پاراخوتتا
(ھېكايە)
سەۋىردىن ھېنىپىدىن
(بۇ ھىكايدىكى توقۇلمىلار مەلۇم بىر شەخىسنىڭ بېشىدىن ئوتكەن ۋەقەلىكە ئوخشاپ قالسا بۇ ئاپتۇرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس)
ئۇ پاراخوت سۇپىسىدا رىشاتكىغا يۆلنىۋىلىپ چەكسىز دېڭىزغا تويماي قارايتى . بوشلۇقنى سۇمۇرىۋالىدىغاندەك چوڭ–چوڭ نەپەس ئالاتتى .بېشىدا ئۇچۇپ ئۆتكەن بېلىقچى قۇشلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۇزىنى خىيالى بىر دۇنيادا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى .پاراخۇت بىلەن تەڭ ياندىشىپ كىتىپ بارغان دېڭىز دىلفىننڭ ئوقتەك مېڭىشى ئۇنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇرغانتى .ئۇ چەكسىز ئۇپۇققا ئۇزاق قاراپ ئېغىر خىياللار قوينىغا شۇڭغىدى .
بۇگۇن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ،ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش بولغان كۇن . چۇنكى شىركەت دېرىكتورى ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي خىسلىتىنى ماختاپ ئۇنى مۇئاۋېن ئەترەت باشلىقىغا ئۆستۇرگەنلىكىنى شۇنداقلا ھۆججەت چۈشۈرۈپ بارلىق ئىشچى– خىزمەتچىلەر ئالدىدا ئىلان قىلدىغانلىغىنى ئېيتتى .ھەمدە ئۇچ كۇندىن كىيىن شىركەتتىكى ئىلغار كادىرلار، ئەمگەك نەمۇنچىلىرى قاتارىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يىگىرمە كۇنلۇك سەيلە–ساياھەتتە بولدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى .گەرچە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ خوشالىقتن يۇرىكى يېرلىپ كىتەي دىسىمۇ ،باش دېرىكتۇر ئىشخانىسىدىن ئالدىرماي تەمكىن يېنىپ چىقتى .ئۇ سىرتقا چىققاندا بارلىق كائىنات ھەتتا دەل– دەرەخلەردىن تارتىپ ئۇنىڭغا مەدھيە ئوقۇۋاتقاندەك ھەتتا ئۆزىنى بىرگەز ئگىزلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى .ئۇ شۇ تاپتا بۇ خۇش خەۋەرنى ئىككى ئوماق ئوغلىنىڭ ئانىسى رابىيەگە ئېيتىش ئۇچۇن ئالدىراش تاكسىغا چىقىپ ماڭدى.دىمىسىمۇ ئۇ مۇشۇ كۇنلەر ئۇچۇن ئاز ئەجىر قىلدىمۇ ،ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 20يىللىق بۇرغىلاش ھاياتىدا مەيلى تومۇز، مەيلى زىمىستان سوغۇق بولسۇن ھەر قانداق مۇشكىلات ئالدىدا ۋايساپ قۇيمىدى .قار– بوران شىۋىرغاندا بۇرغا سۇپىسى ئۇستىدە قانچىلىك قىينالغانلىقىنى ھەتتا يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆيگە كىلىش پۇرسىتىگە ئېرشەلمىگەندىمۇ قىلچىلىك زارلىنپ باقمىدى . بىپايان جۇڭغار ئويمانلىغىدا ئۇنىڭ ئايغى تەگمىگەن ھېچقانداق ئوي –چۆڭقۇر يوق .ئۇ ھامان بىر كۇنلەردە بۇ جاپانىڭ كەينىدە چوقۇم بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكۇپ ياتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا شېرىن خىياللارغا چۇمەتتى .چۇنكى ئۇ ناپالىئۇننىڭ ‹‹گىنرال بۇلىشنى ئويلىمىغان ئەسكەر، ياخشى ئەسكەر ئەمەس ››دىگەن سۆزىنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلۋالغانتى .مەن گەرچە ئەسكەر بولمىساممۇ ،دەيتتى ئۇ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ئىشچىلىقتىن ئەترەت باشلىقلىقىغا ، باش دېرىكتورلىققا شەھەر ھەتتا ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك كادىر بولۇش ئۇچۇن تېرشىپ ئىشلىشىم، جاپاغا چىدىشىم كېرەك دەيتتى . شۇڭلاشقىمۇ 20يىللىق جاپالىق خىزمەت ھاياتىنىڭ قانداق ئۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ .ئۇ شېرىن خىياللار ئىلكىدە ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنى سەزمىدى .ئۇ ئايالى رابىگۇلنى يىنىك قۇچاغلاپ بۇگۇنكى يېڭىلىقنى تۇللوق ئېيتىپ بەردى .كەچتە ئىككى ئوغۇلىنى ئېلىپ ئائىلە بۇيچە سىرتقا چىقىپ تاماق يىدى .شۇ كۇنى ئايالى رابىگۇل ئۇنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۈيۈپ ئۇنىڭ كەلگۇسى شان–شەرىپى ئۈچۇن ئۆز ساداقىتىنى بىلدۇردى ... ئۇ چەكسىز ئۇپۇققا تويماي قارايتتى . دېڭىز سۇيى خۇددى ئاسمان بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەندەك ياپيېشىل بىر مەنزىرنى شەكىلەندۇرگەنىدى .ئۇ شۇندىلا يۇرتى قاراماينى ، بىپايان جۇڭغار ئويمانلىغىنى ، چەكسىز قۇربان تۇڭغۇت چۆلىنى ئويلاپ تەڭرىنىڭ تەبىئەتكە ئاتا قىلغان بۇ گۇزەل مەنزىرىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ،ھەمدە پاراخۇت سۇپىسىدا تۇرۇپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۇشتى . ئۇشتۇمتۇت سۈرەتچى قىزنىڭ يېنىدىكى بىر قىز ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى .ئۇ قىز بالىدىن كۆزنى قاچۇرغان بولسىمۇ قىزنىڭ ئورۇق گەۋدىسى ،شەھلا كۆزى ،كۆتۇرلۇپ چىققان كۆكسى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى. ئۇ يەر تېگىدىن قىزغا قاردى . قىز تېخىچىلا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى . شۇچاغدىلا ئۇ قىزنىڭ تولىمۇ گۇزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى .ھەمدە دېققىتىنى يىغىپ قىزغا قاردى .بۇ چاغدا قىز ئۇنىڭغا بۇياققا كىلىش توغۇرلۇق ئىشارەت قىلدى. بىردىنلا ئۇنىڭ دىلىنى ۋەھىمە چۇلغىۋالدى .قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇ نىمىش قىلدىغان قىزدۇ ؟ كۇتكۇچىمىدۇ ؟ يا مۇخپىرمىدۇ ؟يا بولمىسا ئۇچتە ھەمرا خېىنىملاردىنمىدۇ ؟ مېنى چەتئەللىك كۆرۇپ قىزىقىۋاتامدۇ– يا ؟چاقماق تېزلىكىدە كەلگەن خىيال ئۇنىڭ بېشىنى ئوچاق قىلۋەتتى . بىردىنلا ئۇنىڭغا غەيرەت كىرگەندەك بولدى .مەيلى نېمىلا بولمىسۇن كەينىدىن مېڭىش كىرەك .ئويناپ كەلگەندىن كىيىن ئويناپ كىتىشىم كېرەك .ئۇ شۇلارنى ئويلىدى دە ،جىسمىغا بىرخىل شېرىن سېزىم تارالغاندەك بولدى .ئۇ قىزغا يېقىنلاشتى .قىز ئىللىق كۇلۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى. ئۇ قىزغا ئەگىشىپ ئاستىنقى قەۋەتتىكى تولىمۇ چىرايلىق بىزەلگەن بىرھوجرىغا كىرىپ قالدى. بۇ ئۆي قارىماققا كۇتكۇچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ئۆيدەك قىلاتتى. ئۇ ھۇجرىغا كىرىپ كەلگەندە قىز چاققانلىق بىلەن ئىشىكنى يىپىپ ئۇلگۇردى ،ھەمدە قاپاقنى تۇرۇپ :
–مىڭ سوم پۇل چىقار ، دىدى تۇلۇق خەنزۇ تەلەپپۇزدا بۇ چاغدا ئۇنىڭ تەلەتىدىن بايقى تەبەسسۇمدىن ئەسەرمۇ قالمىغانتى .
– نىمە ! مەن نىمىش قىلغانغا مىڭ سوم بەرگۇدەكمەن .مەن يا سىنى تونمىسام ، سەن ماڭا ئىشارەت قىلدىڭ ، ياردەم كېرەك ئوخشايدۇ دەپ كىردىم ، دىدى ئۇ ، دۇدۇقلاپ.تەمتىرگىنىچە خەنزۇ تىلىدا :–
–تولا گەپ قىلماي چىقار دىگەندىن كىيىن چىقار ،بولمىسا ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ توۋلايمەن ، كىيمىمنى يېرتىمەن . قىز كاللەك قىلۋالغان چېچىنى بىر تارتىپ چۇۋۇدى . ھەتتا كۆپتىسىنى تارتىپ ئىككى تال تۇگمىسىنى ئۇزۋەتتى .قىپ-قىزىل پول ئۇستىگە تاراقشىپ چۇشكەن ئىككى تال تۇگمە ئىككى -ئۇچ قاڭقىپ دۇملاپ كارۋاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ بېشىدىن چاقماق چاققاندەك ئەندىكتى .كۆزى ئېلىشىپ پىشانىسىدىن مۇنچاق– مۇنچاق تەر ئېقىشقا باشلىدى.قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەگەر ۋاقىراپ سالسا پاراخۇتتىكى ھەممە ئادەم پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك ئولىشىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئىداردىن بىللە كەلگەن كادىر ، ئەمگەك نەمۇنچىلىرى ئالدىدا....ئاھ ! خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغىن ، بۇ نىمە رەسۋاچىلىق.. ،ئەمدى بىر ئىداردا كۆزگە كۆرۇنۇپ ئىشلار روناق تېپىۋاتقاندا قۇيرۇغۇمنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇشتىن خۇدا ساقلىسۇن . ئۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدى . پاراخۇتتىكى ماترۇستىن تارتىپ كاپتانغىچە مۇشۇ قۇيمىچىنىڭ ئادەملىرىدەك ھېس قىلدى .ئەگەر يۇرتۇم بولغان بولسا ھە ، نىمە كۆرسەم كۆرەتتىم .بىراق كىشنىڭ شەھرىدە ئۆزەمنى ئوسال قىلىشتىن ئارتۇق ئىش يوق . جىددى ئەمما ۋەھىمىلىك خىياللار ئۇنى تولمۇ ياۋاش ھەم بىئارام قىلۋەتتى.
–بەش يۇزيۇەن بېرەي بۇلامدۇ ؟مىنىڭ يېنىمدا ئۇنداق كۆپ پۇل يوق .
–بولمايدۇ،بىر تىيىن كەم بولسا بولمايدۇ .سەن مىنىڭ ھۇجرامغا ئۇسۇپ كىردىڭ ، بېرەمسەن بەرمەمسەن ؟ مەن توۋلىدىم ئەمسە .ئادەم بار...
–بولدى بېرەي، بېرەي ،..ئۇ پورتمىلىدىكى ياناشىدا ئايالىغا سوۋغا ئېلىۋالارمەن دەپ ساقلاپ قويغان ئاخىرقى مىڭ يۇەننى ساناۋاتقاندا قوللىرى يۇپۇرماقتەك تىتىرەپ ،بىشىدىن قۇيۇلغان تەر بۇنىدىن ئېقىپ يەرگە چۇشەتتى .ئۇ ھۆجۇرغا قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق تىز پاراخۇت سۇپىسىغا چىقىۋالدى – دە ،ئۇف .دەپ ئېغىر تىنىدى .ئۇنىڭغا ئەمدى ساياھەتنىڭ، ھېچ مەنىسى قالمىغاندەك ماغدۇرسىز بەدىنىنى پاراخوت رىشاتكىسىغا يۇلىگىنىچە يىراق ئۇپۇققا قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ يادىغا ۋااپادار ئايالى رابىگۇل دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ ئىپپەتلىك ،ئەڭ سۇيۇملۇك ئايالدەك بىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 03:17 PM