيدۇ شېرىن گېپىمىز،
گاھ «ئەر-خوتۇن» بولۇپ كېتىمىز،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
مۇشائىرە يېزىپ-ئۈنلىشىپ،
ياتلاردىنمۇ ھەتتا كۈنلىشىپ،
يۈز كۈرۈشمەي ئاشىق بولۇشۇپ،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
كورۈشمىسەك كۇندە ئون قېتىم،
بۇزۇلىدۇ تۇرمۇشتا رېتىم،
قۇتراپ تۇرار داۋام شەيتىنىم
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
يىگەن سىڭمەس،تەنگە ئۇنىڭسىز،
ئەت قوشۇلماس ئەتكە ئۇنىڭسىز،
دېڭىزدىكى بېلىقمەن، سۇسىز،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
كىرىپ چىقماس ئۆي-ئايال ئەسكە،
بالىلارچۇ، ئوخشايدۇ خەسكە،
بۇنداق ياشاش توختىدى تەسكە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
«بىر كۆڭۈلنى بۆلۈپ بولمايدۇ»
دېگەن گەپنى بىلىپ بولمايدۇ،
بۆلدۈم مانا،ئۆلۈپ بولمايدۇ،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
يوق بولسىمۇ ئۈمىد، ۋىسالدىن،
يىمىرىلمەس سۆيگۈ بۇ ھالدىن،
سەۋدالىقتا بولدۇم ئوسالدىن،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
ۋەدىلەشتۇق بىللە ئۆتۈشكە،
چىن ۋىسالدىن شەربەت ئىچىشكە،
تېخى ھەتتا جاندىن كېچىشكە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
************************
بىلسەم جانان،ئۆيى بار ئىكەن،
بالىسى ھەم ئېرى بار ئىكەن،
لېكىن شۇنداق خۇيى بار ئىكەن،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
بار مېنىڭمۇ ئۆيۈم-ئايالىم،
ھالال جۈپتۈم ھەم ۋاپادارىم،
قايتتى بۈگۈن توردىنمۇ رايىم،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
«كۆيگەنمۇ يا كۆنگەن يامانمۇ»
كۆنۈپتىمەن،بىلدى جاھانمۇ،
ئاھ، ئايرىلىش ماڭا ئاسانمۇ؟
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
قىيناپ ئىككى«جانان»نىڭ دېغى،
تىنچ كۆڭۈلنى باستى غەم تېغى،
قىينىدىغۇ ۋىجداننىڭ تىغى،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!
مەۋھۇم دۇنيا قىلمىسۇن ئەسىر،
رېئاللىقتا سەن سۆيگەن ئەتىر،
قىسمەتلىرىم قىلسۇنچۇ تەسىر،
ئاگاھلارغا يار بەخت ۋەسلى!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 07:46 PM